تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى

—— جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى سىياسىي ئوبزورى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ.» ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ روشەن سىياسىي خىسلىتى ۋە كۈچلۈك سىياسىي ئەۋزەللىكى.

2026 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىندى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. «14تە چىڭ تۇرۇش»تا، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى باغلىنىشى چوڭقۇر ئىگىلەنگەن، پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشى بىرتۇتاش پىلانلانغان بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

( 1 )

ۋاقىت ئۇچقاندەك تېز ئۆتمەكتە، ئىلگىرىلەش يولىمىز داغدام.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىكى كۆرۈنۈشلەر خۇددى تۈنۈگۈنكىدەك كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا قىلغان جاراڭلىق سۆزى زامان - ماكان ھالقىپ، يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىنى ئۇزاققىچە لەرزىگە سالدى.

«100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەش، بارلىق قۇربان بېرىش، بارلىق ئىجادىيەتنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر باش تېمىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.»

«تارىخنى ئەينەك قىلىش، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.»

ھەربىر سۆزى ناھايىتى ۋەزىنلىك بولغان بۇ جاكارلاشتا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ نامايان قىلىندى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەندى، تارىخىي ئورۇن بېكىتىلدى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

100 يىللىق چوڭ پارتىيە داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. بۇ بەش يىلدا، بىز خەۋپ - خەتەر، سىناقلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمىمىز مەزمۇت بولدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سىجىل ئاشتى، ھەربىر ئەمەلىي ئىش، تۈرلۈك ئىسلاھات جۇڭگو زېمىنىدا تەدرىجىي نامايان بولدى.

قاينام - تاشقىنلىق يىللاردا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى قەتئىي ساقلىدى؛ دەۋر مۇساپىسى چوڭقۇر ئۇزارتىلدى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش تارىخىدا يىلتىز تارتقان چوڭقۇر تونۇشى. بۇ خىل ۋاقىت قارىشى مۇساپىنى ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى بىلەن ئۆلچىمەي، بەلكى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئارقىلىق يۆنىلىشنى بېكىتتى؛ ھەم ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىش، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىكتەك ئىمتىھانغا بېرىش سەگەكلىكىنى دائىم قەلبكە پۈكتى، ھەم بوشاشماي كۈرەش قىلىش، پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى چىڭ ساقلىدى؛ ھەم ئەسلىي مەقسەت ۋە كەلگەن يولنى ئەسلەپ، كۈچ - قۇۋۋەت قوبۇل قىلدى، ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ ئەمەلىي ۋە تىرىشىپ ئىشلىدى، شۇنداقلا يىراقنى كۆزلەپ ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى.

جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى كىچىك قىزىل كېمىدىن مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتقا يول باشلاشقىچە، 105 يىل بوران - چاپقۇن ۋە جەبىر - جاپانى باشتىن كەچۈردى، قەدەمنى مەزمۇت تاشلىدى. قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان ئىنقىلاب يىللىرى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرگەن قۇرۇلۇش مەزگىلى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەن ئىسلاھات يىللىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش يېڭى دەۋرىگە مەردانە قەدەم تاشلىدى، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى ئىچىدە يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالدى. ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، تارىخىي ئۆتكەللەردە كەسكىن تاللاش چىقىرىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەيۋەتلىك تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقىپ، مەۋقە ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇلغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك نامايان قىلىنغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش داغدام يولىنى تېپىپ چىقتى.

«بىر دۆلەت زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشتا ھەم زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى مەۋقەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇشى، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. قانداق زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۆزىگە ئەڭ ماس كېلىدۇ، بۇنىڭدا ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم ھۆكۈمىدە مەۋقە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇلۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ھەممىلا يەرگە ماس كېلىدىغان قېلىپى يوقلۇقى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، جەمئىيەت تۈزۈمى، تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىش يولىدا مۇقەررەر ھالدا ئىچكى - تاشقى خىرىس، زىددىيەتنى تەڭشەش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ سىنىقىغا دۇچ كېلىدىغانلىقى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلدى.

بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنياۋى تەرەققىياتتا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش گىرەلىشىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىق كۈچىيىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى گەۋدىلەندى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلدى. غەربنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەندىزىسى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش، سىرتقا قارىتا تالان - تاراج قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە قارشىلىشىش، تۈزۈم رولىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت قۇرۇلما خاراكتېرلىك قىيىن ئەھۋالغا چوڭقۇر پېتىپ قالدى. ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش كېرەكمۇ ياكى ئورتاق بېيىش كېرەكمۇ؟ ماددىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش كېرەكمۇ ياكى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە ماس تەرەققىي قىلىش كېرەكمۇ؟ كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتۇش كېرەكمۇ ياكى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش كېرەكمۇ؟ نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش كېرەكمۇ ياكى ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ؟ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىزىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىش كېرەكمۇ ياكى مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش كېرەكمۇ؟ زامانىۋىلىشىشقا دائىر بىر قاتار سوئاللارنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پارتىيەلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى ۋە تارىخىي ئاڭلىقلىقىنى سىنايدۇ.

دۇنيا زادى قانداق زامانىۋىلىشىشقا ئېھتىياجلىق؟ قانداق قىلغاندا زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن دەۋر سوئالى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ خەلقچىللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ كۆپ خىللىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ سىجىللىقىنى ساقلاش كېرەك؛ ئالدى بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاندىن باشقىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش ھالىتىنى ساقلاپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىشتىكى قەتئىيلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قىممەت يۈزلىنىشىدىن ئەمەلىيەت يولىغىچە، ئىچكى تەرەققىياتتىن دۇنياۋى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقىچە، بۇ مۇھىم باياننىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، لوگىكىسى پۇختا بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى ئورتاقلىققا ئىگە قىيىن مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق ھەل قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

تارىخ شۇنى چوڭقۇر ئۇقتۇردىكى، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاسماندىن چۈشۈپ قالمايدۇ، بەلكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنىڭ قىممەت ئىدىيەسى، رەھبەرلىك سەۋىيەسى، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، روھىي قىياپىتى، ئىرادىسى ۋە پەزىلىتى دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەر ھەقىقىي باتۇرلاردۇر. يېڭى مۇساپىدە، بىز پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى بىلەن دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات ئومۇمىيىتى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەقدىرىنى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىش بىلەن دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزىمىزدىن ھالقىغاندىلا، ئاندىن باشتىن - ئاخىر ئىشەنچ، ئىرادە، ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ دەۋر خىرىسىغا ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ياخشى ماسلىشىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز، پارتىيەمىزنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش»نىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى قاتارلىقلار بىلەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ بېيىتىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنى جۇڭگونىڭ سوئالىغا، دۇنيانىڭ سوئالىغا، خەلقنىڭ سوئالىغا، دەۋرنىڭ سوئالىغا يەنىمۇ ئىلمىي جاۋاب بېرىشكە يېتەكلىدى.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە»دىن قەتئىي ئىرادە بىلەن «دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك پارتىيە»گە قەدەم تاشلىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇقەررەر ھالدا بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، قەتئىي ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، كۈچلۈك جەڭگىۋارلىق ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز جۇشقۇن كۈچ قوشىدۇ.

( 2 )

«بىز تىنچ دەۋردە ئەمەس، پەقەت تىنچ دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز.» بۇ بىر جۈملە ئاددىي سۆز سانسىزلىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. دۇنيادا بارغانسېرى ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، تېخىمۇ كۆپ بىلىملىك زاتلار مۇنداق بىر مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلاندى: نېمە ئۈچۈن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ «مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل»، نېمە ئۈچۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچى پۈتۈن دۇنيادا سىجىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ؟

«مۇشۇنداق چوڭ دۆلەتتە مەسئۇلىيەت ئىنتايىن ئېغىر، خىزمەت ئىنتايىن مۈشكۈل. مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن. مەن <ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەش> ھالىتىنى ساقلاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزۈمنى بېغىشلاشنى خالايمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە چەت ئەل سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ سوئالىغا بەرگەن جاۋابى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى تەنتەنىلىك جاكارلاش، شۇنداقلا «جۇڭگو مۆجىزىسى»نىڭ جانلىق يەشمىسى.

