تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە»

خەلق گېزىتىدە رېن جۇڭپىڭنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

«تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى خەلق گېزىتىدە رېن جۇڭپىڭنىڭ «تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە» تېمىلىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيە بارلىققا كەلدى، بۇ 20 - ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك ئىشلارنىڭ بىرى.

بۈگۈنكى كۈندە، 105 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

«105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى مېڭىپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك.»

100 يىللىق چوڭ پارتىيە ئوتتۇرا ئېقىمدا مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولدى، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇردى، ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قەتئىي ئۆزگەرمىدى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا قىلچە تەۋرەنمىدى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، سوتسىيالىستىك جۇڭگو ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ دەۋر ئىلمىي ئىدىيەنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئىلمىي ئىدىيە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىدە، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق «14تە چىڭ تۇرۇش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ قوللانما.

بۇ ئىدىيە قانداق ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش، ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم دەۋر تېمىسىغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئىجادىي تۆھپە قوشتى، بۇ، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش يۆنىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىنى تۈپ مەيدان قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ بۇرچ قىلىش، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ ئاساسىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش، بۇ، پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ تۈپ ئاساسى، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن ئۇلۇغ تارىخ يارىتىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى.

«ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر»، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى چۈشىنىشنىڭ لوگىكىلىق باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا بېغىشلىغان مۇھىم ئىلھامى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر توغرا يولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىلغا ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسىنى يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويدى ھەم چوڭقۇر بايان قىلدى، بۇ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى زور يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كۈرەش نىشانى ئۇلۇغ مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش» تەڭشىلىپ «سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش»قا تەرەققىي قىلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى...

«1 - بەش يىل»دىن «15 - بەش يىل»غىچە، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىزچىل باش تېما بولۇپ كەلدى. «باسقۇچمۇباسقۇچ ئالغا سىلجىتىپ»، بىز «سەرەڭگە، سوپۇن، قاڭالتىر قاتارلىقلارنى سىرتتىن سېتىۋېلىش»تىن تەرەققىي قىلىپ، «سانائەت تۈرلىرى ئەڭ تولۇق بولغان دۇنيا ياسىمىچىلىق كەسپىدىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەت»كە ئايلاندۇق.

بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ باراۋەر - ئىناقلىقىنى كۆزلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ماڭغان داغدام يول ئىنسانلارنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلىشىدىكى يېڭى يولنى ئاچتى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى يېڭى ھالىتىنى ياراتتى، ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان شانلىق بايراققا ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچ، بىخەتەر، گۈللەنگەن، ئالغا ئىلگىرىلىگەن پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى دەل تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قەتئىي قوغداش داۋامىدا ئۆز تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەم ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدارە قىلىنىشى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى دۇنيانىڭ لەڭگىرى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، نەدىمۇ سوتسىيالىستىك جۇڭگو بولسۇن؟ نەدىمۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بولسۇن؟ نەدىمۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولسۇن؟

تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى: «پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولغاچقا، دۆلىتىمىز نامرات ھەم ئاجىز قىياپىتىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى، مىللىتىمىز چۈشكۈنلۈكتىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇپ جاسارەتكە تولۇپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالدى، خەلقىمىز ئېكسپلاتاتسىيە، ئېزىلىشكە ئۇچرايدىغان ئورۇندىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇپ، ئۆز تەقدىرىنى ھەقىقىي قولىغا ئالدى.»

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم بىپايان زېمىندا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدا مۇشۇنداق سەگەكلىك ۋە ئىشەنچ بار −

«ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى تاۋلاپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يەنئەندىكى <گەمىدىكى سوئال>غا داۋاملىق ياخشى جاۋاب بېرىپ، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.»

«تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!»

«بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغان يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىشقا تولۇق ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.»

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.