تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سادىق قەلب ئەزەلدىن دۆلەتكە زىچ باغلانغان

− باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى تۆھپىكار نەمۇنىچىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، شۈ جۇاڭ، فەن سىشياڭ، ياڭ جەنفېي

بۇ پەيتكە تاغ - دەريالار گۇۋاھ بولدى ھەم يىللار ئېقىنىدا مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدىغان سەھىپىگە ئايلاندى −

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىدىن ئىبارەت شانلىق كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ئۇزاق مەزگىل ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بىر تۈركۈم تۆھپىكار نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرىغا «1 - ئىيۇل ئوردېنى» بەردى.

ئوردېن چاقناپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۆچمەس شان - شەرەپ نەقىشلەنگەنىدى؛ بۇرچ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، قايناق ھېسسىيات ۋە ساداقەتمەن روھنى تاۋلىدى. ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى خۇددى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلاردەك بىر مىللەتنىڭ تارىخ ئاسمىنىنى يورۇتتى.

«<ئۇلۇغ ئىشلار ئۇلۇغۋار غايە ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇلۇغ تۆھپە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.> يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

(1) يۈكسەك كوردىنات −

«بىزنىڭ ئىشلىرىمىز قەھرىمان - نەمۇنىچىلار، ئىلغار شەخسلەرنى جەڭگىۋار قوشۇن ۋە تايانچ قىلىپ، ئۇلارغا تايىنىپ ئالغا سىلجىتىلغان»

چاقناپ تۇرغان سەككىز ئىسىم بىر گۇرۇپپا يۈكسەك كوردىنات بولدى.

لى ليەنچېڭ ئىلگىرى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا دېھقانلارنىڭ سەككىز ئارزۇسى بارلىقىنى بايان قىلغان «زىيان تارتىش بەدىلىگە پۇقرالارغا بەخت ياراتقان شۇجى»، ئۇ خېنەن پۇياڭدىكى شىشىنجۇاڭ كەنتىنى خۇاڭخې دەرياسى يېرىم ساھىل رايونىدىكى نامرات، ئارقىدا قالغان كەنتتىن تەرەققىي قىلىپ مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنت بولۇشقا يېتەكلىدى؛

ئوقاس سۈلەيمەن «ئات ئۈستىدىكى ئاق خالاتلىق جەڭچى»، ئۇ ھەر كۈنى شىنجاڭنىڭ تاغ ئىچكىرىسىدىكى چارۋىچىلىق رايونىدا يۈرۈپ، 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاغرىقنى دىياگنوز قويۇپ قۇتقۇزدى - داۋالىدى، 3200دىن ئارتۇق يېڭى ھاياتلىقنى دۇنياغا كۆز ئاچقۇزدى؛

جۇڭ جۆ «1 - بەش يىل»دىن «15 - بەش يىل»غىچە كۈرەش قىلغان «ياشانغان ئاكادېمىك»، ئۇ ئۆمۈر بويى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىدا توسۇقنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە كۈچەپ، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش چېپىپ يۈردى؛

...

پارتىيەنىڭ 105 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىدە، مۇراسىم ئاپتوموبىلى پارتىيەنىڭ ياخشى پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ، مۇراسىم موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن تۇرۇشلۇق ئورۇندىن يولغا چىقىپ، فۇشىڭ يولىدا مېڭىپ، چاڭئەن كوچىسىغا كىرىپ، خەلق سارىيىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالغا پارتىيە گېربى ئېگىز ئېسىلغان بولۇپ، كەيپىيات تەنتەنىلىك ھەم قىزغىن ئىدى. قارارنى ئوقۇش، شەرەپ بىلەن سەھنىگە چىقىش، ئوردېن بېرىش... بۇ كۆرۈنۈشلەر كامېرا ئارقىلىق خاتىرىلەندى، ئارقا - ئارقىدىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. بۇ، ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ تۆھپىكار پارتىيە ئەزالىرىغا بولغان ئەڭ ئالىي مەدھىيەسى.

«مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا بايراملىق سالام يوللايمەن! <1 - ئىيۇل ئوردېنى>غا ئېرىشكۈچىلەرنى، تەقدىرلەنگەن مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىغا كەڭ تارقىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى رىغبەتلەندۈردى.

بۇ، قەھرىمانلارنى چاقىرىدىغان دەۋر، بۇ، قەھرىمانلارنى يارىتىدىغان دەۋر.

2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقتى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ياشىنىپ قالغان ئالتە پېشقەدەم جەڭچى «جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى» خاتىرە مېدالىنى تاقاپ، خاتىرىلەش يىغىنىغا بىرلىكتە قاتناشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئېڭىشىپ تۇرۇپ، پېشقەدەم جەڭچىلەرنىڭ كۆپلىگەن ئىسسىق - سوغۇقلارغا گۇۋاھ بولغان قوللىرىنى چىڭ سىقتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك ھەم ئىللىقلىق چىقىپ تۇراتتى.

باش شۇجىنى كۆرۈپ، 100 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاڭ پىڭ ئاستا ھەم قەتئىيلىك بىلەن ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، تەمكىنلىك بىلەن سالام بەردى.

ھېلىمۇ ئېسىمىزدە، 2015 - يىلى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىل چاسا ئەترىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۆتكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ پېشقەدەم جەڭچىلەرگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرگەنىدى. شۇ چاغدا جاڭ پىڭ پېشقەدەم جەڭچىلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىل چاسا ئەترىتىدە ئىدى.

«پارتىيە ۋە دۆلەت بىزنى باشتىن - ئاخىر ئۇنتۇپ قالمىدى!» بۇ، جاڭ پىڭنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھاياجانلىق سۆزى، شۇنداقلا قەھرىماننىڭ چوڭقۇر قەلب ئىزھارى.

ئۈلگە دېگەن نېمە؟

1966 - يىلى، 13 ياشقا كىرگەن شى جىنپىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان «ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئۈلگىسى − جياۋ يۈلۇ» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى ئوقۇدى، ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ شانلىق سىيماسىنى ئۇنتالمىدى: «بۇ ئىش ماڭا ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. مەن تاكى سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغانغا قەدەر، تاكى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغانغا قەدەر، كېيىن باش شۇجى بولغاندىمۇ، جياۋ يۈلۇ روھى ئىزچىل نۇرلۇق چىراغ بولۇپ كەلدى.»

خۇددى نۇرلۇق چىراغقا ئوخشايدۇ، ئېگىز تاغقا ئوخشايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە، تۈركۈم - تۈركۈم جياۋ يۈلۇچە كۈرەش قىلغۇچىلار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى.

«ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، <ماڭا ئەگىشىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈڭلار> دەپ توۋلاش بىلەن <ھۇجۇمغا ئۆتۈڭلار> دەپ ۋارقىراش بىر خەتلا پەرق قىلسىمۇ، مەنىسى ئاسمان - زېمىن پەرقلىنەتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىزدە جياۋ يۈلۇ، گۇ ۋېنچاڭ، ياڭ شەنجوۋ، جاڭ فۇچىڭ قاتارلىق مۇشۇنداق زور بىر تۈركۈم قەھرىمان - نەمۇنىچىلار باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسەتكەچكە، ئاندىن خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتالىدۇق.» قەھرىمان - نەمۇنىچىلارنىڭ ئۈلگە بولۇپ يېتەكلەش رولىغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: «ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قەھرىمان - نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت ئاكتىپ كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى؛ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا: «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قۇربان بولغان ھەربىر كىشىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قەھرىمان - نەمۇنىچىلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى؛ «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى»لارنى باھالاش - تەقدىرلەش ۋە ئۆگىنىش - تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: «بۇ، قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ تەكىتلىدى...