پارتىيەنىڭ قىممەت ئىدىيەسى پارتىيە ئىدېئولوگىيەسىنىڭ جېنى، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزىسى، ھەرىكەت ئىرادىسى، يول يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، تەقدىرى، ئىستىقبالى، ئىشلارنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك. ماركسىزملىق ئېتىقاد، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى، «ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر» دېگەن تۈپ مەيداندا باشتىن - ئاخىر مۇستەھكەم تۇردى، «خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيانىڭ باراۋەر - ئىناقلىقىنى كۆزلەش»تىن ئىبارەت بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلىدى... شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى مۇستەھكەم غايە - ئېتىقادنى نامايان قىلدى، ئۇ تۈمەنلىگەن ئائىلىلەردە پۈتۈلگەن، پۇقرالارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن ئىلمىي نەزەرىيە.

«مەيلى بىز قانچە يىراققا بارايلى، كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ». بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنىڭ شىمالىي ئۇچىدىكى ئۇزارتىلغان لىنىيەگە جايلاشقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىدا، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. 2600 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 3500 يۈرۈشتىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئەمەلىي بۇيۇمى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تېمىسىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى ۋاقىت ئىشىكىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق مۇساپىسىنى جانلىق قايتا نامايان قىلدى.

يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قېلىش ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس روھ بىلەن، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ ئىجتىمائىي شارائىت ياراتتى؛ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، دۆلەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ھېسسىياتىنى قەلبكە پۈكۈپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان مۇستەقىل سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ۋە قىممەتلىك تەجرىبە، نەزەرىيە تەييارلىقى، ماددىي ئاساس سېلىپ بەردى؛ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نىسپىي ئارقىدا قالغان ھالەتتىن ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە بىراقلا 2 - ئورۇنغا ئۆتۈشتەك تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا كىيىنىش، تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولغان تۈزۈلمە كاپالىتى ۋە تېز تەرەققىي قىلىدىغان ماددىي شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.

مۇستەھكەم ئىرادە بىلەن ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالغان لى داجاۋ، تاغ - دەريالارنى سادىقلىق بىلەن قوغدىغان ياڭ جىڭيۈ، قۇملۇقتا خەلقنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرغان جياۋ يۈلۇ، چۆللۈكتە دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالىنى ياسىغان دېڭ جياشيەن، قارلىق دالىدا پۇقرالارنى قوغدىغان كۇڭ فەنسېن، قاقاس تاغلارنى كۆكەرتكەن ياڭ شەنجوۋ... ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار خىلمۇخىل ھايات - ماماتلىق سىناقلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قاتمۇقات جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان ئېتىقاد ئۇچقۇنى بىلەن مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ دەۋر مەشئىلىنى ياندۇرۇپ، بىپايان جۇڭگو زېمىنىنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىنى يورۇتتى.

«مەيلى بىر ئادەم ئۈچۈن بولسۇن ياكى بىر پارتىيە ئۈچۈن بولسۇن، ئەڭ تېپىلغۇسىز بولغىنى شۇكى، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەسلىك، نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، خىسلىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا ساقلاش.» پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» قۇرۇلتاي باش تېمىسىغا كىرگۈزۈلدى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» «ئۈچ جەزمەن» ئىچىدە باش ئورۇنغا قويۇلدى. ۋەزىيەت، مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ تېزلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەر، خىرىسنىڭ كۆپلۈكى، پارتىيەمىز دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا دۇچ كەلگەن سىناقنىڭ زورلىقى ئالدىدا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قىممەتنى قەتئىي ساقلىشى تېخىمۇ روشەن، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئاڭلىق بولدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا، نامراتلارنى يۆلەشكە ئاتلانغان نەچچە مىليون كادىر ئەڭ چەت، يىراق كەنتلەرگە بېرىپ، 100 مىليونغا يېقىن يۇرتداشنىڭ مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە 39 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر ئەڭ خەتەرلىك بازىلارغا بېرىپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغدىدى. ئېكولوگىيەنى تۈزەش ئالدىنقى سېپىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئورماننى مۇھاپىزەت قىلىپ، قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر ئەڭ ئاجىز تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، مەڭگۈ تەرەققىي قىلىدىغان يېشىل توسۇقنى مۇستەھكەملىدى. «غەربىي ئافرىقا تۇمشۇقى»دىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇدۇقىدىن جۇڭنەن يېرىم ئارىلىدىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش يولىغىچە، يەنە لاتىن ئامېرىكىسى چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش باغچىلىرىغىچە، ھەممىلا جايدا چىن، سەمىمىي جۇڭگو ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بار، ھەممىلا جايدا ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغان جانلىق ھېكايىلەر بار.

تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ قىممەت ئىدىيەسى بىر دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىشتىكى تەرەققىيات مەيدانى، تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات ئاساسىنى بەلگىلەيدۇ. نوپۇس كۆلىمى غايەت زور بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك ماسلاشقان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بەش جەھەتتىكى «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى» خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، دۇنيانىڭ باراۋەر - ئىناقلىقىنى كۆزلەشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى ئاچتى.

ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، بۇ زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى داغدام يول، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيانىڭ باراۋەر - ئىناقلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى مۇقەررەر يول.

( 3 )

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىي ئىش بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلەش تەس بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىس، جاپا - مۇشەققەت، توسالغۇلارغا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنلارغا دۇچ كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى، ئىستىقبالى، تەقدىرى، ئاخىردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ھازىرلىغان - ھازىرلىمىغانلىقى ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

بىر پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسى ئەسلىدىلا بار بولغان ئەمەس، بەلكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا. پارتىيەنىڭ يادروسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش پارتىيەنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق كۈرىشىنىڭ مۇھىم تارىخىي تەجرىبىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى ۋە داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئەۋزەللىك.

ياز كۈنلىرىدىكى شەنشى يۈلىننىڭ مىجى ناھىيەسىدىكى ياڭجياگوۋدا دەل - دەرەخ ۋە گۈل - گىياھلار بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى. 1947 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ئورگىنى بۇ كىچىك تاغ جىلغىسىغا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلدى. رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئېلېكتىر دولقۇنىغا ئەگىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاۋازى شىمالىي شەنشىدىكى گەمىدىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيەنى دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىشقا يېتەكلىدى. 2021 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياڭجياگوۋدىكى ئىنقىلابىي كونا ئورۇندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش» «پارتىيەنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش» كېرەك.

زۇنيى يىغىنىدا جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاش، ئىنقىلاب يۆنىلىشىنى توغرىلاشتىن شىبەيپودا ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش، يېڭى جۇڭگوغا ئۇل سېلىشقىچە، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىش، تارىخ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشتىن يېڭى دەۋردە گۈللىنىشنى نىشانلاش، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈشكىچە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ھەمىشە تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا ئاچقۇچلۇق تاللاش چىقىرىپ، خەلقنى يېتەكلەپ ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا مېغىزىنى تاللاپ شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىپ، 100 يىلدىن ئارتۇق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق غەربنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تارىخىي خاراكتېرلىك يېتىشىۋېلىش ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

جۇڭگو خەلقىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا يېتەكلەشتە، پارتىيەمىز ھەم سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشى، ھەم ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشكە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، ئۈزلۈكسىز تۈردە خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، خىرىسنى كۈتۈۋېلىش، خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

نۇرغۇن قېتىم قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتتى، پولاتتەك تاۋلاندى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، دەھشەتلىك دولقۇنلارغا تاقابىل تۇرۇش، گۈللىنىش ئومۇملۇقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى رەھبەرلىك سەۋىيەسى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان نوپۇزى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. زىمبابۋې دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ماچاچا ئېيتقاندەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى ھەقىقەتەن بىر مۇھىم ئىلھامنى ئەكس ئەتتۈردى، يەنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان قۇدرەتلىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە ئېھتىياجلىق، كۈچلۈك ئىدېئولوگىيە، يىراقنى كۆرەرلىك، بىردەك ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئورتاق نىشان بۇ رەھبەرلىك كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

