− يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
بۈگۈنكى جۇڭگونى چۈشىنىش ئۈچۈن، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. بۇ بۆلەك ئەسىر مۇساپىسى تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا قانداق قاينام - تاشقىنلىققا تولدى؟
«جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر سىياسىي كۈچ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئوخشاش مۇشۇنداق چوڭقۇر، تارىخىي خاراكتېرلىك تۈرتكە بولالىغان ئەمەس.»
«بۈگۈنكى دۇنيادا، قايسى پارتىيە، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ئۆزىگە ئىشىنىدۇ دېسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئەڭ ھەقلىق.»
تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، خەلقى مەردانە، ئىستىقبالى پارلاق. بۇ، چوڭ ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش بولىدىغان دەۋر، بۇ، چوڭ دەريا - ئېقىنلار قوشۇلىدىغان دەۋر. 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك ئېقىن سۈيى ھازىرنى سۇغۇرۇپ، مەۋج ئۇرۇش، سوقۇلۇش، يۇغۇرۇلۇش جەريانىدا، بىر «يېڭى مەدەنىيەت ھاياتلىق گەۋدىسى»نى، بىر خىل «ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتى»نى ياراتماقتا.
يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشنى چۈشىنىشتە، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت كۆرۈش نۇقتىسى تېخىمۇ ئاچقۇچلۇق.
مۇشۇنداق كۆرۈش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، بىز بۇ دەۋر كوردىناتلىرىنىڭ شانلىق نۇرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق −
10 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ «تۆت ئىشەنچ»ىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
بەش يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى: ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
يېقىندا، مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغاندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «بۇ ئىدىيە ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيەنى مەنبە قىلغان، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە يىلتىز تارتقان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە پىشىپ يېتىلگەن بولۇپ، پۇختا ئەمەلىيەت ئاساسىغا ۋە چوڭقۇر نەزەرىيە مەنبەسىگە ئىگە.»
مۇشۇنداق كۆرۈش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، بىز بۇ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان بايانلارنىڭ مەردانە كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق −
بىر ناھىيەنى ئىدارە قىلىش: «جۇڭخۇا زېمىنىنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەربىر ئادەم چوقۇم ئۇنىڭ ھەربىر ئېقىنىنى، ھەربىر سۇڭ تۇپرىقىنى، ھەربىر بەت شانلىق تارىخىنى ياخشى كۆرىدۇ.»
بىر ئۆلكىنىڭ ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىش: «بۈگۈن بىز تارىخ ئېقىنىغا قەدەم قويۇپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئۈمىدىنى قوبۇل قىلدۇق، شۇڭا بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، سەمىمىي تۆھپە قوشۇپ، مەدەنىيىتىمىزنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇشىمىز، ئىجادىيىتىمىزنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.»
بىر دۆلەتكە يول باشلاش: «9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىندا تۇرۇپ، 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا توپلىغان مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى مۇجەسسەملىگەن قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولۇپ، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا، چەكسىز كەڭ دەۋر سەھنىسىگە ئىگە بولدۇق، مىسلىسىز چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولدۇق، مىسلىسىز قۇدرەتلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئىگە بولدۇق.»
(1) مەدەنىيلىكنىڭ گۈللىنىشى
دېھقانلار كالېندارى بويىچە بىڭۋۇ ئات يىلى، يىل ئاخىرى ۋە يىل بېشىدىكى ئىككى كۆرۈنۈش كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ −
ھارپا كېچىسى، يۈز مىليونلىغان كۆرۈرمەن باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى كۆردى. بىر توپ ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم شاۋلىن گۇمپىسىنى ئورۇنلىدى، ھەربىر ھەرىكەتتە جەسۇرانە مەدەنىيەت قىياپىتى بىلەن تولۇپ تاشقان پەن - تېخنىكا كۈچى نامايان بولدى.
ئوكياننىڭ قارشى قىرغىقىدا، نېجا، ۋۇكۇڭ، لابۇبۇ، جۇڭگو مودا ئېقىمىIP سى مەملىكەت سىرتىدىكى مەستانىلەرنى ھاياجانغا سالدى؛ «China Travel» (جۇڭگو ساياھىتى)، «Becoming Chinese» (جۇڭگولۇق بولۇش) ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئالقىشلاندى.
بۇ، ھازىرقى جۇڭگودىكى ئاددىي كۈندىلىك تۇرمۇش. ھەر كۈنى، قەدىمىي مەدەنىيلىك يېڭى مودا تېخنىكىغا قۇچاق ئېچىپ، كىشىلەرگە ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىق بېغىشلايدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرگە تونۇش بولغان يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدۇ.
2026 - يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر جۈملە سۆزى دەل بۇنى ئەڭ ئىخچام ئىپادىلەپ بەردى: «ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تېخىمۇ شانلىق نۇر چاچتى.»
مەدەنىيەت ئىشەنچىگە ئىگە مىللەت پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، مەزمۇت تۇرالايدۇ، يىراققا بارالايدۇ. ئەنگلىيەلىك تارىخشۇناس توينبىي مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت تارىخىدا 20دىن ئارتۇق مەدەنىيلىك ھالىتى كۆرۈلگەن، پەقەت جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسىلا ئۇزاق مەزگىل داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلدى ھەم ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى.
بۇ بىپايان زېمىندا، قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن تەنھا ئىس - تۈتەك، جياڭنەندىكى سىم - سىم يامغۇر ھەمىشە كىشىنىڭ ئوي - پىكرىنى ئۇزاق تارىخقا تۇتاشتۇرىدۇ، قەلبلەرنى تەلپۈندۈرىدۇ؛ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ توققۇز ئەگىمى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىشى ھەمىشە كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، چەكسىز ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. «سەلتەنەتلىك جۇڭخۇانىڭ تارىخى شۇ قەدەر ئۇزاق، مەدەنىيلىكى شۇ قەدەر مول، بۇ بىزنىڭ ئىشەنچ ئاساسىمىز، كۈچ - قۇۋۋەت مەنبەيىمىز.»
مەدەنىيەت تەقدىرى دۆلەت تەقدىرى بىلەن باغلانغان.
