تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى پۇختا قەدەم بىلەن زورايدى

پارتىيە ئەزاسى 101 مىليون 286 مىڭ نەپەر، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى 5 مىليون 431 مىڭ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى پۇختا قەدەم بىلەن زورايدى

تەشكىلىي سىستېمىسى كۈنسايىن پۇختىلاندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى پارتىيە ئىچكى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 101 مىليون 286 مىڭ نەپەر بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن 1 مىليون 15 مىڭ نەپەر ساپ كۆپەيگەن. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى 5 مىليون 431 مىڭ بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن 181 مىڭ ساپ كۆپەيگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجراسى كۈچلۈك بولغان پۇختا تەشكىلىي سىستېمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى مۇۋاپىق ئاشتى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 2024 - يىلىدىكىدىن %1.0 ئاشتى. پۈتۈن بىر يىلدا پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار 2 مىليون 86 مىڭ نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكىلەر 1 مىليون 72 مىڭ نەپەر بولۇپ، %51.4نى ئىگىلىدى؛ ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار 1 مىليون 143 مىڭ نەپەر بولۇپ، %54.8نى ئىگىلىدى؛ 35 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكىلەر 1 مىليون 753 مىڭ نەپەر بولۇپ، %84.0نى ئىگىلىدى.

پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى. 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 59 مىليون 765 مىڭ نەپەر بولۇپ، %59.0نى ئىگىلەپ، 2024 - يىلىدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئايال پارتىيە ئەزاسى 31 مىليون 914 مىڭ نەپەر بولۇپ، %31.5نى ئىگىلەپ، 2024 - يىلىدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 7 مىليون 878 مىڭ نەپەر بولۇپ، %7.8نى ئىگىلەپ، 2024 - يىلىدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى، ئىشچىلار ۋە دېھقانلار يەنىلا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %32.4ىنى ئىگىلىدى.

پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، پۈتۈن بىر يىلدا تەربىيەلەنگەن پارتىيە ئەزالىرى ئادەم قېتىم سانى 2024 - يىلىدىكىدىن %3.7 ئاشتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە كومىتېتلىرى 4 مىليون 987 مىڭ نەپەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسىنى خىزمەتتىن ئايرىپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلدى، 3202 يەرلىك پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، 4 مىليون 636 مىڭ پارتىيە ياچېيكىسى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشنى قانات يايدۇردى. پارتىيە ئىچىدە تەقدىرلەش، رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەمئىي 108 مىڭ ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى تەقدىرلىدى، 583 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنى تەقدىرلىدى، 165 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسىنى تەقدىرلىدى. پۈتۈن بىر يىلدا «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالىدىن 939 مىڭ دانە تارقىتىلدى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولدى. مەملىكەت بويىچە جەمئىي ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتىدىن 314 مىڭى، باش ياچېيكىدىن 333 مىڭى، ياچېيكىدىن 4 مىليون 783 مىڭى تەسىس قىلىنىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم 8000ى، 4000ى، 170 مىڭى كۆپەيدى، تەشكىلىي جەھەتتە تەسىس قىلىش تېخىمۇ ئىلمىيلەشتۈرۈلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى، تەشكىلىي سىستېما يەنىمۇ چىڭىتىلدى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، 483 مىڭ نەپەر كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسى ئىچىدە، ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار %56.5نى ئىگىلەپ، 2024 - يىلىدىكىدىن 8.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلىققا سىجىل تۈردە ئەلالىرى تاللىنىپ كۈچلۈكلىرى ئەۋەتىلدى، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى 188 مىڭ نەپەر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى %39.0 مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشۇش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت كۈچى يەنىمۇ تولۇقلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئومۇمىي ئۈنۈمى سىجىل ئۆستۈرۈلدى. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىلىپ، ئورگان، كەسپىي ئورۇن، كارخانا ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى يۈكسىلىش بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىيات ئەۋزەللىكى، غەلىبە قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.