بوخەي دېڭىزىغا يېقىن، «ئۈچ شىمال»نى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان، پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىم جايدا بىر «كەلگۈسى شەھەر»نىڭ دەسلەپكى شەكلى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى. توققۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، شيۇڭئەن يېڭى رايونى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، تېز تەرەققىي قىلدى. «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان»دا پارتىيەمىزنىڭ ئومۇملۇق ۋە تارىخقا مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت كەڭ قورساقلىقى ۋە ئىرادىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ھەم يىرىك پىلانغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان دىيالېكتىكا مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارى نامايان قىلىندى، بۇ، دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

«مىڭ يىللىق تەسەۋۋۇر» بىلەن «كونكرېت نىشان»نى بىرلەشتۈرۈپ، قەدەممۇقەدەم ئالغا ئىلگىرىلەپ يىراققا يۈرۈش قىلىش؛ «يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش» بىلەن «خەلقتىن ئەقىل سوراش»نى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش؛ «ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش» بىلەن «ھەممىدە خەلققە تايىنىش»نى بىر - بىرىگە تۈرتكە قىلىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇشۇنداق قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچىگە ئىگە بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمى ۋە يۈزلىنىش تومۇرىنى دەل جايىدا ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچ، ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقنى ساقلىغانلىقىدا؛ ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشكە ماسلاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقىدا؛ ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تامچە سۇ بىلەن تاشنى تېشىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدە.

تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەڭداشسىز قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك رەھبەرلىك كۈچى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

( 4 )

«ئاڭلىق ھالدا ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىپ، ئىدىيەۋى تونۇشتىكى ئېغىشنى ۋاقتىدا توغرىلاش» «بىلگەن ھامان تۈزىتىش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىش»... «15 - بەش يىل» باشلىنىپ، قەدەم ئېلىنىپ، پۈتۈن پارتىيەدە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدا ساقلانغان ئېغىش، بۇرمىلىنىش، خاتا بولۇش قاتارلىق بەزى مەسىلىلەر ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، جاۋابكارلىق قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالى تارقىتىلدى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرغىلى بولىدۇ.

80 نەچچە يىل ئىلگىرى، يەنئەندىكى گەمىدە، خۇاڭ يەنپېي ئوتتۇرىغا قويغان تارىخىي دەۋرىيلىككە دائىر سوئالغا قارىتا، ياش پارتىيە كەسكىنلىك بىلەن بىرىنچى جاۋابنى بەردى − «پەقەت خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلغاندىلا، ھۆكۈمەت ئاندىن بوشاڭلىق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ». يۈز يىللىق بوران - چاپقۇندا بىر ئەسىر ئىزدىنىپ، ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان چوڭ پارتىيە كەسكىن، ئۆكۈنمەيدىغان ئىككىنچى جاۋابنى، شۇنداقلا ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇقەررەر يولنى تېپىپ چىقتى − «پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش».

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىدىكى «14تە چىڭ تۇرۇش»نىڭ ماھىيەتلىك مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى دەل «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، يەنىلا قىلچە بوشاڭلىق قىلماي پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتىش كېرەكلىكىنى روشەن يورۇتۇپ بەردى.

«پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات زىچ باغلىنىشلىق، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ.» تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولسا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش كاپالىتى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەندىلا، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

بۇ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق. 2014 - يىلى 12 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ جېنجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، 50 نەچچە يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى سۈي رۇڭخەي باش شۇجىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىز چىرىك ئۇنسۇرلارنىڭ ئەدىپىنى بەرگۈچى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بەخت يۇلتۇزى!» دەل بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە بولۇش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش»نى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈردى.

