تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

ئالتاي: بىر تۈپ بەيخې گۈلىنىڭ يازدىكى كۆڭۈل ئىزھارى

   مەن شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرىدىكى ئاق قۇ كۆلى باغچىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر تۈپ بەيخې گۈلى. شۇ تاپتا، تاغ شامىلىدا گۈل بەرگىلىرىمنى يېيىپ، ئەڭ گۈزەل قىياپىتىمنى ئالتاينىڭ ئوتتۇرا ياز مەزگىلىگە قالدۇرماقتىمەن.

  مەن بەيخې ئائىلىسىدىكى شارسىمان يىلتىزلىق سامان غوللۇق گۈل-گىياھقا تەۋە، مېنىڭ ئىسمىم ئۆزۈمنىڭ يەر ئاستىدىكى تەڭگىسىمان غولۇمغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قاتمۇقات ئەتلىك تەڭگىچىلەر مېنى زىچ ئوراپ تۇرغان، گۈل بەرگىلىرى ئەتراپىمغا توپلاشقان بولغاچقا «بەيخې» دىگەن سۆز مۇشۇنىڭدىن كەلگەن.

   ئالتاينىڭ سالقىن، قۇرغاق تاغلىق رايونىنىڭ كىلىماتى مېنىڭ سوغۇققا چىداملىق، يورۇقلۇقنى ياقتۇرىدىغان ئۆسۈش ئادىتىمگە بىرقەدەر ياخشى ماس كېلىدۇ، ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىت مېنى بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ پورەكلەپ ئېچىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ئالاھىدە پەرۋىش قىلمىسىمۇ ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ئېچىلالايمەن. ھازىر مەن ۋە ھەمراھلىرىم پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىگە كىردۇق، ئاق، قىزغۇچ سېرىق ئىككى خىل رەڭدە ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىمىز: ئاق گۈل ئاپئاق، چاڭ-توزانسىز، سالاپەتلىك، نەپىس؛ قىزغۇچ سېرىق گۈل قىزغىن، يارقىن بولۇپ، كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. غۇنچىسى جانلىق، پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەربىر غۇنچە، ھەربىر گۈلنىڭ ئېچىلىشى ۋە توزۇشى تەرتىپلىك بولۇپ، ھەم گۈزەل سالاپەت، ھەم جانلىق قەيسەرلىككە تولغان، قاتتىقلىق بىلەن يۇمشاقلىق بىرلەشكەن قىياپەتنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ دەل باغچىنىڭ جىمجىتلىقى بىلەن تاغ-دالىنىڭ بىپايانلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، يازدىكى ئالتاينى تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

  (ئاپتۇر: دەي ۋېيلى)

  مەنبە: ئالتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.