تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى!»

− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، جاڭ يەن

غايە ۋە بۇرچ ئۈچۈن ئىرادىسىدىن يانمايدىغان، توختىماي كۈرەش قىلىدىغان بىر ئۇلۇغ پارتىيە ئۆزىنىڭ 105 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

105 يىلدا، نۇرغۇن بوران - چاپقۇن ۋە جەبىر - جاپانى باشتىن كەچۈرۈپ، قايتا - قايتا تاۋلىنىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ شان - شەرىپى ۋە ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئالدى!

105 يىلدا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى ماڭدى!

«<ئۇلۇغ ئىشلار ئۇلۇغۋار غايە ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇلۇغ تۆھپە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.> يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىشى 100 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

بوران - چاپقۇندا تەۋرىنىپ تۇرغان قىزىل كېمىدىن جۇڭگوغا يول باشلايدىغان ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتقىچە، ئەڭ دەسلەپكى 50 نەچچە كىشىلىك تەشكىلاتتىن تەرەققىي قىلىپ دۇنياۋى زور تەسىر كۈچكە ئىگە دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلاندى. دۇنيا «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو؟ نېمە ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى؟» دەپ ھەيران قالغاندا، يېڭى دەۋردىكى تۈركۈم - تۈركۈم مۇنەۋۋەر نەمۇنىچىلار بۇ مەسىلىنى چۈشىنىشتىكى «ئاچقۇچ» بىلەن تەمىنلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر ئېتىز - ئېرىق، يېزا - قىشلاقلار، شەھەر مەھەللىلىرى، زاۋۇت سېخلىرى، پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپى، قىسىم گازارمىلىرى، ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدىن كېلىپ بىر يەرگە ئورتاق جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9لاردا، جىڭشى مېھمانسارىيىدا، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر كوللېكتىپ ھالدا مۇراسىم ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، 21 مۇراسىم موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن خەلق سارىيىغا يۈرۈپ كەتتى. بۇنىڭغا خەلقنىڭ ھۆرمىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، دەۋرنىڭ ھۆرمىتى نامايان قىلىندى.

ئون چاقىرىملىق ئۇزۇنلۇقتىكى كوچا سوزۇلۇپ بىر داغدام يول ھاسىل قىلدى؛ ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ، نۇرغۇن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى. ئاپتوموبىل ئەترىتى شىنخۇامېندىن ئۆتكەندە، دەرۋازا ئىچىدىكى دالدا تامدىكى «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن چوڭ خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، 105 ياشلىق بۇ چوڭ پارتىيەنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، قەيەرگە بارىدىغانلىقى، قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى بايان قىلىپ تۇراتتى.

خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا قىزىل پايانداز سېلىنغانىدى، قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مىلتىقلىرىنى تۇتۇپ تىك تۇرۇپ، نەمۇنىچىلارنى كۈتۈۋالدى، تۆھپىكارلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى. ئاپتوموبىللار يېتىپ كېلىپ ئىشىكى ئېچىلغاندا، كىشىلەر نەزەرىنى ھەربىر تۆھپىكار پارتىيە ئەزاسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پەلەمپەيدىن چىقىپ، خەلق سارىيىغا كىرىشىگە دىققەت بىلەن قاراپ تۇردى.

«قارشى ئالىمىز، قارشى ئالىمىز، قىزغىن قارشى ئالىمىز!» «قارشى ئالىمىز، قارشى ئالىمىز، سىزگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!» ياش - ئۆسمۈرلەر پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقى ۋە گۈللەرنى پۇلاڭلاتتى، تەنتەنە سادالىرى ئۈزۈلمىدى. پورەكلەپ ئېچىلغان خۇديېلەن، ليەنخۇاگۈللىرى ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق ئىدى، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان «قىزىل بايراققا مەدھىيە» مېلودىيەسى ياڭرىدى.

خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىدىكى ئارقا پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چاقناپ تۇرغان پارتىيە گېربى، پارتىيە گېربىنىڭ ئاستى تەرىپىگە «2026 − 1921» دېگەن رەقەم بەلگىسى ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى.

«2026 − 1921» ھەيۋەتلىك تارىخىي كۆرۈنۈشلەرنى نامايان قىلىپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان جەسۇرانە ناخشا پۈتۈلگەنىدى.

سائەت ئىسترېلكىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10نى كۆرسەتكەندە، قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىن مەيدانىغا كىردى.