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىن ئىبارەت «ئوپېراتسىيە پىچىقى»نى ئېلىپ سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلىدى؛ سىياسىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ بۇ «نېگىزلىك قۇرۇلۇش»ىنى ياخشى تۇتتى؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «توسالغۇ» «ئوتتۇرا قاتلامدا توسالغۇغا ئۇچراش» «ئۈزۈك يول»نى تۈگەتتى؛ ئىنتىزامنى زەرەتلىك «يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى»غا ھەقىقىي ئايلاندۇردى؛ چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى؛ ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولىدى... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، چوڭقۇر بۇرچ ۋە كۈلپەت تۇيغۇسى، قەيسەر ئىرادە ۋە پەزىلەت بىلەن، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر يۈرۈش «بىرىكمە تەدبىر»نى يولغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى «بىر پارچە قاتتىق پولات» قىلىپ ئۇيۇشتۇردى. تۈزۈمنى پىلانلاشتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ سادا ياڭرىتىشقىچە، بىر «باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغان، دادىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران - چاپقۇننىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتەلەيدىغان، غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

بۇ، دۇنيادىكى پارتىيەلەر قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت قوشىدىغان دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقى. «ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ <سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى>دىن قانداق تەجرىبىلەرنى ئۆگىنەلىدى؟» 2025 - يىلى، پۈتۈن پارتىيەگە يۈزلىنىپ قانات يايدۇرۇلغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. غەربتىكىلەر «جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى» «جۇڭگو گۇمران بولىدۇ سەپسەتىسى»نى نۆۋەت بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىپ، توختىماي غوۋغا كۆتۈرگەندە، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تەنقىدكە بىۋاسىتە يۈزلىنىش جاسارىتى، سەگەكلىكنى ساقلاش ئاڭلىقلىقى بىلەن، غايە ۋە نىشانغا ئىنتىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پۇختا، كۈچلۈك بولغان ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى. ئامېرىكا پېڭبو ئاگېنتلىقى يەنە بىر قېتىم «جۇڭگونى مەڭگۈ بوش چاغلىماسلىق كېرەك» دېگەن تەسىراتىنى ئېلان قىلدى.

«جۇڭگو ئۈلگىسى» كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئارقىسىغا «غالىبلار كۈچلۈك بولىدۇ، ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەر ھەقىقىي باتۇرلاردۇر»دىن ئىبارەت روشەن خىسلەت مۇجەسسەملەنگەن. دۇنيادىكى بەزى دۆلەتلەر غەربنىڭ ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى يېتەرسىز بولۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى توسالغۇغا ئۇچراشتىن ئىبارەت «غەلىتە چەمبىرەك»كە پېتىپ قالغاندا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قانداق قىلىپ «بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلالىدى؟ «پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئوخشاش ئۆز قۇرۇلۇشىغا بۇنداق كەسكىن، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلالىغان ئەمەس، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى بۇنداق يۈكسەك ئاڭلىقلىق بىلەن ئىلمىي پوزىتسىيە، سىستېمىلاشقان ئۇسۇلدا ئالغا سىلجىتالىغان ئەمەس، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى غەلىبە قازىنىش يولى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى جاراڭلىق ئىدى.

ئۆزىنى ياخشى باشقۇرغاندىلا جاھاننى ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ. يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پاراخوتى پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى، بوران - چاپقۇندا ئېزىپ قېلىشتىن ساقلايدىغان ئاچقۇچلۇق مۇقىملاشتۇرغۇچ، مۇساپىنى يورۇتىدىغان يول باشلاش ماياكى بولغاچقا، تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، گۈللىنىش قىرغىقىغا قاراپ مەردانە يۈرۈپ كەتتى.

( 5 )

2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەتنىڭ كاتتا مۇراسىمى قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى، بۇنىڭغا تەستە قولغا كەلگەن غەلىبە شان - شەرىپى نەقىشلەنگەن. تيەنئەنمېن راۋىقىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاراڭلىق، كۈچلۈك ھالدا مۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلاپ، دۆلەت خاتىرىسى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك كوردىناتنى بېكىتىپ بەردى: «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!»

روھ كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسى، ئىستىل ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئاساسى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ روھىي قىياپىتى، مىللەتنىڭ دەۋر سالاپىتى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشلەر باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولدى، زىچ باغلاندى.