دۆلەت ئار - نومۇستا قالغان، خەلق ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولغان، مەدەنىيلىككە چاڭ - توزان قونغان يىللاردا، «جابدۇق قوراللار ئارقىدا قېلىش»قا ھەسرەت چېكىشتىن «تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىدا قېلىش»، يەنە «ئىدىيە، مەدەنىيەتتە ئارقىدا قېلىش»قىچە، ھەتتا «جۇڭگولۇقلار ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ كۈچىنى يوقىتىپ قويدىمۇ؟» دېگەن سوئال سورالدى.
خوراز چىللاپ يورۇپ ئالەم ئاتتى تاڭ.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى قىلىپ بېكىتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، «جۇڭگو خەلقى روھىي جەھەتتە پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتتى».
پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى يەنە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش تارىخىدۇر.
غەلىبە پەيتى يېتىپ كەلگەندە، بۇ بىر توپ «ماركسىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرى» «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سادىق ۋارىسلىق قىلغۇچىلىرى ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىلىرى» دۇنياغا مۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىدى: «جۇڭگولۇقلار باشقىلار تەرىپىدىن مەدەنىيلىكتە ئارقىدا قالغان دەپ قارىلىدىغان دەۋر ئۆتۈپ كەتتى، بىز يۈكسەك مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت سۈپىتىدە دۇنيادا نامايان بولىمىز.»
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەم ئۆزگىچە بولغان ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش بۇ قەدىمىي زېمىندا ئېلىپ بېرىلماقتا.
2013 - يىلى 11 - ئايدا، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. كاتتا يىغىن يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم يەرلىكتە تەكشۈرۈشتە بولۇش ئۈچۈن شەندۇڭ تۇپرىقىغا كەلدى.
سىشۇي دەرياسى ساھىلىدە، باش شۇجى كۇڭزى قەسىرى ۋە كۇڭزى تەتقىقات ئورنىغا كىرىپ، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىشنى ھېس قىلىپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ھامان مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى تىرەك قىلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى شەرت قىلىدۇ.»
2014 - يىلى 10 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارىدىن 70 نەچچە يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. مەدەنىيلىكتىن چىقىش قىلىپ مىللەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى، مەدەنىيەتتىن چىقىش قىلىپ گۈللىنىش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمى مەردانە ھەم جاراڭلىق ئىدى: «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى بولمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايدۇ.» «ئېگىز بىنالار دۆلىتىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە قەد كۆتۈرگەن پەيتتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى بىناسىمۇ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈشى كېرەك.»
بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ماھىيەتتە مەدەنىيلىكنىڭ گۈللىنىشى ھېسابلىنىدۇ.
«غەربتىكى نۇرغۇن كىشى جۇڭگونى غەربنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسى نەزەرىدىكى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مىللەت دۆلىتى دەپ قاراشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار جۇڭگوغا 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخى نۇقتىسىدىن قارىمايدۇ، بۇنداق بولغاندا جۇڭگونىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، كەلگۈسىنى ھەقىقىي چۈشىنىش تەس.»
شۇنچە ئۇزاق مەدەنىيلىك جۇغلانمىسى، شۇنچە ئۇزاق جاپا مۇشەققەتلىك ئىزدىنىش يېڭى دەۋردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭقۇر ئارزۇ، ئەڭ قەتئىي ئىرادە بولۇپ مۇجەسسەملەندى.
2023 - يىلى باش يازدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ يەنشەن تېغى ئېتىكىدىكى جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىغا كېلىپ، لەنتەي دۇڭكۇ ئامبىرىغا كىرگەندە، تارىخ ھىدى سىياھ ھىدىگە قوشۇلۇپ ھەممە جاينى قاپلىغانىدى.
بەتلىرى ئالا - بۇلا بولۇپ كەتكەن ۋېنجىنگې راۋىقى نۇسخىسىدىكى «توققۇز بابلىق ھېساب» ناملىق كىتابتىن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن «تۆت خەزىنە كىتابلىرى»... ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، ئوت ئاپىتى، قاراقچىغا ئۇچراش، تۆمۈر تاپان ئاستىدا قېلىش، كۆيۈپ كۈل بولۇش، سەرسان بولۇپ يۈرۈشكىچە، يەنە يېڭى دەۋردە ئەتىۋارلىنىش، ئەھمىيەت بېرىلىش، ھەسسىلەپ قوغدىلىشقىچە. ساقلىنىپ كەلگەن كىتابلارنىڭ تەقدىرى دەل دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ كارتىنىسى.
«گۈللەنگەن دەۋردە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئويغا چۆمگەن ھالدا بۇ سۆزنى قايتا - قايتا تىلغا ئالدى.
«بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز بۇ جايدا! ئىنتايىن مەدەنىي، ئالغا باسقان، ئىلغار. كەلگۈسىدە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، يەنە 5000 يىل داۋاملىشىدۇ، شۇنداقلا 5000 يىل بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ.»
شۇ يىلى ئالتۇن كۈزدە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە قويۇق رەڭدارلىشىپ كۆزنى قاماشتۇردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچى يېڭى يۈكسەكلىككە يەتتى.
(2) ئىدىيەدە ئازاد بولۇش
2014 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، «4 - ماي» ھەرىكىتىنىڭ 95 يىللىقى پەيتىدە، يەنيۈەنخۇ كۆلىدىكى نۇرلۇق مۇنارنىڭ سىيماسىدا «دائىم يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان» بېيجىڭ داشۆدە ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان كەيپىيات بارلىققا كەلگەنىدى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلۇپ مەۋج ئۇرغان بۇ بىلىم يۇرتى باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى.
بۇ قېتىمقى سەپەردىكى بىر تەپسىلاتنىڭ مەناسى چوڭقۇر ئىدى.
