− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
□ خەلق گېزىتى باش ماقالىسى
ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، بۇرچ مەشئەلدەك نۇرلۇق.
ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ئاتلاندى، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇدى، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ جاسارىتى ئۇرغۇدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى تاۋلاپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يەنئەندىكى <گەمىدىكى سوئال>غا داۋاملىق ياخشى جاۋاب بېرىپ، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.»
پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىدىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا تۇرۇپ، دەۋر يۈكلىگەن تەنتەنىلىك مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۇلۇغۋار ئىرادىنى كۆڭلىگە پۈكتى، چەكسىز ئىپتىخارلاندى.
«جۇڭگو يولى»نى ماڭغانسېرى كېڭەيتىشتە، بىز تېخىمۇ ئىرادىگە كەلدۇق.
105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان پارلاق يولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى.
چاك - چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن، قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن ھالەتتىن يۈكسەك بىرلىككە كەلگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ھالەتكىچە، نامرات بولۇشتىن دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، 1 - ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى، 1 - مال سودىسى چوڭ دۆلىتى بولۇپ تېز يۈكسىلىشكىچە، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش مۆجىزىسىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.
بولۇپمۇ ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان، بىز ئەسىر يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، بىر قاتار زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدۇق، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش «بىزنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داغدام يولىمىز، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ باراۋەر - ئىناقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى مۇقەررەر يول». بۇ ئىنسانلارنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلىشىدىكى يېڭى يول، بۇ پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ھالىتى.
تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتتۇق. «بىز ئۆز يولىمىزدا ماڭساق تەڭداشسىز كەڭ سەھنىگە ئىگە بولىمىز، تەڭداشسىز چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولىمىز، تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئىگە بولىمىز».
«جۇڭگو داۋلىسى»نىڭ ھەقىقەت نۇرىنى چاقنىتىشتا، بىز تېخىمۇ كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدۇق.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخى، شۇنداقلا ماركسىزم نەزەرىيەسىنى تەتبىقلاش ئارقىلىق جۇڭگونى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىش تارىخى.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، خەلقنى يېتەكلەپ، قىيىن ئۆتكەل، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلاردىن ئۆتۈپ، جاھان مۆجىزىلىرىنى ياراتتى.
پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۇ ئىدىيە يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېتىقاد، ئەقىدىنى چىڭىتىش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىنىڭ تۈپ ئاساسى.
«ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ سوئالىغا، دۇنيانىڭ سوئالىغا، خەلقنىڭ سوئالىغا، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئىلمىي جاۋاب بەردى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى يېڭى مۇساپىدە ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.
«جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»دا يېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقىشتا، بىز تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇق.
بەش دەرىجىلىك شۇجى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تۇتۇش، پۈتۈن پارتىيە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دائىملىق يار - يۆلەك بولۇشنى قانات يايدۇرۇشقىچە، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدىغان تېخىمۇ زور تۈرتكىلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى.
بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتىن يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقىچە، كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «قەدەممۇقەدەم مۇستەھكەم ماڭدۇق، باسقۇچمۇباسقۇچ ئالغا سىلجىتتۇق».
بوران - چاپقۇن ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلىدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ساقلىدى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى تېز سۈرئەتتە 140 تىرىليون يۈەنلىك يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئاچقۇچى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشتا ھېچقانداق كۈچ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.
تارىخ ۋە رېئاللىق قايىل قىلارلىق دەرىجىدە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى.
«ئارقىغا ياندۇرغىلى بولماسلىق»تىن «توسۇۋالغىلى بولماسلىق»قىچە، «ئىككىنى تىكلەش» جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈپتىن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى.
«يېڭى مۇساپە − يېڭى ئۇزۇن سەپەر».
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشتە يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، يەنە نۇرغۇن يېڭى «قارلىق تاغ» «ئوتلاق»لاردىن ھالقىپ ئۆتۈشكە، يېڭى «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ»لارنى بويسۇندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى بولغاچقا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، «بىز بۇ بىر ئەۋلادنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى چوقۇم ياخشى باسالايمىز».
ھەققانىيەت ئىشلىرىدا جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتتۇق. پارتىيەمىزنىڭ مېڭىۋاتقىنى جاھاندىكى توغرا يول، قىلىۋاتقىنى ھەققانىي ئىش، ئۇيغۇنلاشقىنى تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەت. ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، توختىماي ئىلگىرىلەش روھى ئارقىلىق بارلىق توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندىلا، ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان، بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ئۆتكەل يوق، ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
خەلققە بەخت يارىتىش ئەسلىي مەقسىتىنى مەڭگۈ ساقلىدۇق. بۇ مۇساپىدە، بىز خەلققە زىچ تايىنىپ ئارقا - ئارقىدىن تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلگەن جاۋاب قەغىزى تاپشۇردۇق. يېڭى مۇساپىدە ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
«ئەڭ ئېگىز چوققىغا ئۆرلەش ئۈچۈن جاپا ۋە چارچاشتىن قورقماسلىق» غەيرىتىنى كۈچەيتتۇق. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىدىغان تارىخىي جەريان. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك، دېگەن روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن، بىر پارچە ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسەكلا، نىشانغا چوقۇم يېتەلەيمىز.
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلاش، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشقا كۈچ چىقىرىشتا، مەسئۇلىيەت مىسلىسىز ئېغىر، بۇرچ چەكسىز شەرەپلىك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش دەۋرنىڭ چاقىرىقى، خەلقنىڭ ئارزۇسى.
پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. يېڭى مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ شان - شەرىپىنى يارىتايلى!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)






