تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات لوڭقىسى ۋە مېدالى رەسمىي ئېلان قىلىندى

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، 2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات لوڭقىسى ۋە مېدالىنى ئېلان قىلدى.

   2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇق لوڭقىسى.

   بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ ئېگىزلىكى 56 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 56 مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. مۇكاپات لوڭقىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپى پۇتبول بىلەن ئانار ئوبرازى ئىجادىي يۇغۇرۇلغان شەكىل بولۇپ، تەشمە نەقىشلىك توپ يۈزىدە بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان ئانار دانىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى بولۇپ، ئىتتىپاقلىق ئاساسىي رېڭى شان-شەرەپنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىدا ئىپادىلەندى. لوڭقىنى چۆرىدەپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلگەن ئالتۇن رەڭلىك دولقۇنسىمان يىپەك لېنتا پۇتبولنىڭ مىڭ يىللىق يىپەك يولىغا ئوخشاش كىشىلەرنى باغلاپ تۇرىدىغان يېپيېڭى رىشتىگە ئايلانغانلىقىنى، قىزغىنلىقنىڭ رايون ھالقىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى  پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مېدالى.

  ماس قەدەمدە نامايان بولغان ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدال ئوخشاشلا نەپىس ھەم ئىجادىي لايىھەلەنگەن. ئالدى تەرىپى قاينامسىمان جۇغلىنىش تۈزۈلۈشى يادرو قىلىپ لايىھەلىنىپ، شياڭيۈن، پۇتبول، ئانار گۈلى نۇسخىسى قاتلاممۇقاتلام تەدرىجىي نامايان قىلىنغان، ئارقا تەرىپىنىڭ سىرتقى چەمبىرىكىگە تىيانشان قارلىق چوققىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ئويۇلغان، ئوتتۇرىدىكى ھالقىغا قىزىل رەڭ ئاساس قىلىنىپ ئانار گۈلى نۇسخىسى ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دىققەتنى ئەڭ تارتىدىغان مەركىزىي ئورۇنغا قۇت بەلگىسى «تۇڭتۇڭ»، «شىنشىن» نەقىشلەنگەن ھەم ئېچىلىدىغان-يېپىلىدىغان ئىجادىي قۇرۇلما قوللىنىلغان، ئېچىلىدىغان قۇرۇلمىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پۇتبول بىلەن ئانار مېۋىسى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىل نامايان قىلىنغان بولۇپ، خاتىرىلەش ئەھمىيىتى ۋە ھەمتۈرتكىلىك قىزىقارلىق تۇيغۇ تولۇق نامايان قىلىنغان.

2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مېدالى.

2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مېدالى.

2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مېدالى.

2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مېدالى.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.