بىر خىلۋەت ھويلىدىكى دېرىزىلەرنىڭ رامكىلىرى قىزىل رەڭدە بولۇپ، ئۆيلەر نەپىس ھەم پاكىز ئىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 87 ياشلىق داڭلىق پەيلاسوپ تاڭ يىجيې بىلەن يېقىن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. تاڭ يىجيې چوڭ تىپتىكى جۇڭگو مەدەنىيەت ئىلمى توپلىمى «رۇجيا ئىدىيەسى خەزىنىسى»نى تۈزۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. تامدا، قېنىق چوڭ خەتلىك سالمىقى زور بولغان «قەدىمىي مەدەنىي دۆلەتنىڭ يېڭى تارىخىي بۇرچى» دېگەن تۆت خەت بار ئىدى.
«جوۋ سۇلالىسى گەرچە قەدىمىي سۇلالە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يېڭىلىق يارىتىشنى بۇرچ قىلغان»، «نەزمىنامە»دىكى بۇ ھېكمەتلىك سۆز ئۇزاق يىللارنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىش، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى تىكلەشتەك مەنىۋى گېنى نەقىشلەنگەن، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە دەۋر تەرەققىياتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشى مۇجەسسەملەنگەن.
2023 - يىلى 6 - ئايدا، بۇ تۆت خەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدىكى تەنتەنىلىك جاكارلىشىدا كۆرۈلدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەدىمىي مەدەنىي دۆلەتتىكى يېڭى تارىخىي بۇرچى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قايتا جۇلالىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.»
دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم بىلەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق توغرا بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ كەلدى.
«سىزنىڭ بۇ غايىۋى جەمئىيىتىڭىز بىلەن مېنىڭ ئېجىل - ئىناق دۇنيارىم ھەقىقەتەن بىر يەردىن چىقتى.» گومورو 1925 - يىلى يازغان «ماركسنىڭ ۋېنمياۋغا كىرىشى» ناملىق ئەسىرىدە ئاجايىپ تەسەۋۋۇرلار ئارقىلىق مۇنداق بىر چوڭقۇر ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويغان: شەرق دانىشمەنلىرىنىڭ جەمئىيەت غايىسى بىلەن ماركسىزمنىڭ قىممەت ئىنتىلىشى مىڭ يىلدىن ھالقىغان بولسىمۇ چوڭقۇر ماس كېلىدۇ.
بۇ، تارىخنىڭ سەۋەب - نەتىجىسى، شۇنداقلا مەنىۋى ئورتاق سادا.
1938 - يىلى، پارتىيە 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا، يولداش ماۋ زېدۇڭ تۇنجى قېتىم «ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي تېمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ھەم مۇنداق كۆرسەتكەن: «كۇڭفۇزىدىن سۈن جۇڭشەنگىچە، بىز ئۇنى خۇلاسىلەپ، بۇ قىممەتلىك مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك».
تارىخ سەھنىسىگە چىققان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېپيېڭى سىياسىي كۈچ ۋە ئىنقىلاب يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، يەنە يېپيېڭى مەدەنىيەت كۈچى ۋە مەدەنىيەت يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بۇ خىل تارىخىي ئاڭلىقلىق ۋە مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ كۈرەش قىلىشى، ئەمەلدە كۆرسىتىشى جەريانىدا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىندى.
بۇنداق ھېكايىلەرنى كىشىلەر تولىمۇ ھەۋەس بىلەن سۆزلەيدۇ −
فۇجوۋ شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان سەنفاڭ چىشياڭ كوچىسى جىن سۇلالىسىدىن باشلىنىپ، تاڭ سۇلالىسىدىكى بەش دەۋردە مۇكەممەللەشكەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە گۈللەنگەن بولۇپ، «لىفاڭ تۈزۈمىنىڭ جانلىق تاشقاتمىسى» دەپ ئاتالغان.
20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى، شەھەر تەرەققىياتى قۇرۇلۇشى بىلەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن توقۇنۇشقا دۇچ كەلگەندە، ئەينى چاغدىكى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ پوزىتسىيەسى ئېنىق ھالدا مۇنداق دېگەن: «بىر تۈزۈم، بىر خىل كۈچنىڭ ئىلغار ياكى ئەكسىيەتچىل ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشتە، مۇھىم بولغان بىر نۇقتا ئۇنىڭ تارىخقا، مەدەنىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قاراشتىن ئىبارەت.»
كېيىن، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغاندا، بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە سۈرۈشتۈرۈپ، كان قېزىشتىكى «پارتلاتقۇچ دورا بوغچىسى» ئاستىدىن «جەنۇبتىكى جوۋكوۋديەن» ۋەنشوۋيەننى قۇتقۇزۇپ قالدى؛ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغاندا، دەرھال قەتئىي قارارغا كېلىپ، «جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ بېرىدىغان مۇقەددەس جاي» لياڭجۇنى كان قېزىشتىكى پارتلىتىش ئاۋازى ئىچىدىن جىمجىتلىققا قايتۇرۇپ كەلدى...
بۇنداق كۆرۈنۈش كىشىگە چوڭقۇر ئىلھام بېرىدۇ −
جېجياڭ جىنيۈندە، 1600 نەچچە يىل ئىلگىرىلا، خۇاڭدى ئىبادەتخانىسى تاغ باغرىدا قەد كۆتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ جەنۇبىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئادىمىيەت مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئەجدادلىرىغا نەزىر قىلىدىغان ۋە يوقلايدىغان ئاساسلىق سورۇن بولۇپ قالغان.
2004 - يىلى 1 - ئاي، باھار بايرىمى ھارپىسىدا، يولداش شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ خۇاڭدى مەدەنىيىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. جاڭ شياۋخۇا مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇاڭدى رىۋايىتى ۋە نەزىر پائالىيەتلىرىنى پىششىق تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.
پەلەمپەيدىن يۇقىرىغا چىقىۋاتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ، بۇرۇلۇپ جاڭ شياۋخۇادىن مۇنداق سورىدى: «قىزچاق، سىز ماركسىزمغا ئىشىنەمسىز ياكى خۇاڭدى مەدەنىيىتىگىمۇ؟»
جاڭ شياۋخۇا بىردەم ئىككىلەنگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ھەر ئىككىلىسىگە ئىشىنىمەن...»
«ناھايىتى توغرا جاۋاب بەردىڭىز!» يولداش شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ماركسىزمغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. يەندى - خۇاڭدى ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكى بىزنى يىلتىزىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا ئۈندەيدۇ.»
