تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

نەق مەيدان سۈرەتلەر توپلىمى丨ئاپتونوم رايونلۇق 3-نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى سانجىدا باشلاندى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنجۈن فوتوسى، خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 3-نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا باشلاندى، مۇسابىقە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 35 مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن 59 ۋەكىللەر ئۆمىكى، 1415 ماھىر كەسكىن مۇسابىقىلىشىدۇ. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 20 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھەمدە ئۆزبېكىستان ماھىرلىرىمۇ بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، تۇنجى قېتىم بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ قاتنىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە ئالاقە تورى ماركېتىڭى تۈرى مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلماقتا.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، ماشىنا ئادەم ئارقىلىق كەپشەرلەش تۈرى مۇسابىقىسىدە ماھىرلار كەپشەرلەش ئۈنۈمىنى تەكشۈرمەكتە.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، قۇراشتۇرۇش سىلېسارى تۈرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان بىر ماھىر ئەمدىلا پىشقان ئاسما كاۋاپنى كۆرسەتمەكتە.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، خىزمەتچى خادىملار مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئاسما كاۋاپنىڭ نومۇرىنى تىزىملىماقتا.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، ئەزىز مېھمانلار قوي گۆشىنى قاقلاپ پىشۇرۇش تۈرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان بىر ماھىر ئادەمسىز ئۇچقۇنى قۇراشتۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، رېپېرلار رەقەملىك تىزگىنلىنىدىغان ئىستانوك تۈرى مۇسابىقىسىگە نومۇر قويماقتا.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، بىر ماھىر رەقەملىك تىزگىنلىنىدىغان ئىستانوك تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، بىر ماھىر قۇراشتۇرۇش سىلېسارى تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، بىر ماھىر ئاپتوموبىل تېخنىكا تۈرى مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

6-ئاينىڭ 30-كۈنى، سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە، چاي سەنئىتى تۈرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.