105 يىللىق قالتىس مۇساپىگە نەزەر سالساق، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىدىن جىڭگاڭشەن روھى، تۆمۈر ئادەم روھى، قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھىغىچە، يەنە ئاينى تەكشۈرۈش روھى، كارخانىچىلار روھى، «ئۈچ كالا» روھىغىچە... ھەربىر روشەن، كونكرېت «كوردىنات» ھەيۋەتلىك مەنىۋى ئۇزۇن ئېقىن ھاسىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان پەلەمپەي بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شانلىق تارىخىي داستانىنى پۈتۈپ چىقتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىدە تاغ - دالىلاردا يىلتىز تارتىپ، كېچە - كۈندۈز چېپىپ يۈرۈپ، يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك غەيرەت بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلدى؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە ئاتاكىدا ئالدىدا تۇرۇپ، خەتەرگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغدىدى؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى سېپىدە قەتئىي بوشاشماي، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنى ياساپ چىقتى. يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن!

ئېنگېلس مۇنداق كۆرسەتكەن: «ئۆز مەقسىتىنى بىلىدىغان، بۇ مەقسەتكە قانداق يېتىشنىمۇ بىلىدىغان پارتىيە، بۇ مەقسەتكە يېتىشنى ھەقىقىي ئويلايدىغان ھەمدە بۇ مەقسەتكە يېتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان قەيسەر روھقا ئىگە پارتىيە − بۇنداق پارتىيە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرىدۇ.»

دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، ئومۇمەن تەرەققىيات زاپاس كۈچى يېتەرسىز بولغان، زامانىۋىلىشىش يېرىم يولدا توختاپ قالغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مەسىلىنىڭ يىلتىزى پارتىيەلەرنىڭ روھىي بوشاڭلىقى، خەلق رايىنىڭ چېچىلاڭغۇلۇقى، ئەمەلىي ئىشلەش غەيرىتىنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودا، كوممۇنىستلار شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەل قىلدى. كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، تىرىشىپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، پاك، ئەمەلىيەتچىل بولغان مەنىۋى كۈچ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

شېنجېندىكى ليەنخۇاشەن تېغىدا، مەزمۇت ۋە ئېگىز ئۆسكەن گاۋشەنرۇڭ دەرىخى شامالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 2012 - يىلى 12 - ئايدا، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى كەڭ چىملىقتا، باش شۇجى گۈرجەك بىلەن ئورەك كولاپ، ئۆز قولى بىلەن بۇ رۇڭشۇ دەرىخىنى تىكتى. كونىسى بىلەن يېڭىسى بىر - بىرىگە تۈرتكە بولدى، يېڭىلىق ھەر كۈنى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى. ئىلگىرى ئۈچ مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ كۆچەت بۈگۈنكى كۈندە ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، بۈك - باراقسان ئۆسكەن دەرەخكە ئايلانغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىگە گۇۋاھ بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولغان، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىش جەريانى. «1 - بەش يىل»دىن «15 - بەش يىل»غىچە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمىنى باشتىن - ئاخىر ئالغا سىلجىتتى.

يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋان ئېشىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرماقتا، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئېغىر، تىپ ئۆزگەرتىش بېسىمى غايەت زور. خەۋپ - خەتەر قانچە چوڭ، خىرىس قانچە كۆپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىدا شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنى ئەمەلىي تۇتۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىش كېرەك؛ پاك بولۇش ئىستىلىنى شۇنچە ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۈكسەك ئەخلاقنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىش كېرەك؛ ئاددىي - ساددا بولۇش ئىستىلىنى شۇنچە يېتىلدۈرۈپ، ئەخلاق - پەزىلەتنى ساقلاپ، تېجەشلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ئومۇرتقىسىنى رۇسلاپ، كادىرلار بىلەن ئامما قەلبداش بولۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇردى.

( 6 )

«نۇرغۇن كىشى يېزىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قايتىپ كېتىشنى خالىمايدۇ، لېكىن ھامان قايتىپ كېلىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك، مەن دەل ئاشۇ قايتىپ كېلىدىغان ئادەم.» گۇاڭشى لېيېدىكى بەينىسۈن كەنتىدە تۇرۇشلۇق سابىق 1 - شۇجى خۇاڭ ۋېنشيۇ شەھەردىكى ئەۋزەل تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىشنى تاللاپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە يىلتىز تارتىپ، ياشلىق باھارىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىغا بېغىشلىدى. قارا يامغۇرلۇق كېچىدە، ئۇ ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ كېچىلەپ يول يۈرۈۋاتقاندا، بەختكە قارشى قىيانغا ئۇچراپ، ھاياتى 30 يېشىدا مەڭگۈلۈك توختاپ قالدى.

