6-ئاينىڭ ئاخىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ چۈەنزىگەي بازىرى نيۇچۇەنزې جىلغىسى بىر يىل ئىچىدىكى مەنزىرىسى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى، پۈتكۈل تاغ جىلغىسىنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى تاغلارنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. ھەيۋەتلىك تىيانشاننىڭ قاتمۇقات تاغ تىزمىلىرى بىر-بىرىگە تۇتاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئىدى، توپ-توپ ئاق بۇلۇتلار بىلەن قاپلانغان تاغ چوققىلىرى كۆكۈچ كۈل رەڭ قىيا تاشلار بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشقانىدى؛ تاغنى قاپلىغان شەمشاد دەرىخى تۇتاش كەتكەن تاغ چوققىلىرىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ياپيېشىل بولۇپ قەد كۆتۈرۈپ، بۈك-باراقسان ئۆسكەنىدى، قېنىق-سۇسلىقى ئوخشاش بولمىغان يېشىللىق جىلغىلارنى قاپلىغان بولۇپ، تاغ باغرىدا پۇختا، مۇستەھكەم بولغان ئېكولوگىيە توسىقىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
تاغ جىلغىسى ئارىسىدىكى تەكشى، كەڭ كەتكەن چىملىق ھەممە جاينى يېشىل تۈسكە كىرگۈزگەن بولۇپ، يۇمشاق ئوت-چۆپلەر تاغ-دالىلارنى قاپلىغانىدى، ھەر خىل رەڭدىكى ياۋا تاغ گۈللىرى تاغ-دالىلاردا پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، سۇس سۆسۈن، سۇس سېرىق ۋە ئاق رەڭلىك كىچىك گۈللەر ئوت-چۆپلەرنى زىننەتلەپ، شامالدا يېنىك تەۋرىنىپ، ئەتراپنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرغانىدى. تاغ جىلغىسى ئارىسىدا سۈزۈك بۇلاق سۈيى كۆك تاش جىلغىسىنى بويلاپ شىلدىرلاپ ئېقىپ، تاشلارغا ئۇرۇلۇپ ئۇششاق سۇ بۇژغۇنلىرىنى ھاسىل قىلاتتى، ئېقىن سۇ تولىمۇ سۈزۈك بولۇپ، سۇ ئاستىدىكى تاشلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى، سۇ دولقۇنلىرى كۈن نۇرىدا يېنىك تەۋرىنىپ جىمىرلاپ تۇراتتى.
يېشىلىققا پۈركەنگەن تاغ ئورمانلار، كۆز يەتكۈسىز چىملىق، سۈزۈك ئېقىنلار ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ بىر-بىرىگە ھۆسۈن قوشۇپ، ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك، ساپ، جىمجىت تاغ جىلغىسىنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ جاي تاغ، ئورمان، دەريا، جىلغا ئېكولوگىيەسىنى دائىملىق باشقۇرۇش ۋە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ تەبىئىي جەلىپكار مەنزىرىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغداپ، ئەۋزەل تاغ-دەريا بايلىقىغا تايىنىپ ئېكولوگىيە سەيلە-ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنىڭ ئېكولوگىيە قىممىتىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل يېزا-كەنت مەنزىرىسىنى نامايان قىلغانىدى.
مەنبە: جىمىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
(جىمىسار ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ۋېي پىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر رېن دۇڭشېڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






