ئانار بۇلۇت\تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
6-ئايدا تۇرپاننىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى دائىم دېگۈدەك 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ، تىپىك سوغۇق سۇ بېلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سالمون بېلىقى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق، پاكىز سۇ رايونىغا ئامراق بولۇپ، قارىماققا ياز پەسلىدىكى تومۇز ئىسسىق بولىدىغان تۇرپان بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنىدۇ. شۇ جايدىكى كارخانىلار تىيانشان قار سۈيىنىڭ تەبىئىي، ساپ بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىلغار قۇرۇقلۇق ئۇلى سۇ ئۆتكۈزۈش باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، سالمون بېلىقىنى تومۇز ياز پەسلىدىمۇ يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسى 60 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان تۇرپاندا خاتىرجەم يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
تۇرپاننىڭ سالمون بېلىقى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى بازارلاردا قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى، بارلىق تەييار بېلىقلار يىرىك پىششىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، پۈتۈن مۇساپىلىك سوغۇق توشۇش ئارقىلىق گۇاڭجوۋ، شاڭخەي، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا توشۇلىدۇ. بۇ كەسىپنىڭ تۇرپاندا ماكانلىشىشى «ئىسسىق قۇتۇپ»تا سوغۇق سۇ بېلىقى بېقىشقا بولمايدۇ دەيدىغان ئىلگىرىكى قاراشنى بۇزۇپ تاشلاپ، قۇرغاق رايونلاردا «بىر سۇدىن ئىككى خىل پايدىلىنىش» يېڭى ئەندىزىسىدىكى قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنى بەرپا قىلىپ، شۇ جاينىڭ خاس كەسىپ تەرەققىياتىنى يېڭى يولغا ئىگە قىلدى.
مۇخبىر: جاڭ رۇيلىن
ئوپېراتور: مۇتەللىپ غوپۇر
نازارەتچى: جاڭ جىلى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






