تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

شىنجاڭنىڭ شاپتۇلى بارغانسېرى شېرىن تەمگە تولدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  يۈرۈڭ، سىزنى بىرنەچچە يەرگە باشلاپ باراي، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ شاپتۇلى قانچىلىك تاتلىق بولۇپ كەتتىكىن.

  نۆۋەتتە، ماناس ناھىيەسى لياڭجوۋخۇ بازىرى غەربىي لياڭجوۋخۇ كەنتىدىكى تۈگمە توغاچ پىشىش مەزگىلىگە كىردى، دېھقان ئائىلىلىرى يىغىش، ئايرىش، يەشىككە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شاپتۇللۇقتا تۇتاش كەتكەن شاپتۇل دەرەخلىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن، مېۋىلىرى مەي باغلاپ پىشقان ئىدى، رەڭگارەڭ تۈگمە توغاچلار شاخلارغا لىق تولۇپ، نۇرغۇن سودىگەرنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى. پۈتۈن كەنت بويىچە 1600 مو يەرگە شاپتۇل ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، توقاچ شاپتۇل، توغاچ، شۈيمىتاۋ شاپتۇل قاتارلىق 16 خىل سورتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈگمە توغاچنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 200 مو بولۇپ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ بازاردىكى سېتىلىش باھاسى 25 يۈەن بولماقتا.

  يېقىندا، لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرىدىكى پىڭلوسېننۇڭ يېزا ئىگىلىك شاپتۇللۇق بازىسى بالدۇر پىشىدىغان شاپتۇلنى مەركەزلىك يىغىۋالدى. بۇ يەردىكى شاپتۇللارنىڭ دانىسى چوڭ، تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، شۇ جايدىكى شاپتۇل سورتلىرىدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. لوپ ناھىيەسى پىڭلوسېننۇڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى جاۋ لىنخۇەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار بېيجىڭ پىڭگۇدىن كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 70 نەچچە خىل شاپتۇل سورتىنى سىناق قىلىپ ئۆستۈرگەن، قايتا-قايتا ئېتىزدا تاللاش ئارقىلىق، ئاخىرى «گوتاۋ 4-نومۇر»، «گوتاۋ 5-نومۇر»، «توغاچ 9-نومۇر» قاتارلىق شۇ جاينىڭ كىلىماتى ۋە تۇپرىقىغا ماس كېلىدىغان 10 خىل ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدىغان سورتنى بېكىتكەن. نۆۋەتتە، باغچە رايونىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 800مو بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 200 توننىغا يېتىدۇ.

  6-ئاينىڭ 25-كۈنى، خوتەن ناھىيەسى سېغىزكۆل يېزىسى سۆگەت بوستان كەنتىدىكى بۈك-باراقسان شاپتۇللۇقتا، قىپقىزىل توغاچ بىلەن ساپسېرىق توقاچ شاپتۇللار شاخلارغا لىق تولغانىدى، مېۋىلەرنىڭ خۇش پۇرىقى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. شاپتۇل ئۆستۈرگۈچى مېۋە دەرەخلىرىنى ئارىلاپ، شاپتۇل ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ ئۆستۈرگەن توغاچ، توقاچ شاپتۇل ئومۇميۈزلۈك تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى، بۇ دەل مول ھوسۇل ئېلىپ بازارغا سېلىشنىڭ ئاۋات مەزگىلى بولغاچقا، يېڭى شاپتۇللار ئەتراپتىكى بازارلارغا ئۈزلۈكسىز سېتىلماقتا.

  6-ئاينىڭ 26-كۈنى، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسى ئاقدۆڭ كەنتىدىكى شاپتۇللۇق باغدا، توق ھەم يۇمشاق پىشقان شۈيمىتاۋ شاپتۇل شاخلارغا لىق تولغانىدى، بۇ شاپتۇللۇق باغ شۈيمىتاۋ شاپتۇل ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، ئۈزۈش مەزگىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. سۈپەتلىك شۈيمىتاۋ شاپتۇل كورلا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى بازارلىرىغا تۈركۈملەپ سېتىلىپ، يىل بويى زاكاز ئۈزۈلمەيدۇ. يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شۇ جايدىكى شاپتۇللۇق باغ يېڭى مېۋىلەرنى توپ سېتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۆزى ئۈزۈش، ئائىلە باغ سەيلىسى، تېرىقچىلىقنى تەتقىق قىلىش خاراكتېرلىك ئۆگىنىش قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى مېۋە ئۈزۈش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا جەلپ قىلدى.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې جياڭ رەتلىگەن، ماناس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.