«بىزنىڭ ئىشلىرىمىز قەھرىمان - نەمۇنىچىلار، ئىلغار شەخسلەرنى جەڭگىۋار قوشۇن ۋە تايانچ قىلىپ، ئۇلارغا تايىنىپ ئالغا سىلجىتىلغان.» مەنىۋى جەھەتتىن يېتەكلىگەندە، تىپىك ئۈلگە كۆرسەتكەندە، پۈتۈن جەمئىيەت ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، قەھرىمانلارنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولالايدۇ.

مۇنداق بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بار، يولداش شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئۇنىڭغا كۈنلۈك تۇتۇپ بەرگەن.

2005 - يىلى 10 - ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجوۋ شەھىرى يۇڭجيا ناھىيەسىنىڭ خوۋجيۇجياڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جېڭ جيۇۋەن ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلىپ چارچاپ كەتكەنلىكتىن، تۇيۇقسىز مېڭە قان تومۇرى يېرىلىپ كېتىپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان. بىر كۈن ئىچىدىلا، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن نەچچە ئون مىڭ يۈەن ئوپېراتسىيە ھەققى توپلاپ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاتقان.

جېڭ جيۇۋەننىڭ ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان ماتېرىيالنى كۆرۈپ، ئەينى چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ دەرھال ۋېنجوۋ شەھىرىدىن جېڭ جيۇۋەننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلدى. جېڭ جيۇۋەن دوختۇرخانىدىن چىققاندا، يولداش شى جىنپىڭ ئالايىتەن خەت يېزىپ ئۇنىڭغا خاتىرجەم داۋالىنىشنى تاپىلىدى.

كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يول بويى تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، يامغۇرغا قارىماي ئوڭغۇل - دوڭغۇل يولدا ئالتە سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، مەخسۇس جېڭ جيۇۋەننىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققاندا، يولداش شى جىنپىڭ بىر قولىدا جېڭ جيۇۋەنگە كۈنلۈك تۇتۇپ بېرىپ، بىر قولىدا ئۇنى يۆلەپ ماڭدى.

«بۇنى ھەقىقەتەن چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم.» جېڭ جيۇۋەن ئائىلىسىدىكىلەرگە شۇنداق دېدى.

ئىشنىڭ باشلىنىشىدىلا ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى بىلگىلى بولىدۇ. قەھرىمان - نەمۇنىچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قالتىس تۆھپىسىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش بىر مىللەتنىڭ ئادىمىيەت ھېسسىياتى، مەنىۋى ئىرادىسى ۋە تارىخىي ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

«جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى سۇن جيادۇڭ بىلەن بىللە خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىغا كىرگەندە قەدىمىنىڭ سۈرئىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدى؛ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى گو رۇيشياڭ بوۋايغا ئوردېننى ئاۋايلاپ تاقاپ قويدى ھەم ھاياجان بىلەن «پارتىيە ئۈچۈن قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىڭىزگە رەھمەت» دېدى؛ ئوپچە سۈرەتكە چۈشكەندە، خۇاڭ شۈخۇا، خۇاڭ دافا ئىككى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنى يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى...

ئىللىقلىققا تولغان دەقىقىلەردە، چىن ھېسسىيات قايتا - قايتا ئىپادىلەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى قەھرىمان - نەمۇنىچىلارنى ھۆرمەتلەش، غەمخورلۇق قىلىشقا يېتەكلىدى.

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان ئىككى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى «ئۇچراشتى».

«1 - ئاۋغۇست ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى دۇ فۇگو ئوقۇغۇچىلارنى ئۇدا 16 - يىلى ئىمتىھان بېرىشكە ئېلىپ كەلگەن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى جاڭ گۇيمېيغا مۇنداق ئۇچۇر يوللىدى: «سىزنىڭ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قىزلار ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق يارىتىپ بەرگەنلىكىڭىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن» «ئىمتىھان بېرىدىغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنىڭ شەرەپ تاختىسىغا چىقىشىغا تىلەكداشمەن»!

جاڭ گۇيمېي دەرھال جاۋاب قايتۇردى: «ئۆزىڭىزنى كۆپرەك ئاسراڭ! ۋاقتىڭىز چىققاندا كېلىڭ، سىزنى ئەسلەپ تۇرىمەن.»