ئاددىي بىر جۈملە سۆز دىللارنى يورۇتتى.
قەدىمكى بىلەن ھازىرقىنى، جۇڭگونىڭكى بىلەن غەربنىڭكىنى قانداق قىلغاندا يۇغۇرۇپ تۇتاشتۇرغىلى، ھەممىنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەرگىزمۇ ئاددىي بولغان «فىزىكىلىق جىپسىلاشتۇرۇش» بولماستىن، بەلكى چوڭقۇر «خىمىيەلىك رېئاكسىيە».
2014 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۇڭزى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 2565 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەم خەلقئارا كۇڭزى تەلىماتى بىرلەشمىسىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك ئەزالار يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ كۇڭزى تۇغۇلغانلىقىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە خەۋەر قىلىندى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىگە يېپيېڭى تۇيغۇ بەردى: «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىجادىي ئايلاندۇرۇلۇشى، ئىجادىي تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» «پەقەت تارىختىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرغاندىلا، بىز بۈگۈنكى ئىشلىرىمىزنى ياخشى قىلالايمىز».
2021 - يىلى 3 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇراتتى. ۋۇيىشەن تېغى جيۇچۈشى ئېقىنى بويىدا، فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇشى باغچىسىغا كەلدى.
ئۆزىگە تونۇشلۇق بولغان تاغ - دەريالار ئارىسىدا تۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقىنىغا ئۇزاق يىللار بولغان ئىدىيە جەۋھەرلىرىنى چوڭقۇر ئوقۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ سوئاللىرى ئارقىلىق ئېنىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر جۇڭخۇانىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيلىكى بولمىسا، نەدىمۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولسۇن؟ ئەگەر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىمىز بولسۇن؟»
قەدىمكىلەرنىڭ قائىدىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.
ئىزچىللىق، ئىجادچانلىق، بىرلىك، سىغدۇرۇشچانلىق، تىنچلىق − جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بۇ «بەش گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى»نى تۇنجى قېتىم ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگو يولىنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
«خەلقنى ئاساس قىلىشتىن دېموكراتىيەگىچە، جۇڭخۇا زېمىنىدا سىياسەت راۋان بولۇشتىن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگىچە، بارلىق شەيئىلەر تەڭ يېتىلىشتىن ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشكىچە، خەلقنى بېيىتىپ، ھاياتلىققا ئەھمىيەت بېرىشتىن ئورتاق بېيىشقىچە...» ئىچكى جەھەتتە ماس كېلىشتىكى ئاچقۇچنى چوڭقۇر ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ماركسىزمدىن ئىبارەت «جان تومۇر» ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت «يىلتىز»نى مەھكەم ساقلىدى.
«يەنە بىر قېتىملىق ئىدىيەدە ئازاد بولۇش» يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنى تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيەت بوشلۇقىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت قىممەتلىك بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن نەزەرىيە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
بۇنىڭ بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۆزگىچە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.
(3) مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇش
ھەيۋەتلىك، كۆركەم دۇجياڭيەن سۇچىلىق قۇرۇلۇشى كەڭ، مۇنبەت بولغان تەبىئىي شارائىتى ئەۋزەل، بايلىقى مول تۇپراقنى بارلىققا كەلتۈردى. مەدەنىيەت تومۇرى سۇغا ئوخشاش ئۈزۈلمەي ئېقىپ، كېيىنكىلەرگە ئۇزاق يىل مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.
2025 - يىلى باش قىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەننىڭ دۇجياڭيەندە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى. يەنگۇڭداۋ يولىنى بويلاپ ماڭغاچ پاراڭلىشىپ، خۇەيگۇتىڭ راۋىقىدا ئولتۇرۇپ، سۇ بويىدا چاي ئىچكەچ، ئۇزاق تارىخ ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخىي ئىلھام توغرىسىدا توختالدى −
«ھەر قېتىم دۇجياڭيەنگە كەلگىنىمدە ئەجدادلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ۋەزىيەتكە بېقىپ تەدبىر قوللىنىش، تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدىلىشىش، سۇنى تىزگىنلەپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتىكى ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىمەن، بۇنىڭدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەقىل - پاراسىتىنى قوبۇل قىلىمەن.» «مەدەنىيەت ئىشەنچىگە ئىگە مىللەت ئاندىن پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، مەزمۇت تۇرالايدۇ، يىراققا بارالايدۇ.»
دۇجياڭيەندە توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان مىللەت روھىنى ھېس قىلىش، تيەنتەندە خەلقنى ئاساس قىلىشتىن ئىبارەت ئۇيۇل تاشتەك ئەسلىي مەقسەت ئۈستىدە ئىزدىنىش، گۇگۇڭ سارىيىدا ھەققانىي، ئادىل، ئىناق بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى ھېس قىلىش... مول تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىدىن ئىشەنچ ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىن قەلبىدىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى مول پەلسەپە ئىدىيەسى، ئادىمىيەت روھى، تەلىم - تەربىيە ئىدىيەسى، ئەخلاق ئىدىيەسى قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ دۇنيانى تونۇشى ۋە ئۆزگەرتىشىنى پايدىلىق ئىلھام بىلەن تەمىنلەيدۇ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى پايدىلىق ئىلھام بىلەن تەمىنلەيدۇ.»
بۇنىڭدا، مەدەنىيەت كۈچى ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا كۈچ قوشۇش ئاڭلىقلىقى بار.
خېبېي جېڭدىڭدا خىزمەت قىلغان چاغدىلا، يولداش شى جىنپىڭ «قەدىمكى ۋە ھازىرقى جېڭدىڭ» ناملىق كىتابنى تۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەنىدى ھەم ئۇنى كۆپ قېتىم كۆرۈپ چىققانىدى. «بىزدە بۇ كىتاب بولسا، قەدىمكىدىن تېخىمۇ ياخشى ئۆرنەك ئېلىپ ھازىرقىغا ئىلھام بېرىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ، ئىقتىساد، تېخنىكا، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، جېڭدىڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشىدا بەلگىلىك تۈرتكىلىك رول ئوينىيالايمىز.»
چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنىڭ داھىيسى بولغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىختىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى.
2013 - يىلى 4 - ئايدا، 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 5 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، دىققەت دۆلىتىمىز تارىخىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تارىخىنى تەتقىق قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى پاكلىق مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش، دۆلىتىمىز تارىخىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە مەغلۇبىيىتى، پايدىسى ۋە زىيىنىنى تەكشۈرۈش كىشىگە چوڭقۇر ئىلھام بېرىدۇ، بۇ، بىزنىڭ تارىخىي ئەقىل - پاراسەتتىن پايدىلىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزغا پايدىلىق».
بەزى ئالىملارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىپ بايقىشىچە، يېڭى دەۋردىن بۇيان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھەر قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنىڭ باش تېمىسىدا «تارىخ» كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆز بولغان: دۆلىتىمىز تارىخىدىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، تارىختىكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، تارىختىكى ئەمەلدارلارنى ئىدارە قىلىش، تارىختىكى چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش، تارىختىكى يىپەك يولى ۋە دېڭىز يىپەك يولى...
ئۆز دۆلىتىنىڭ تارىخىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟ بۇ، ھەرقانداق دۆلەت زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا جەزمەن ياخشى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
«تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئېكولوگىيەگە ھۆرمەت قىلىش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەدبىر بەلگىلەش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزۈش كېرەك.» بىر قېتىملىق ئىقتىساد باش تېما قىلىنغان مۇھىم يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا ئۈچ قېتىم «ھۆرمەت قىلىش» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشقا ئاگاھلاندۇردى.
«مەن تارىخنى تەتقىق قىلىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تارىخنى پىششىق بىلمىسەك، بولۇپمۇ جۇڭگو تارىخىنى پىششىق بىلمىسەك، بىر خىل تارىخىي چوڭقۇرلۇق تۇيغۇسى بىلەن ھازىر قىلىۋاتقان ئىشنى ئىگىلىيەلمىسەك ۋە نىشانىمىزنى بېكىتەلمىسەك، ھازىرقى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىيەلمەيمىز.» دەل 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىككە بولغان ئىشەنچ بولغاچقا، «داغدام يولنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تارىخنى بىلىش كېرەك» دېگەن سەگەكلىك بار.
بۇنىڭدا، مەدەنىيەت ئارقىلىق كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەقىل - پاراسىتى بار.
2023 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «مەدەنىيەت ناھايىتى تەرەققىي تاپقان جايلاردا ئىقتىساد ئوخشاشلا ئالدىدا ماڭىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئادىمىيەت ئىقتىسادشۇناسلىقىنى تەتقىق قىلىپ بېقىشقا بولىدۇ.»
بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۇجوۋغا كەلدى. «30 ياشلىق قىران مەزگىل»گە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونىدا، ئىجادىي تەرەققىياتنىڭ «يادرولۇق ئەمەلىي كۈچى»نى تەكشۈردى؛ مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەندىزىسى ئۆزگەرمىگەن پىڭجياڭ يولىدا مېڭىپ، «ھەر يۈز قەدەمدە، جەزمەن باردۇر بىر مەنزىرە» دېگەن ئەڭ گۈللەنگەن ئادىمىيەتنى ھېس قىلدى.
«سۇجوۋدا ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلۈپتۇ، بۇ جايدا تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بار بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقىرى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتمۇ بار ئىكەن، بۇلار كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.» بۇ تەرىپلەش، شۇنداقلا چوڭقۇر كۆرسەتمە.
ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈشتىن پىكىر يولىنى ئىزدەش، مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇناسىۋىتىگە كۈچ سەرپ قىلىش ئۇزاق تارىخقا ئىگە، يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە.
«جىجياڭ يېڭى سۆزلىرى»دە خېلى بۇرۇنلا كۆزىتىش ئاساسىدا مۇنداق دېگەنىدى: «مەدەنىيەت ئىقتىسادى دېگىنىمىز، مەدەنىيەتنى ئىقتىسادلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى مەدەنىيەتلەشتۈرۈشنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتى مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ھەمتۈرتكە بولۇشى، يۇغۇرما تەرەققىياتىدىن ئىبارەت.»
جېڭدىڭدا، تارىخىي مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن قېزىپ، لۇڭشىڭ ئىبادەتخانىسىنى قوغداپ، رۇڭگو قەسىرىنى قۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق ناھىيەنى گۈللەندۈرۈشنى يولغا قويدى؛ فۇجيەندە، گۇلاڭيۈ ئارىلىنى قوغداپ، مىنجۈ تىياتىرىنى گۈللەندۈرۈپ، چاي مۇراسىمى بىلەن ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ جېجياڭدا خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، «مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش»نى تەلەپ قىلدى؛ شاڭخەينىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلىغاندا، «مەدەنىيەت كۈچىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا سىڭدۈرۈش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى... بۇ جەرياندا، يولداش شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر مەدەنىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، مەدەنىيەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان «مۇھىم تىرەك نۇقتا»، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان «مۇھىم ئامىل» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر كۈچ قوشتى... ئۇزاق يىللىق مەدەنىيەت تۈسى بىلەن زامانىۋى ئىقتىساد ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ، شەرقتىكى مەدەنىي چوڭ دۆلەت تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان تەرەققىيات كۈچىنى قوزغاتتى.
بۇنىڭ ئىچىدە، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىشتىكى قەتئىيلىك بار.
ليۇچىشياڭ كوچىسىغا ئىناقلىق - سىغدۇرۇشچانلىق مۇجەسسەملەنگەن. ئەنخۇي تۇڭچېڭدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 مېتىر، كەڭلىكى ئاران ئىككى مېتىر كېلىدىغان بىر كىچىك كوچا «ئۈچ چى يول قويساق نېمە بوپتۇ» دېگەن بىر بۆلەك ئېسىل داستانغا گۇۋاھ بولۇپ، «ئىناقلىقنى ئەلا بىلىدىغان» چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.
