
بېلىق يېگەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن قىلتىرىق گېلىڭىزغا تۇرۇپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ ئاچچىقسۇ ئىچەمسىز؟ موما يەمسىز؟ ياكى كۆكتاتنى بولۇشىغا يەمسىز؟ بۇ «يەرلىك ئۇسۇللار»نىڭ پايدىسى بولمايلا قالماستىن، يەنە كىچىك ئاۋارىچىلىقنى چوڭ خەتەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىدە گال ئاغرىپ بىر نەرسە باردەك ھېس قىلغاندا، بەلكىم شىللىق پەردە تىلىنىپ يارىلانغان بولۇشى، ھەرگىزمۇ بېلىق قىلتىرىقى تۇرۇپ قالغان بولماسلىقى مۇمكىن. بۈگۈن سىزگە توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قوياي.
01 ئاچچىقسۇ ئىچسىڭىز ئۈنۈمى بولمايلا قالماي، يەنە كېكىردىكىڭىزگە زىيان قىلىدۇ
ئۇچرىشىش ۋاقتى بەك قىسقا: ئاچچىقسۇ ئىچكەندە بىردەمدىلا يۇتۇۋېتىدىغان بولغاچقا، بېلىق قىلتىرىقى يۇمشاشقا ئۈلگۈرمەيدۇ.
قويۇقلۇقى يېتەرلىك ئەمەس: ئاتسېتىك كىسلاتانىڭ قويۇقلۇقى ئاران %8~%4 بولۇپ، بېلىق قىلتىرىقىدىكى كالتسىي ماددىسىنى ئېرىتەلمەيدۇ.
شىللىق پەردىنى غىدىقلاپ زەخىملىنىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ: ئەگەر شىللىق پەردىنى بېلىق قىلتىرىقى تىلىۋەتكەن بولسا، ئاچچىقسۇ جاراھەت يۈزىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، قاتتىق ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ساقىيىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
02 موما يېگەنسېرى خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ
مومىنى يوغان-يوغان چىشلەپ يۇتۇش، كۆكتات يېيىش ئارقىلىق بېلىق قىلتىرىقىنى «چۈشۈرۈۋېتىش» خەتىرى يۇقىرى مەشغۇلات.
1. بارغانسېرى چوڭقۇر سانجىلىپ كېتىدۇ: مەجبۇرىي يۇتۇش خۇددى بولقا بىلەن مىخنى ئۇرغانغا ئوخشاش، بېلىق قىلتىرىقىنى توقۇلمىلارغا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتقۇزىۋېتىدۇ، دوختۇرنىڭ ئېلىۋېتىشى تېخىمۇ تەس بولىدۇ.
2. قىزىلئۆڭگەچنى تېشىۋېتىدۇ: ئۆتكۈر بېلىق قىلتىرىقى بەلكىم ئاجىز قىزىلئۆڭگەچ دىۋارىنى تېشىپ ئۆتۈپ، ئېغىر يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. غول تومۇرنى تېشىۋېتىدۇ: قىزىلئۆڭگەچ غول تومۇرغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ، تېشىلىپ كەتسە قاناش كېلىپ چىقىدۇ.
4. تۇنجۇقۇپ قېلىش خەتىرى بار: چوڭ بېلىق قىلتىرىقى گالغا قىسىلىپ قالسا، يوغانراق يېمەكلىكلەرنى يۇتقاندا نەپەس يولىنى توسۇۋېلىشى مۇمكىن، بۇ ياشانغانلار، بالىلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ خەتەرلىك.
03 ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ تۆت قەدەملىك ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم: دەرھال توختىتىش
ھەرقانداق نەرسىنى يېيىش ۋە يۇتۇشنى دەرھال توختىتىڭ.
ئىككىنچى قەدەم: گالنى ئازادە قويۇش
شۆلگەي يۇتۇش ھەرىكىتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، گالنى ئازادە ھالەتتە ساقلاش كېرەك.
ئۈچىنچى قەدەم: باشنى تۆۋەن سېلىپ يۆتىلىش
بېشىڭىزنى تۆۋەن سېلىپ، ئېڭىشىپ، كۈچەپ يۆتىلىشنى سىناپ بېقىڭ. گېلىڭىزغا تۇرۇپ قالغان ھەمدە ئورنى تېيىز بولغان كىچىك بېلىق قىلتىرىقى بەزىدە يۆتىلىشتە ھاۋا ئېقىمى ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ.
تۆتىنچى قەدەم: دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش
ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇللارنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، ئىككىلەنمەي، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ كەسپىي قۇلاق-بۇرۇن-كېكىردەك بۆلۈمى دوختۇرىدىن ياردەم سوراڭ. بېلىق قىلتىرىقى گالدا تۇرۇپ قالسا جىددىيلەشمەڭ، قالايمىقان «يەرلىك ئۇسۇل» قوللانماڭ، ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، كىچىككىنە بىر تال قىلتىرىقىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالماي، ئۆزىڭىزگە چوڭ خەتەر تېپىۋالماڭ. بېلىق يېگەندە ئاستا چايناپ يېيىش ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى!






