تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقىش

□ گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

«15 - بەش يىل»نىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى ئاستا - ئاستا نامايان بولغاندا، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 105 يىلنى بېسىپ ئۆتكەن 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرماقتا.

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، 105 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسى، ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى ۋە خۇلاسىلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتالىشىدىكى ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى مۇساپىدە بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، پۈتۈن پارتىيەگە جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۇلۇغ چاقىرىقى چىقاردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

تاغنىڭ ھەيۋەتلىك بولۇشى ئومۇرتقىسىغا باغلىق، كېمە يۈرگەندە رولچىغا تايىنىدۇ. 105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى. 105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان توغرا يولنى ئاچتى، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، قۇدرەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقتى.

جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيە بارلىققا كەلدى، شىنجاڭ تۇپرىقىمۇ يورۇقلۇق ۋە ئۈمىدنى كۈتۈۋالدى. 105 يىلدىن بۇيان، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا يۈزلەندى، ئارقىدا قېلىشتىن تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەندى، نامراتلىقتىن بېيىشقا يۈزلەندى، بېكىنمە ھالەتتىن ئېچىۋېتىشكە يۈزلەندى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ماس ئورتاق ئىلگىرىلىدى، مەدەنىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سىجىل ئاشتى، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ، ھەر مىللەت ئامما ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ ئەڭ كۆپ بولغان تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويۇلدى. ئاسمان - زېمىن گۇۋاھ، تاغ - دەريالار ئىسپات، كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، ۋەتەن قوينىدا گۈللەپ ياشناۋاتقان گۈزەل شىنجاڭ تېخىمۇ بولمايتتى.

تارىخنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا نامايان بولدى؛ دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسى يېڭى كۈرەش داۋامىدا پۈتۈپ چىقىلدى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. ئالغا ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل، بۇرچ قانچە شەرەپلىك بولغانسېرى، ئوتتۇرا ئېقىمدا مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ تۇرىدىغان «يول باشلىغۇچى»غا شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىمىز. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە سۆزنىڭ روھىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

ئۇزۇن مۇساپىدە ئۆتكەللەردىن ھالقىپ ئۆتتۇق، پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ، يەلكەن چىقىرىپ كەلگۈسىگە ئاتلاندۇق. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا كىشىلەر يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 热衣拉·阿扎提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.