بۇ خىل بىر - بىرىنى قەدىرلەشكە كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ سەمىمىي تۆھپىسى ئارقىلىق نۇر ۋە ھارارەت تارقىتىشى مۇجەسسەملەنگەن. تورداشلار ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق سۆز قالدۇردى: «بۇ، قەھرىمانلار ئارىسىدىكى قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش!»

قەھرىمان - نەمۇنىچىلار ئۈلگە كۆرسىتىپ ئالدىدا ماڭسا، جەزمەن ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭىدىغان توپ - توپ ئەگەشكۈچىلىرى بولىدۇ. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىشكە، ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئىنتىلىشكە ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ.»

ۋاڭ جيېنىڭ ۋۇجۇدىدىن باش شۇجى «بىر ئەينەك»نى كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ۋاڭ جيې روھى ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ مەڭگۈ بىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىمىز»؛

گۇ ۋېنچاڭنىڭ ۋۇجۇدىدىن باش شۇجى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن مۇنەۋۋەر رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بىر ۋەكىلى»نى كۆرۈپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگەنگەندە، يۈكسەك ئىرادىلىك ئۇلۇغ زاتلاردىن بولۇشقا ئىنتىلىپلا قالماي، يەنە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئادەم بولۇشىمىز، ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك»؛

جاڭ فۇچىڭنىڭ ۋۇجۇدىدىن باش شۇجى «ئۆمۈربويى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك»نى كۆرۈپ، مۇنداق تەلەپ قىلدى: «تۆھپە قوشۇش روھىنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەممە بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىدىغان يېڭى دەۋر قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك»؛

...

«مەن لېرمونتوفنىڭ <ھازىرقى زامان قەھرىمانلىرى> دېگەن ئەسىرىنى بەك ياقتۇرىمەن، قەھرىمان دەپ كىمنى دەيمىز؟ ھەربىر دەۋردە ھەربىر دەۋرنىڭ قەھرىمانى بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىقتىن كېلىدۇ.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرگەن، قۇربان بېرىپ ئۆزىنى بېغىشلىغان مىللەتنىڭ سانسىزلىغان تۈۋرۈكى ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى: تۆھپىكار نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلغاندىلا، بارلىق ئاددىي كىشىلەر قالتىس كىشىلىك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ، بارلىق ئاددىي خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

(2) ئۇلۇغ ئىجادىيەت −

«تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان، مۇقىم، سىجىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»

مەيدىسىدىكى «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى يېنىك سىلاپ تۇرۇپ، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۇن شەھىرىنىڭ كۇەنچېڭ رايونى چاڭشەن گۈللۈكى مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى ۋۇ ياچىننىڭ قەلبى كۈچكە تولدى.

پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان - شەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئوردېندا قىزىل رەڭ، ئالتۇن رەڭ، ئاق رەڭ ئاساسىي رەڭ قىلىنغان بولۇپ، كىچىككىنە بوشلۇققا پارتىيە گېربى، بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇز، بايراق، ئابىدە ۋە پارلاپ تۇرغان نۇر، ئاپتاپپەرەس، تاغ - دەريا قاتارلىق ئامىللار سىڭدۈرۈلگەن...

«ئوردېن ئاددىي، ھەيۋەتلىك بولۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭىنى مۇجەسسەملىگەن. مەن پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرى ئاستىدا، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىمەن.» ۋۇ ياچىننىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى.

بەش يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى بەردى، بۇ، پارتىيە ئىچى، دۆلەت، ئارمىيەدىكى ئەڭ ئالىي شان - شەرەپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان «بەش ئوردېن»نىڭ ھەممىسىنىڭ تولۇق بېرىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، بىرلىككە كەلگەن، قېلىپلاشقان، نوپۇزلۇق بولغان، تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش جۇڭگوچە تۈزۈمى بىر قاتار ئوردېن بېرىش ئەمەلىيىتىدە سىناقنى قوبۇل قىلدى، ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇردى.