2024 - يىلى، سېرىق دارچىننىڭ خۇش ھىدى تارالغان پەسىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرگەن ھېكايىنى قايتا ئەسلەپ، تارىخىي ئۆرنەكلەرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاڭلىدى: «يول قويۇش، كەمتەر بولۇش، ئىناقلىقنى ئەلا بىلىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ گېنىغا سىڭىپ كەتكەن، بىز مەيلى قەيەرگە بارايلى، بۇ خىل روھقا ئاڭلىق ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.»
دۆلەت روھى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتىلىدۇ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى مېھرىبانلىقنى تەكىتلەش، خەلقنى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، لەۋزىدە تۇرۇش، ھەققانىيلىقنى ئۇلۇغلاش، ئىناقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئىناق - ئېجىل بولۇشقا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت دەۋر قىممىتى چوڭقۇر قېزىلدى ۋە بايان قىلىندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز تەشەببۇس قىلغان سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قەدىمكى دانىشمەنلەرنىڭ ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى».
سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ كەڭ تارقىلىشىدىن پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسىغا ئايلىنىشىغىچە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشتىن ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاش، ياخشىلىققا ئىنتىلىش، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىشقىچە... بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەلقى تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشەندى، ئۆزىگە تاياندى، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇردى، ئىرادىسى، جاسارىتى، غەيرىتى زور دەرىجىدە ئاشتى، تارىخىي مۇساپىدە توپلانغان قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە تولۇق قوزغىتىلىپ، مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادىيەت روھى ئۇرغۇتۇلدى.
(4) دۇنياغا باراۋەر نەزەردە قاراش
«70 - يىللاردا، 80 - يىللاردا، 90 - يىللاردا، 2000 - يىللاردا تۇغۇلغانلار، ئۇلار سىرتقا چىقىپ دۇنياغا نەزەر سېلىشتىن ئىلگىرى، جۇڭگو دۇنياغا باراۋەر نەزەردە قارايدىغان بولدى...» 2021 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىدە ئورتاق سادا قوزغىدى.
ئۆتمۈشتە، «كۆزنى يوغان ئېچىپ دۇنياغا نەزەر سېلىش» جاپالىق ئىزدىنىش جەريانى ئىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە، «دۇنياغا باراۋەر نەزەردە قاراش» قەتئىي، تەمكىن بولدى. نەزەر دائىرىدىن ھالقىغان بوشلۇق مىللەت روھىنىڭ قايتا ئۇرغۇتۇلىشى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ قايتا تىكلىنىشى.
دۇنياغا قانداق قىياپەت بىلەن يۈزلىنىش ماھىيەتتە بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ئېچىۋېتىشىنىڭ بىۋاسىتە نامايەندىسى.
«مەن زىيارەتكە بارغانلىكى جايلاردا ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى مىللەت خەلقى ئىجاد قىلغان مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىدىن تولىمۇ زوقلاندىم.» بۇ يىللاردا، مىسىرنىڭ قەدىمىي شەھىرى لۇكسوردىن گىرېتسىيەنىڭ ئافېنا قورغىنىغىچە، مېكسىكىنىڭ مايا مەدەنىيلىكى خارابىسىدىن ھىندىستاننىڭ قەدىمىي ئىبادەتخانىلار توپىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىدىن چىن قەلبىدىن زوقلاندى.
ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، دۇنيادىكى 60 نەچچە ئەدەبىيات - سەنئەت پېشۋاسىنى بىراقلا مىسال كەلتۈرۈپ، «گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىش»تىن ئىبارەت كەڭ قورساقلىقى ۋە سالاپىتىنى نامايان قىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، «<ئىنسانىيەت بىلىملىرىنىڭ يىغىندىسى>دىن مۇنەۋۋەر ئىدىيە، مەدەنىيەت بايلىقىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭ ئەندىزىسى، چوڭ كەيپىياتىنى نامايان قىلدى.
ئەسلىنى ئۇنتۇماي، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش. جۇڭخۇا مىللىتى قەدىمدىن تارتىپلا ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان، كۆڭۈل - كۆكسى دېڭىزدەك كەڭ ئۇلۇغ مىللەت.
يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار بولغان دۇنخۇاڭدا، موگاۋ غارى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، 2019 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا تۇنجى بېكىتىدە بۇ جايغا كەلدى.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇدلار ھەيۋەتلىك، رەڭ بېرىلگەن ھەيكەللەر جانلىق، تام رەسىملەر نەپىس ئىدى... ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ سالاپىتى ئاجىزلاشمىغان مەدەنىيەت گۆھەرلىرىگە كۆپ خىللىق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ئۆرنەك ئالغان مەدەنىيلىك ئىزنالىرى مۇجەسسەملەنگەنىدى.
دۇن دېمەك زور دېمەكتۇر؛ خۇاڭ دېمەك گۈللىنىش دېمەكتۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى نامايان قىلدى، پەقەت ئىشەنچكە تولغان مەدەنىيلىك بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش بىلەن بىللە تۈرلۈك مەدەنىيلىكنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى سىغدۇرالايدۇ، ئۆرنەك ئالالايدۇ، قوبۇل قىلالايدۇ.»
يىپەك يولىدىكى «چوڭ شەھەر»دىن مەدەنىيەت ئىشەنچىگە ئىگە زامانىۋى چوڭ دۆلەتكە نەزەر سالساق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى كەڭ قورساق، ئوچۇق - ئاشكارا بولدى − «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى يارىتىشتا تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك».