«قوزغال! قۇل بولۇشنى خالىمىغانلار! گۆش ھەم قېنىمىز بىلەن مەھكەم ئىستىھكام قۇرايلى!» «پىدائىيلار مارشى»نىڭ ھەيۋەتلىك مېلودىيەسى زالدا ياڭرىدى −

ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىشقىچە، مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىشتىن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشكىچە، ۋەتەن ۋە خەلقنى قۇتقۇزۇشتىن دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىشقىچە، دۆلەت ئاجىز، قالايمىقان بولۇشتىن مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكىچە... 105 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قەھرىمان جۇڭگو خەلقى قەدەممۇقەدەم ئورنىدىن دەس تۇردى، بېيىدى، قۇدرەت تاپتى!

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ <1 - ئىيۇل ئوردېنى> بېرىش توغرىسىدىكى قارارى» ئوقۇلۇپ بولغاندا، نەق مەيداندىكىلەر ئالقىش ساداسى ياڭرىتىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

بايراقچى پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھۆرمەت قاراۋۇلى مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى كۆتۈرۈپ، مۇراسىم نەق مەيدانىغا كىردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن بېرىپ، ئۇلارغا پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپنى بەردى.

ئاددىيلىق ئۇلۇغلۇقنى يارىتىدۇ، قەھرىمانلار خەلق ئارىسىدىن كېلىدۇ. مەدھىيە سۆزلىرى ئىخچام ھەم چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىنى نامايان قىلدى −

«ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرغان <داڭلىق مۇرەسسەچى> ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەتنى مۇرەسسە قىلىش ئەندىزىسى ۋە ئاممىۋى خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىللىق مېھىر - مۇھەببىتى ئارقىلىق خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى، سەمىمىيلىكى بىلەن قەلبلەرنى ئىللىتتى، ئامما ئۇنى يېقىملىق قىلىپ <لاۋما> دەپ ئاتىدى.» ما شەنشياڭ تۇنجى بولۇپ ئالدىغا چىقتى، «لاۋما»نىڭ قەدەملىرى مەزمۇت بولۇپ ھاياجانلانغان ھالدا كۆپچىلىككە قول پۇلاڭلاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ۋەزىنلىك «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى ئۇنىڭ مەيدىسىگە ئېسىپ، ئۇنى تەبرىكلىدى.

«نامى ۋە تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ كەلگەن قەھرىمان پېشقەدەم ئەسكەر 18 يېشىدا ھەربىيلىككە قاتنىشىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، كۆپ قېتىم ئۇرۇشتا قالتىس خىزمەت كۆرسەتتى، كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۇنتۇماي، نام - مەنپەئەتكە بېرىلمەي، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش جاراڭلىق قەسىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلدى.» 90 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچى ۋاڭ يۈچاڭ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ ئۇنى رەئىس سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە ئېلىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ھالدا ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ تۇتتى.

چوڭ زالنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېكراندا «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ خىزمەت سۈرىتى كۆرسىتىلىۋاتاتتى. نەچچە ئون يىل جاپالىق ئەجىر خاتىرىلەنگەن «ۋاقىت پارچىلىرى» ئېكراندا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نامايان بولدى.

بۇ بىر پارچە يېشىللىق. شوخلىلار شاخلىرىغا لىق تولغان ئېتىزلىقتا، خېنەن پۇياڭ ناھىيەسى شىشىنجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى ليەنچېڭ خۇشال كۈلۈپ تۇراتتى. 2019 - يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ئۇ باش شۇجى شى جىنپىڭغا «دېھقانلارنىڭ سەككىز ئارزۇسى»نى يۈزتۇرا سۆزلەپ بەرگەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، ئىلگىرىكى ئارقىدا قالغان كەنتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنتكە ئايلاندۇردى.

بۇ ئېكراننى قاپلىغان ئاپئاق كۆرۈنۈش. قار - شىۋىرغان قاپلىغان دالىدا، ئۇقاس سۈلەيمەن دورا ساندۇقىنى يۈدۈپ، تاياققا تايىنىپ، شامالغا قارشى جاپالىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتى. ئۇ ئىلگىرى: «چارۋىچىلار ئېھتىياجلىقلا بولسا، ئاسماندىن پىچاق ياغسىمۇ، مەن يەنىلا بارمىسام بولمايدۇ» دېگەنىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارغا ئوردېن ئېسىپ قويغاندا، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ نەزەرى ئۇلارغا چۈشتى، ھۆرمەت ئالقىش سادالىرى ئارقا - ئارقىدىن ياڭرىدى.

85 ياشلىق جاۋ يافۇ ساپ تۇپراق ھىدىنى ئېلىپ كەلدى، يېقىندىلا ئۇ تېخى جياڭسۇ جۈرۇڭ شەھىرىنىڭ دەيجۇاڭ كەنتىدىكى ئېتىز قىرىدا شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەنىدى. ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، بۇ ئاگرونوم ھەر يىلى يەنىلا ئۈچتىن ئىككى قىسىم ۋاقتىنى ئېتىز بېشىدا ئۆتكۈزىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ: «سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟» دەپ سورىدى. جاۋ يافۇ ھاياجانلانغان ھالدا: «ناھايىتى ياخشى! باش شۇجىغا رەھمەت!» دېدى.

ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى 90 ياشلىق مۇتەخەسسىس جۇڭ جۆ قارا چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكىچە بولغان نەچچە ئون يىلدا ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، باشتىن - ئاخىر پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېڭىشىپ تۇرۇپ چاقلىق ئورۇندۇقتىكى جۇڭ جۆ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. «باش شۇجى، سىز ناھايىتى جاپالىق ئىشلەيسىز، ئۆزىڭىزنى كۆپرەك ئاسراڭ!» دېدى جۇڭ جۆ.

تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپ، يۈكسەك شان - شەرەپكە ئېرىشكەن جۇڭ جۆ كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىزنىڭ ھازىر مۇشۇنداق ياخشى تەرەققىي قىلىشى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن بولدى. پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى بىردەك ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قۇرۇلغان چاغدىكى ئەسلىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھازىرغىچە ئىزچىل كۈرەش قىلىپ، نامرات، ئارقىدا قالغان دۆلەتنى پۇقرالارنى بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.»

شان - شەرەپكە ئىلگىرىكى تۆھپىلەر مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، يېڭى كۈرەشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.

يىغىندا مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لار تەقدىرلەندى. 141 يولداشقا، ۋاپات بولغان سەككىز نەپەر يولداشقا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دەپ نام بېرىلدى؛ 150 يولداشقا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» دەپ نام بېرىلدى؛ 399 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىغا «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دەپ نام بېرىلدى.

«ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لار ۋەكىللىرى مېدال ئېسىپ، مەيدىسىگە قىزىل گۈل تاقاپ، سەھنىگە چىقىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىشىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، تۆمۈريول ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، پورت ئىشچىلىرى، تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر، خەلق ساقچىلىرى بار... ئۇلار مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئەمگەكچىلەرگە، تۈرلۈك كەسىپلەردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

قىزىل كاستۇم - بۇرۇلكا كىيگەن، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى ۋۇ ياچىن مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، سۆز قىلىش سەھنىسىگە كەلدى.

2020 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋۇ ياچىن تۇرغان چاڭچۇن شەھىرى كۇەنچېڭ رايونى تۇەنشەن كوچا باشقارمىسى چاڭشەن گۈللۈكى مەھەللىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، مەھەللىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىگەنىدى.

«باش شۇجى شۇ قېتىم كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا: سىز يانغىنغا ئوخشايدىكەنسىز، ياخشى ئىشلەڭ، دەپ رىغبەتلەندۈردى، بۇ سۆزنى مەن ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايمەن. مەن شۇنى چوڭقۇر بىلىمەنكى، بۇ يانغىننى مەن بىرلا ئادەم لاۋۇلداتمىغان، پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى، تەشكىلنىڭ ئىشەنچى، ئاھالىلەرنىڭ قوللىشى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ يانغىننى بارغانسېرى لاۋۇلداتقان.» ۋۇ ياچىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئامما قەيەردە بولسا، مېنىڭ ئىش ئورنۇم دەل شۇ يەردە. مەن بىر ئۆمۈر ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىشنى خالايمەن، تەشكىلنىڭ تەربىيەسىنى يەردە قويمايمەن، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويمايمەن.»

بىر توپ كىشىلەرنىڭ، بىر پارتىيەنىڭ ئىنتىلىشى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولسا، ئۇلار ئاتلانغان ئىشلار چوڭقۇر ئاساسقا، كەڭ ئەندىزىگە، مەڭگۈلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ.

ۋاقىت ئەڭ ئۇلۇغ قەلەم تەۋرەتكۈچى، تارىخ ئەڭ سادىق خاتىرىلىگۈچى.

«105 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئويغىنىشى داۋامىدا، ماركسىزم - لېنىنىزمنى جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچى بار بولدى، ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىككە تولغان، نامرات ھەم ئاجىز جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل تارىخىي زور ئۆزگىرىش باشلاندى.»

«105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردىكى جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت ۋە ئۆزگىرىشلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى پۈتتى.»

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە 105 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسى، ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى، يەكۈنلىدى −

«105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى.»

«105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان توغرا يولنى ئاچتى.»

«105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.»

«105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.»

«105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقتى.»

«ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچ» ئەڭ ئۇلۇغ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستان»نى پۈتتى. بۈگۈنكى جۇڭگو ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ قوشقان تۆھپىسى ۋە قۇربان بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ توختىماي ئىلگىرىلەپ جان تىكىپ ئېلىشقانلىقى ۋە كۈرەش قىلغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

نەق مەيداندا تەقدىرلەنگەن، يېشى ئەڭ چوڭ بولغان، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 94 ياشلىق چېن خوۋچۈننىڭ چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بولۇپ، ناھايىتى ھاياجانلاندى، پارتىيەگە كىرىپ رەسمىيلەشكەن ئاشۇ كۈن − 1957 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە ئىدى. «دەل شۇ كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ماۋ جۇشى موسكۋادا بىز جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلدى، ماۋ جۇشى <ئۈمىد سىلەردە> دېدى، بۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك كۈرەش بۇرغام. بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئىنتىلىدىغان ئارزۇيىمىز دەل ئەمدى بوزەك بولمايدىغان، باي - قۇدرەتلىك جۇڭگونى كۆرۈش، بۇ ئارزۇ ئىشقا ئاشماقتا! پارتىيەمىزنىڭ 105 يىللىق تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى پارتىيەمىزنىڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى!»

تارىخ رېئاللىقنى يورۇتىدۇ، سەپەرنىڭ ئاخىرقى چېكى بولمايدۇ. ئىلگىرى بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرۈپ يەتسەك، ئاندىن كەلگۈسىدە قانداق قىلىپ داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرالايمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەر ۋە سىياسىي كۈچلەرگە قارىغاندا تەڭداشسىز ئېسىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالتە جەھەتتىن چوڭقۇر خۇلاسىلىدى −

«قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى باشتىن - ئاخىر دەل جايىدا ئىگىلىدى.» «خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى.» «تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىدى.» «تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى.» «دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، باشتىن - ئاخىر جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ساقلىدى.» «ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى.»

«بۇ ئېسىل ئالاھىدىلىكلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق شىفىرى. بىز يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك ئىجادچانلىق، ئۇيۇشقاقلىق، جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.» يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي ئىشەنچى ۋە تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى ئۇنىڭدا تولۇپ تاشتى.

پارتىيەمىزنىڭ غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىدىكى سەۋەب دەل بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ پارتىيەنىڭ گېنىغا سىڭىپ كەتكەنلىكىدە، پارتىيەنىڭ تومۇرىدا ئاققانلىقىدا.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن ۋەزىنلىك شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى ۋاڭ كېخاۋ ئىنتايىن ھاياجانلاندى: «باش شۇجى بىزنى <ئىشچان ھەسەل ھەرىلىرى> <گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ياراتقۇچىلىرى> دەپ ماختىدى. تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىمىزنى جۇلالاندۇرۇپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيە بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ كۈرەش قىلىپ، چىن قەلب بىلەن تېز ئىلگىرىلەپ، بۇرچىمىزنى جەزمەن ئادا قىلىشىمىز كېرەك!»

مەيدىسىگە قىزىل گۈل تاقىغان جياڭسۇ شۈيى ناھىيەسى خۇاڭخۇاتاڭ بازىرى لۇگوۋ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شۈ لىڭنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى، جۇڭگونىڭ لياۋنىڭ ناملىق تۇنجى ئاۋىياماتكىسىدىكى ئايال رولچىدىن بۈگۈنكى كۈندە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى باشلامچىغىچە، ئۇنىڭ خىسلىتى ئۆزگەرمىدى: «باش شۇجى ماڭا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەرگەندە، مەن باش شۇجىغا ئۆز كەچۈرمىشلىرىمنى دوكلات قىلدىم، باش شۇجى مېنى ئىلھاملاندۇرۇپ <قالتىسكەنسىز، داۋاملىق تىرىشىڭ> دېدى. مەيلى <چوڭقۇر كۆپكۆك دېڭىز> ياكى <ياپيېشىل ئېتىز - دالىلار>دا بولسۇن، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، كەسىپنى پۇختا تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە بايرىقىنى يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.»

شانلىق تارىخ كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ، پارلاق كەلگۈسى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىغا يېڭى ھەرىكەت بۇيرۇقى چىقاردى −

«مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ! تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ! پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى، جەزمەن دادىل كۈرەش قىلىشى، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك!»

ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» خەلق سارىيىدا ياڭرىدى، ياڭراق، چوڭقۇر مەنىلىك مېلودىيە تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسىنى تۇتاشتۇردى: «بىرلىشەيلى ئەتىگە، ئىنتېرناتسىيونال چوقۇم ئاشىدۇ ئەمەلگە...»

مۇشۇ پەيتتە، 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالنىڭ تورۇسىدىكى چىراغلار چاقناپ، يۇلتۇزلار بىلەن ئورالغاندەك كۆرۈنەتتى، غايەت زور بەش بۇرجەكلىك قىزىل يۇلتۇز جۇڭگودا نۇر چاچماقتا، مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.