بۇ، بىر خىل قانداق يىراقنى كۆرەرلىك؟

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش جۇڭگوچە تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كۈنسېرى ئىنتايىن تەخىرسىز ئىشقا ئايلاندى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمى جەھەتتە تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاشنى ئاساس قىلدى، دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلاملىق شان - شەرىپىنى بېرىشتە تۈزۈملەشكەن، دائىملاشقان مېخانىزم تېخى شەكىللەنمىگەن، رىغبەتلەندۈرۈش ۋاسىتىسى دېگەندەك مول ئەمەس، ئۈنۈمى دېگەندەك گەۋدىلىك بولمىغاچقا، دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشەلمىدى، جىددىي ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كەلدى؛

دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىدىغان، تىرىشىپ قەھرىمانلاردىن بولىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق؛

دۇنياۋىلىشىش كۈنسېرى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەدرىجىي كۆپ ساندىكى ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىۋاتقان يېڭى دەۋردە، تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەت ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارادىكى تېخىمۇ كۆپ دوستلارنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئەۋزەل تاشقى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشقا پايدىلىق.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەشتە قانداق تۈزۈمگە ئېھتىياجلىق؟

«ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» «ئاز بولسىمۇ ساز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» «ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش جۇڭگوچە تۈزۈم سىستېمىسىنى قانداق ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئويلاندى.

2015 - يىلى 12 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

يىغىندا «پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتى قۇرۇش قارار قىلىندى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان بۇ پىكىر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ماقۇللىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنى» ئاساسىدا، ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيە ئىچى، دۆلەت، ئارمىيە بويىچە تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش نىزامىدىن ئۈچنى ئايرىم - ئايرىم تۈزۈپ چىقتى، ئون نەچچە يانداش چارە باسقۇچقا بۆلۈپ تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش بويىچە تەسىس قىلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، باھالاش، بېرىش قاتارلىقلار ھالقىمۇھالقا زىچ باغلاندى، ئاساسلىنىدىغان قانۇن بار بولدى.

2017 - يىلى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى پەيتىدە، تۇنجى قېتىم «1 - ئاۋغۇست ئوردېنى» بېرىلدى؛

2018 - يىلى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، تۇنجى «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىلدى؛

2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، تۇنجى قېتىم «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرەپ نامى مېدالى بېرىلدى؛

2021 - يىلى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، تۇنجى قېتىم «1 - ئىيۇل ئوردېنى» بېرىلدى؛

تەنتەنىلىك، داغدۇغىلىق ئوردېن بېرىش مۇراسىمى تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەر ئوردېنىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ شەرەپ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغۋار ئىرادىسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.

«1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرىنىڭ گۇلوۋ رايونى دۇڭجيې كوچا باشقارمىسى جۈنمېن مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لىن دەن 2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ھازىرغىچە ئۇنتالمايدۇ.

رەڭگارەڭ چىراغلار ئاستىدا، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» «1 - ئىيۇل ئوردېنى» «1 - ئاۋغۇست ئوردېنى» «دوستلۇق ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا جەم بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاشنى بىرلەشتۈرۈش، مەنىۋى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىش تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر قېتىملىق مۇھىم مۇراسىم - پائالىيەتلىرىدە تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش بويىچە مۇكاپاتلاشقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى مۇراسىمغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى؛

تۈزۈم قاتلىمىدىن تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش بويىچە مۇكاپاتلاشقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ سىياسىي تەمىناتى، تۇرمۇش تەمىناتى، خىزمەت تەمىناتى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى؛

باھار بايرىمىلىق يوقلاش، ھال سوراش، شەرەپ ياردەم پۇلى تارقىتىش، داۋالىنىپ كۈتۈنۈش - ئارام ئېلىپ كۈتۈنۈشكە تەشكىللەش، داۋالىنىشتا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەمىنات ئۆلچىمى بېكىتىلدى؛

...

قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان كاپالەت، چەكسىز شان - شەرەپ ھېس قىلدۇرىدىغان ئىززەت - ھۆرمەتكە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەت قەھرىمانلىرى، دۆلەت تۈۋرۈكلىرىگە بولغان يۈكسەك قەدىرلىشى ۋە مەدھىيەسى مۇجەسسەملەنگەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا، تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش بويىچە تەمىنات سىياسىتىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش بويىچە مۇكاپاتلاشقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ شەرەپ تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئوردېن، شەرەپ نامى، تەقدىرلەش بويىچە مۇكاپاتلاش ۋە خاتىرە ئىزنىكى قاتارلىق تۆت تۈردىن تەركىب تاپقان تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈم سىستېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنىڭ مۇراسىم تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇب، جۇڭگوچە سالاپەتنى تولۇق نامايان قىلدى.

(3) ئۈلگىنىڭ كۈچى −

«ھەربىر پارتىيە ئەزاسى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشى داۋامىدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتالايدۇ»

ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسى جاۋ يافۇ شال ئېتىزىدا 85 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى.

2014 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ جېنجياڭ شىيې بازىرى شيەنفېڭ كەنتىدىكى يېزا ئىگىلىك باغچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا جاۋ يافۇنى ئۇچرىتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى سىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق زور بىر تۈركۈم خالىس تۆھپە قوشىدىغان كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق» دەپ چىن كۆڭلىدىن ماختىدى ھەم ئىلھاملاندۇردى.

بۇ قېتىم، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا «1 - ئىيۇل ئوردېنى» بەرگەندە، جاۋ يافۇ تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. پەقەت ئىشلىيەلىسەملا، دېھقان دوستلار ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىمەن، ئۆمۈرۋايەت ئىشلەيمەن، ئۆمۈرۋايەت مۇلازىمەت قىلىمەن!»

بىر ئىشنى تاللاپ، بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش. دۆلەتنىڭ ھۆرمىتى مۇجەسسەملەنگەن، خەلقنىڭ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن ئوردېننى قولىغا ئالغان تۆھپىكار نەمۇنىچىلار بىر ئۆمۈر تۆھپە قوشۇش ئۆكۈنمەس قەسىمى بەردى.

ئۇلار ئېتىقادى مۇستەھكەم بولغان ساداقەتمەنلىكىنى پۈتمەكتە.

شىزاڭ لۇڭزى ناھىيەسىنىڭ يۈمەي يېزىسىدىكى كەنت ئاھالىسى جوگا «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنىلا ھەر كۈنى قوتازلارنى ھەيدەپ يولغا چىقىپ، دادىسى، ئۆزى ۋە سىڭلىسى ياڭزۇڭ قەدىمى بىلەن ئۆلچەپ چىققان لىنىيەنى بويلاپ چېگرانى چارلىدى. بۇ شان - شەرەپ ئۇنىڭ بۇ چېگرا چارلاش يولىغا بولغان ھۆرمىتىنى .تېخىمۇ كۈچەيتتى، ئۇ سادىق قەلبى ئارقىلىق يۈمەيدىكى ھەربىر تۈپ گىياھنى قوغدىدى.

ئۇلار كۈرەش قىلىپ ئالدىدا مېڭىش ئىرادىسىنى چىڭ ساقلىدى.

بۇ يىل 3 - ئايدا، 95 ياشقا كىرگەن «خەلق مائارىپچىسى» جاڭ جىنفەن يەنە بىر قېتىم جۇڭگو سىياسىي - قانۇن داشۆسىنىڭ دەرس مۇنبىرىگە چىقتى، دەرس ئۆتكەندە پات - پات يۇقىرى ھەسسىلىك لوپا ئەينەكنى قولىغا ئېلىپ، بىر خەت، بىر جۈملىدىن لېكسىيە ئارگىنالىغا قاراپ قوياتتى. «كەسىپنى قەدىرلەش، كەسىپنى تىرىشىپ ئىشلەش، كەسىپتە كامالەتكە يېتىش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى جاڭ جىنفەن ئىزچىل قەلبىدە چىڭ ساقلاپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى: «جۇڭگونىڭ قانۇن تارىخى ئىلمىنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ كېلىپ، جۇڭگو قانۇن تارىخى تەتقىقاتىنىڭ مەركىزىنى جۇڭگو زېمىنىدا پۇختا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.»