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا چوڭقۇر ۋە كەڭ پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەنتەنىلىك ھالدا دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى رەڭگارەڭ گۈللەرگە تولدۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى»؛
ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆھبىتى يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، «مەدەنىيلىك ئىشەنچى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «مەدەنىيلىك كۆپ خىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئالماشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنىدۇ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن تەرەققىي قىلىدۇ» دەپ تەكىتلىدى؛
«سودا ھەممە تەرەپكە تۇتاشتى، ھەممە دۆلەت كىشىلىرى بۇ جايغا جەم بولدى؛ مەدەنىيلىك يۇغۇرۇلدى، رەڭدارلىققا تولدى»، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، شاڭخەيدىن ئىبارەت ئىلگىرى خىزمەت قىلغان بۇ شەھەرگە پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنداق باھا بەردى؛
«چوڭ دۆلەت ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك»، گېرمانىيەدە نۇتۇق سۆزلىگەندە دانىشمەن لاۋزىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، چوڭ دۆلەت دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئوخشاش، جاھاندىكى ھەممىنى سىغدۇرالايدىغان كەڭ قورساقلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى؛
…
بۇ خىل كەڭ مەدەنىيلىك قارىشىنىڭ يادروسى دەل ئۆزىگە ئىشىنىش ئەمما بېكىنمىچىلىك قىلماسلىق، ئېچىۋېتىش ئەمما قارىغۇلارچە ئەگەشمەسلىك، ئۆزىنى قالتىس چاغلىماسلىق «پەقەت بىرلا دۇكان بولۇش، باشقا تارماق دۇكان بولماسلىق» ئەمەس، بەلكى دەل مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى ساقلاش بىلەن بىللە، دۇنيا مەدەنىيلىكى بىلەن قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە ئىپادىلەنمەكتە.
«<دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش> ھاكىمىيەتنى قورال كۈچى بىلەن ئېلىش ئەمەس، دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئەمەس»، يەرلىكتە رەھبىرىي كادىر بولغان يولداش شى جىنپىڭ «ئۆزىنى كامالەتكە يەتكۈزۈش، ئائىلىنى باشقۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»قا بولغان چۈشەنچىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى ئۈلگە قىلىپ تىنچ تەرەققىي قىلسا، سىزنىڭ ئىدىيەيىڭىز بىلەن بارلىق دۆلەتلەر دوستانە - ئىناق ئۆتسە، <دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش>نى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ».
2018 - يىلى قىشتا، ياۋروپادا زىيارەتتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىپەك يولى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تارىخى ئۈستىدە توختالدى:
«2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا، قەدىمىي قۇرۇقلۇق يىپەك يولى قەدىمىي پايتەخت چاڭئەن بىلەن ئىسپانىيەنىڭ تاراگونانى تۇتاشتۇرغان. جۇڭگونىڭ يىپەك ۋە چايلىرى تۆگە كولدۇرمىسى ساداسى ئىچىدە ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئىسپانىيەگە كەلتۈرۈلگەن.» «نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ كۆك گۈللۈك فارفۇر بۇيۇملىرى دېڭىز - ئوكيانلارنى كېزىپ پورتۇگالىيەگە كەلتۈرۈلۈپ، شۇ جايدىكى فارفۇر بۇيۇملارنى ياساش تېخنىكىسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە <پورتۇگالىيە كۆكى>نى شەكىللەندۈرگەن.»
ۋاقىت ئۈن - تۈنسىز ئۆتمەكتە، مەدەنىيلىك ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. تارىختا جۇڭگونىڭ يىپىكى، فارفۇر بۇيۇملىرى، چىيى، تۆت چوڭ كەشپىياتى دۇنياغا كەڭ تارقالغان؛ بۈگۈن بىز ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى نۇرىنى جۇلالاندۇرىدىغان ئاممىۋى مەھسۇلاتلار ئارقىلىق دۇنياغا تۆھپە قوشۇۋاتىمىز.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دوستلار چەمبىرىكىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىشىدىن تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسقا ئاۋاز قوشقۇچىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگىچە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىدىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگىچە... جۇڭگو ھەم مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى، شۇنداقلا ھەرىكىتىدە كۆرسەتكۈچى بولدى.
«ئالدى بىلەن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئاندىن باشقىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش، پۈتۈن دۇنياغا بەخت يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئىنتىلىش، «ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلەش»تىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ، «جۇڭگو ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر قەدەر زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك» دېگەن ئارزۇ، «ھەققانىيەت يولىدا ماڭغانلار يالغۇز قالمايدۇ، دۇنيادىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، تارىخنىڭ چوڭ دولقۇنىدا ئورتاق سادا پەيدا قىلدى، يۇغۇرۇلدى.
دۇنياغا باراۋەر نەزەردە قاراپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار ئىشەنچكە تولدى −
«جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەم تارىخقا، ھەم زامانىمىزغا مەنسۇپ، ھەم مىللەتكە ھەم دۇنياغا مەنسۇپ.»
«ئۇزاق مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق، <قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان جۇڭگو بىلەن غەرب ئارىسىدىكى تالاش - تارتىش>نى ھەل قىلىشقا بىزنىڭ ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ شارائىتىمىز بار بولدى.»
«كەلگۈسىدىكى جۇڭگو مۇقەررەركى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەتتە دۇنياغا قۇچاق ئاچىدۇ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تۆھپە قوشىدۇ.»
(5) كۈچ مەنبەسى
شياڭجياڭ دەرياسى بويى، مىڭ يىللىق بىلىم يۇرتىدىكى يۆلۇ بىلىم ئورنى دەرسخانىسىغا «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» دېگەن بېغىشلىما تاختىسى ئېگىز ئېسىلغانىدى.
2020 - يىلى 9 - ئاي، سىم - سىم يامغۇر ياغماقتا، خۇنەندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، بېغىشلىما تاختىسىغا قاراپ ئۇزاققىچە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى: «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش دەل مۇشۇ جايدىن كەلگەن.»
2000 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى، شەرقىي خەن سۇلالىسىدىكى تارىخشۇناس بەن گۇ «خەننامە»دە «ھەم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش ھەم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» دەپ يازغان. 100 نەچچە يىل ئىلگىرى، ياش ماۋ زېدۇڭ بۇ جايدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، «جۇڭگو ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش» ئۇسۇلى ئۈستىدە ئويلانغان. 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيىدا «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» پارتىيە نىزامنامىسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن. بۇ قەدىمكى ئەقىل - پاراسەت پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنىنى تاۋلاپ، كوممۇنىستلارنىڭ غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىدىكى مەنىۋى روھنى يېتىلدۈرگەن.
مەدەنىيەت بىر دۆلەتنىڭ مەنىۋى بايرىقى، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم كۈچ. «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشى، ئوڭۇشسىزلىقلارغا يەتكۈچە ئۇچرىغان بولسىمۇ يەنە ئۈزلۈكسىز قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ».
