تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيە 8 - قۇرۇلتىيى: دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى باشلىنىشى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ زىمىڭ

ياز كۈنلىرىدىكى بېيجىڭدا قۇياش ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى. تەيپىڭچياۋ كوچىسىغا جايلاشقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالى جىمجىت ھەم ھەيۋەتلىك ئىدى. زال ئىشىكىنىڭ بىر تەرىپىدە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 8 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي» دېگەن بەلگە تاختىسى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

70 يىل ئىلگىرى، پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن ئېچىلغان مەملىكەتلىك 1 - قۇرۇلتىيى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 8 - قۇرۇلتىيى دەل مۇشۇ جايدا ئۆتكۈزۈلگەن.

شۇ چاغدىكى جۇڭگودا، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈم ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈم ئورنىتىلغانىدى، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى يەنىلا ناھايىتى ئارقىدا ئىدى. جۇڭگودا سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش پارتىيەمىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن دۇچ كەلگەن يېپيېڭى تېما ئىدى.

جۇڭگودا مۇشۇنداق جەمئىيەت، تارىخىي شارائىتتا سوتسىيالىزم قۇرۇشتا ئۈلگە يوق، خۇددى ئادەم ئاياغ باسمىغان ئېگىز تاغقا ياماشقانغا ئوخشاش، بارلىق ياماشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئاچتى.

ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يولداش ماۋ زېدۇڭ نۇرغۇن ئەتراپلىق ھەم سىستېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن «2 - قېتىم بىرلەشتۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەم جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئومۇملۇق كۆزلەنگەن ئۇزاق مەزگىللىك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان «ئون چوڭ مۇناسىۋەت توغرىسىدا بايان» دېگەن دوكلاتنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە 8 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئىدىيەۋى نەزەرىيە تەييارلىقىنى ھازىرلىدى.

مۇشۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، 1956 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە، پارتىيە 8 - قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ماۋ زېدۇڭ ئېچىلىش سۆزى قىلدى، ليۇ شاۋچى سىياسىي دوكلات بەردى، جوۋ ئېنلەي خەلق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر 2 - بەش يىللىق پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپ دوكلاتىنى بەردى، دېڭ شياۋپىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا دوكلات بەردى.

پارتىيە 8 - قۇرۇلتىيىدا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى توغرا تەھلىل قىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تېز راۋاجلىنىشىغا بولغان ئېھتىياجى بىلەن ھازىرقى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىق ھالىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سانائەتلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋە مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تەدرىجىي قاندۇرۇش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

قۇرۇلتايدا «ئۈچنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، ئۈچنى تولۇقلاش» ئىدىيەسى، يەنى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە كوللېكتىپ ئىگىلىك، پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىش، دۆلەت بازىرىدىن ئىبارەت ئۈچنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، يەككە ئىگىلىك، ئەركىن ئىشلەپچىقىرىش، ئەركىن بازاردىن ئىبارەت ئۈچنى تولۇقلاش مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، بۇ، نەزەرىيە جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پىلانلىق ئىگىلىك ئەندىزىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى مۇھىم سىناق. يەنە ئۈچ بەش يىللىق پىلان ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەل بولغان سانائەت سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە سوتسىيالىستىك تەرەققىياتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ بېرىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا توغرا لۇشيەن تۈزۈپ چىقىلدى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇرغۇن يېڭى فاڭجېن ۋە يېڭى تەسەۋۋۇرلار مول ئىجادكارلىق روھىغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇش يولى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىدە بىرقەدەر يۇقىرى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدىكى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئىزدىنىش يولى تۈپتۈز بولمايدۇ. 1956 - يىلىدىن 1966 - يىلىغىچە بولغان جاپالىق ئىزدىنىلگەن ئون يىلدا، گەرچە ئەگرى - توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. سانائەت قۇرۇلۇشى، پەن تەتقىقات ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدىكى نۇرغۇن خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يىللاردىن باشلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، پارتىيە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشتا قولغا كەلتۈرگەن ئۆز ئالدىغا ئىجاد قىلىش خاراكتېرىدىكى نەزەرىيە نەتىجىلىرى ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قىممەتلىك تەجرىبە، نەزەرىيە تەييارلىقى، ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئېچىلغان بۇ سوتسىيالىزم يولى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى، بەلكى ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشى جەريانىدا ماڭغانسېرى پارلاق بولدى، ماڭغانسېرى كېڭەيدى.

سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مەزگىلىدە «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ئېچىش» تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، يەنە يېڭى مۇساپىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقىچە، پارتىيەمىز «سوتسىيالىزم نەگە بارىدۇ» دېگەن دەۋر سوئالىغا ئۈزلۈكسىز جاۋاب بېرىپ، داغدام يولدا مېڭىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.

پەسىللەر ئالماشتى، بۇرچ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم؛ مۇساپە ئۇزۇن، پەقەت كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

پارتىيە 8 - قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى ياخشى باشلىنىشنى ئاچتى، بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەمىز يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشەنچى قەتئىي بولدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نىشانى بار، يىرىك پىلانى بار، ئىستراتېگىيەسى بار، چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ. بىز قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.»

سوتسىيالىزم يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيە ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، قەدەمنى مەزمۇت ئېلىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، توختىماي ئالغا باسماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.