ئۇلار تۆھپە كۆرسەتسىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتمەيدىغان ئاددىي - ساددىلىقنى جۇلالاندۇرماقتا.

81 ياشلىق «خەلق ئالىمى»، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يې پېيجيەن «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ ئالەمگە ئۇچۇپ ئاينى چارلاش ئارزۇسى»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا بىر ئۆمۈر كۈچ چىقاردى، ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ ئۇلۇغۋار غايە ۋە جەسۇرانە ئىرادىنى ساقلاپ كەلدى: «مەن دۆلەت ئۈچۈن ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، قانچە كۆپ قىلالىسام شۇنچە ياخشى.»

ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھنى چاقىرماقتا، يۈكسەك ئىشلار ئۈلگىنىڭ يېتەكلىشىگە ئېھتىياجلىق.

«جۇڭخۇا مىللىتى قەھرىمانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان مىللەت، يېڭى دەۋر قەھرىمانلارنى يارىتىدىغان دەۋر.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، تۆھپىكار نەمۇنىچىلار شەخسىي غايىسىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈردى. بۇ شان - شەرەپ ۋاقىتتىن ھالقىپ، ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ، ئۈزۈلمەس مىللەت روھى تارىخىي داستانىنى داۋاملىق پۈتمەكتە.

توپ - توپ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگە روھىنىڭ ئىز باسارلىرى بار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

نەچچە مىڭلىغان «شياۋما خىزمەت پونكىتى» ھەممە جايدا قۇرۇلۇپ، 80 مىڭغا يېقىن «شياۋما»نى يېتىشتۈرۈپ چىقتى... بۈگۈنكى تاغلىق شەھەر چۇڭچىڭدا، تۈركۈم - تۈركۈم «مەھەللىدىكى شياۋما» «گۇڭئەندىكى شياۋما» «شەھەر باشقۇرۇشتىكى شياۋما» قاتارلىقلار بەس - بەستە مەيدانغا كېلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلدى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا مۇلازىمەت قىلدى.

ياشلىق كۈچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ما شەنشياڭنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن ۋارىسلىق قىلىشىدىن كەلگەن. 30 نەچچە يىل ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان بۇ پېشقەدەم مۇرەسسەچى دائىم بىر جۈپ قارا لاتا خەي كىيىپ كوچا - كويلارنى ئارىلاپ، قوشنىلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. «لاۋما» «شياۋما»لارنى يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئۈزلۈكسىز يېڭى كۈچ قوشتى.

«بىز يولداش لاۋماغا ئوخشاش مۇشۇنداق مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىلىق نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئېھتىياجلىق.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى «لاۋما»لارنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا، «شياۋما»لارنى كۈچ ئۇلاپ ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.

تۆھپىكار نەمۇنىچىلارنىڭ ئالىيجاناب روھى خۇددى ئۇچقۇندىن چىققان يانغىندەك كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قەلبىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئوتىنى تۇتاشتۇردى.

«1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى خۇاڭ ۋېنشيۇ كۈرەش قىلغان گۇاڭشى بەيسې شەھىرىنىڭ بەينىسۈن كەنتىدە، «ۋېنشيۇ ئاۋانگارتلار ئىش ئورنى» دائىملىق يۈرۈشۈپ كەلدى، پارتىيە ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇپ ۋە ئۈستىگە ئېلىپ، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قوشنىلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى؛

«مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» لياۋ جۈنبو ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن فۇجيەن جېڭخې ناھىيەسىدە، ئاق چاينىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغان، مەدەنىيەت - ساياھەت گۈللەنگەن بولۇپ، لياۋ جۈنبونىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى؛

«خەلق ئۈلگىسى» ۋاڭ جىسەي چىڭ تۇرغان جياڭسۇ كەيشەن ئارىلىدا، 2018 - يىلىدىن بۇيان سەككىز تۈركۈمدىكى ئارالنى قوغدىغۇچى خەلق ئەسكەرلىرى 190 قېتىمدىن ئارتۇق پوست ئالمىشىپ نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق «بىز ھەممىمىز <ئارال قوغدىغۇچى>لار» دېگەن دۆلەتكە بولغان سەمىمىي ساداقىتىنى پۈتتى...