دۆلەت ئۇنىۋېرسال كۈچى ئاجىزلاشقان چاغدا، لۇشۈن ئەپەندى ئىلگىرى مۇنداق خىتاب قىلغانىدى: «ئەدەبىيات - سەنئەت خەلق روھى تارقاتقان ئوت يالقۇنى، شۇنداقلا يەنە خەلق روھىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىستىقبال نۇرى».
بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى ناھايىتى جاراڭلىق ئىدى: «بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكىمۇ ئېھتىياجلىق.»
پارلاق مەدەنىيەت ئىشەنچ ئاساسىنى توپلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىشەنچنى تاۋلاپ، ئىزدىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.
20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا شەرقىي فۇجيەننىڭ «كونا ئىنقىلابىي رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايون، ئارال رايون، نامرات رايون» قالپىقى بولغاچقا، تەرەققىيات ئىشەنچى يېتەرلىك بولمىدى، تەرەققىيات قەدىمى مۈشكۈل بولدى. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئويلانغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «<نامراتلىق> ئەھۋالىنى سۆزلەش بىلەن بىللە، شەرقىي فۇجيەننىڭ شان - شەرىپىنى سۆزلەشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.»
نامراتلىق رېئاللىق، نېمە ئۈچۈن شان - شەرەپ دەيمىز؟
«شەرقىي فۇجيەن نۇرى − شەرقىي فۇجيەننىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم» دېگەن ماقالىسىدە، يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق ئىزاھلاپ چۈشەندۈردى: «شەرقىي فۇجيەننىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرى بىر خىل شان - شەرەپ. شەرقىي فۇجيەننىڭ پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بىر خىل شان - شەرەپ. شەرقىي فۇجيەن خەلقىنىڭ توختىماي ئالغا بېسىش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئاق كۆڭۈل، ئاددىي - ساددا بولۇش روھى بىر خىل شان - شەرەپ. ئۆزىنىڭ شان - شەرىپىنى تونۇپ يەتكەندە، ئاندىن ئىشەنچكە، قەدىر قىممەتكە ئىگە بولغىلى، جۇش ئۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.»
ئېتىقاد، ئەقىدە، ئىشەنچ ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىنتايىن مۇھىم.
شەرقىي فۇجيەندە «تامچە سۇ تاشنى تېشىدىغان» روھنى تەشەببۇس قىلىش، جىجياڭ تۇپرىقىدا «جېجياڭ روھى»نى ئىزاھلاش، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدا شاڭخەي شەھىرى روھىنى يىغىنچاقلاشتىن، يېڭى دەۋردىن بۇيان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھى، ئاينى تەكشۈرۈش روھى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى بەرپا قىلىشقىچە... تەرەققىيات دولقۇنىدا، باشتىن - ئاخىر قەددىنى رۇسلاپ، مەنىۋى ئۇلۇغ كۈچ ئارقىلىق دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.
پەن - تېخنىكا ساھەسىنى «ئىجادىي مەدەنىيەت يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش گېنىغا ۋارىسلىق قىلىش»قا چاقىرىق قىلدى؛ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرىنى «دەۋرنىڭ ئالدىدا چىڭ تۇرۇش، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى پىششىق ئىگىلەش، ئىدىيە ساداسىنى ئالدىن ياڭرىتىش»قا ئىلھاملاندۇردى؛ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ «قەيسەر، شەرەپلىك، پەخىرلىك جۇڭگولۇقلاردىن بولۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر چوڭ ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش»ىنى ئۈمىد قىلدى... ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت روھى ئارقىلىق كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى مۇجەسسەملىدى.
تارىخ قەيەردىن باشلانسا، مەدەنىيەت شۇ جايدىن باشلىنىدۇ؛ كەلگۈسى قەيەرگە قاراپ ئىلگىرىلىسە، روھ شۇ جايغا قاراپ كېڭىيىدۇ.
ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگىنىمىزدە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش ئوتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي پەيتتە، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان تۈركۈم - تۈركۈم ئىرادىلىك ياشلار قامالنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يەنئەنگە ئاتلاندى. ئاشۇ چاغدىكى غەربىي شىمالدىكى كىچىك شەھەر «سىياسىي جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەدەنىيەت جانلانغان يۈرىكىگە ئايلاندى».
«دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قولىغا قورال ئالغان ئارمىيەگە تايىنىش كېرەك. لېكىن بۇنداق ئارمىيە بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بىزدە يەنە مەدەنىيەتلىك ئارمىيە بولۇشى كېرەك». جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىنقىلابىي كۈرەش ئەمەلىيىتىدە، مەدەنىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جەزمەن غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى.
بۈگۈنگە نەزەر سالساق، چوڭ دۆلەت قەد كۆتۈردى، گۈللىنىش كۆز ئالدىمىزدا. يول ئۇزۇن، يولدا خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلار بار، بىز ئىدىيە يېتەكچىلىكى، مەدەنىيەتنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى، مەنىۋى تىرەككە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشتە مەدەنىيەت مۇھىم كۈچ مەنبەسى.»
2022 - يىلى كەچ كۈز، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىپ خېنەن ئەنياڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.
جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىي ئىزنالىرىغا گۇۋاھ بولغان يىنشۈ خارابىسىگە كەلگەندە، ھاياجانلانغان ھالدا «بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىمىز دەل بىزنىڭ ھەقىقەتەن ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان ئۇزاق تارىخىمىزدىن كەلگەن» دېدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تاغ - دەريالارنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قەسەم قىلغان ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسىنى ئەسلەپ، ھاياجانلانغان ھالدا: قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھى «مەڭگۈ كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ» دېدى.
جۇڭخۇا زېمىنىدا تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىشەنچى مۇستەھكەم −
«جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى، بىزنىڭ ئۇلۇغ مىللىتىمىزنى ياراتتى، بۇ مىللەت يەنە داۋاملىق ئۇلۇغ مىللەت بولىدۇ.»
(مۇخبىرلار جۇ جىچەي، شى يۈسېن، خۇاڭ يۆ، شۈ جۇاڭ، جاڭ يەن، خۇ مېڭشۆ)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)