ۋەتەن تىنچ - ئامان بولدى، يىللار خاتىرجەم ئۆتتى، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدىغان پولاتتەك ئىرادىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە 1800دىن ئارتۇق يولداش قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، سەمىمىي ساداقىتى ئارقىلىق بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

105 يىللىق پارتىيە تارىخى دەل ئېتىقادى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولغان، توختىماي ئالغا باسىدىغان، ئۆزىدىن ھالقىغان بىر كۈرەش تارىخى.

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، تاشقى جەھەتتىكى توسۇش، بېسىم ئىشلىتىش، ئىچكى جەھەتتىكى زىددىيەت، يىغىلىپ قالغان ئىللەتلەر، تەرەققىيات يولىدىكى تەۋرىنىشتىن ئىبارەت ھەرقانداق خەۋپ - خەتەر زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى توسۇپ قويۇشى مۇمكىن. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، داقا - دۇمباق چېلىپلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتتۇق؛ ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق» «تۆت خىل خەۋپ» ئالدىدا، بىز ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈم مۇداپىئە سېپىنى زىچ توقۇپ، ئىنتىزام، قائىدىنى چىڭىتىپ، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتۇق، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدۇق؛ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاغرىق ئازابى، دەۋرىيلىك تۆۋەنلەش بېسىمى، قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنىڭ گەۋدىلىنىشى ئالدىدا، بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد ئاساسىي ھالىتىنى پۇختىلىدۇق، جۇڭگو ئىقتىسادى بوران - چاپقۇندا تاۋلىنىش داۋامىدا كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلدى.

قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىش داۋامىدا مۇقەررەر غەلىبە قىلدۇق. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 100 يىللىق چوڭ پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى. قايتا - قايتا تاۋلىنىشتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن پولاتتەك ئىرادە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشى، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم مەنىۋى تىرەك بولدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 102 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاڭ ليەنشېڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزى مەركىزىي زۇڭدۈي «4 - چوڭ ئەترەت»نىڭ تېلېگرافچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇرۇش ئىس - تۈتەكلىرى ئىچىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەگىشىپ شىمالىي شەنشىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلغان ئۇنتۇلغۇسىز يىللارنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، مەڭگۈ «4 - چوڭ ئەترەت»نىڭ ئەزاسى بولۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە بۇ سەمىمىي، چوڭقۇر بولغان پارتىيەگە ئىشىنىش، پارتىيەنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چىن قەلبىدىن ماختاپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئەلا جاۋاب قەغىزى پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

يېڭى مۇساپە شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر بولۇپ، يەنە مۇقەررەر ھالدا يېڭى خىرىس ۋە سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ. بىز جەزمەن پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى، پەزىلىتىنى سىجىل تاۋلاپ، باشتىن - ئاخىر قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلىشىمىز، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلىشىمىز، قەتئىي بوشاشماسلىقىمىز كېرەك. رەزىللىكتىن قورقماي، ياماندىن قورقماي، بېسىمدىن قورقماي، كۈچلۈك سىياسىي ئىرادە بىلەن دەۋر ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، سەگەكلىك بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش ئىرادىسى ئارقىلىق ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىشەنچكە، ئىرادىگە، جاسارەتكە، ئەۋرىشىملىككە ئىگە بولۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۇشىمىز، ئارتۇقچىلىقىمىزنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

105 يىلدا ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۈزۈلمەي داۋاملاشتى، يېڭى دەۋردە بۇرچنى زىممىگە ئالدۇق، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئىلغار قىممەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى تاۋلاپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئېسىل روھىي قىياپەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، قەيسەر ئىرادە ۋە پەزىلەتنى چېنىقتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىپ، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېپيېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.