ئۆزى باشلامچى بولمىسا، باشقىلار قايىل بولمايدۇ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ پۇختا ئىشلىمىسە، باشقىلارنىڭمۇ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئۈلگە روھىنىڭ تەسىر كۈچى چوڭقۇر، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق چاقىرىق قىلدى: «غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادە ۋە چىدامچانلىقنى چىڭىتىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتتا كۆرگىلى بولىدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغان، خەتەرلىك پەيتتە پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغانلا بولسا، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتالايدۇ!»

يېڭى دەۋردىكى غايىگە ئىنتىلگۈچىلەر مەشئەلنى قولىغا ئالدى، بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى بىر قوشۇننىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈشىگە ئايلىنىپ، «مەن ئاۋۋال ئاتلىناي» ئارقىلىق «ماڭا ئەگىشىپ ئاتلىنىڭ»لارغا تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئالىيجاناب پەزىلەتنى ھەر بىر سۆز - ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈردى.

قەھرىمانلارنى قەدىرلىگەندىلا، ئاندىن قەھرىمانلار بارلىققا كېلىدۇ، قەھرىمان بولۇشقا تىرىشقاندىلا، ئاندىن قەھرىمانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدۇ.

«پارتىيە ئۈچۈن، دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ۋە قۇربان بولغان بارلىق قەھرىمان - نەمۇنىچى شەخسلەرگە يۈزلىنىپ، بىز ئۇلارنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى جۇڭگو زېمىنىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتماقتا.

ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر تۆھپىكار نەمۇنىچىلارنى مۇنبەرگە چىقىپ دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى، جانلىق، تەسىرلىك ھېكايىلەر كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئىلغارلارنى قەدىرلەش، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، تىرىشىپ ئىلغارلاردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى؛ «ساپ مۇھەببىتىمىز پەقەت جۇڭگو ئۈچۈن» دەپ قەسەم بەرگەن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ئىنقىلابىي قۇربان چېن شياڭرۇڭ قاتارلىقلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى يېڭى نۇسخىدىكى تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ئۇرۇقىنى چاچتى؛ «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكەن سەككىز كىشى ئەسلىي تىپ قىلىنىپ ئىجاد قىلىنغان «تۆھپىكار» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆرۈلۈش ۋە ئالقىشلىنىش نىسبىتىدە قوش ھاسىلات قولغا كەلتۈرۈلدى، سانسىزلىغان كۆرۈرمەنلەر قاتتىق تەسىرلەندى...

جۇڭخۇا زېمىنىغا نەزەر سالساق، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان قەھرىمانلىق مەدھىيەسى ياڭراپ تۇرىدۇ، ھەممىلا جايدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىۋاتقان كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. تۆھپىكار نەمۇنىچىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش دەۋر كەيپىياتىغا ئايلىنىپ، مەردانە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قاينام - تاشقىنلىق زور دولقۇن بولۇپ مۇجەسسەملەندى.

ئۆچمەس تۆھپە تارىخ سەھىپىسىگە ئۇيۇلدى؛ شانلىق ئۈلگە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەھرىمان - نەمۇنىچىلارنىڭ سالاپىتى ۋەتىنىمىز زېمىنىدا چاقنىدى، كۈرەش قىلىش روھى دەۋر دولقۇنىدا مەۋج ئۇردى، يۈز مىليونلىغان خەلق بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇپ، قەتئىي بوشاشماي، جەزمەن گۈللىنىشكە ئاتلىنىش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قەھرىمانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى مۇساپىدە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە، ھەيۋەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.