□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۈ جۈنجيې
شاڭخەي سۇجوۋ دەرياسى بويىدا، فۇشىن ئۇن زاۋۇتىنىڭ كونا زاۋۇت ئۆيلىرى جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. رۇڭ زۇڭجىڭ، رۇڭ دېشېڭ ئاكا - ئۇكىلار قۇرغان بۇ ماشىنىلاشقان ئۇن زاۋۇتى بۈگۈنكى كۈندە مەھسۇلات ئىشلەپچىقارمىسىمۇ، لېكىن دېرىزىلىرى ئېگىز، دەرۋازىسى كەڭ ئىمارەت قىياپىتى ئۆتكەن ئىشلارنى جىمجىت بايان قىلىپ تۇرماقتا. ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، شىنخې يىپ زاۋۇتىنىڭ ئەسلىي ئورنى M50 ئىجادىيەت باغچىسىغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، قەھۋەخانا ۋە رەسىم كارىدورى قاتارلىقلار گىرەلىشىپ جايلاشقانىدى.
بۇ سانائەت مىراسلىرى ئىلگىرى بىر چوڭقۇر جەمئىيەت ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولدى. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىكى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش جەريانىدا، نۇرغۇن مىللىي سودا - سانائەت كارخانىلىرى ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكلىشىش يولىغا ماڭغانىدى.
ۋاقىتنى 1956 - يىلىنىڭ بېشىغا قايتۇرساق، جۇڭگو زېمىنىدا قىزغىن ھەم خۇشال كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى. 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، بېيجىڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تيەنئەنمېن مەيدانىدا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش غەلىبىسىنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار قاتناشتى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى پېڭ جېن: پايتەختىمىز سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە كىردى، دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى. ئارقىدىنلا، شاڭخەي، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەرمۇ يىغىلىش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، بۇ تارىخىي پەيتنى تەبرىكلىدى. پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلغان، داقا - دۇمباق ئاۋازى كۆككە ياڭرىغان كۆرۈنۈشلەر جۇڭگو جەمئىيىتىدە يۈزبەرگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە گۇۋاھ بولدى.
1952 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەر ئىسلاھاتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 1953 - يىلىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى 1 - بەش يىللىق پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەت تۇرمۇشىدا يەنە بەزى يېڭى زىددىيەتلەر پەيدا بولۇپ ۋە توپلىنىپ، خەلق ئىگىلىكىنى يولغا قويۇش سىستېمىسىنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى كۈنتەرتىپكە قويۇلدى.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى باش لۇشيەنىنى ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتىن سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاشقىچە، بۇ بىر ئۆتكۈنچى مەزگىل. پارتىيەنىڭ بۇ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى باش لۇشيەنى ۋە باش ۋەزىپىسى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك سانائەتلەشتۈرۈشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك، قول سانائەت ۋە كاپىتالىستىك سودا - سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش.
بۇ باش لۇشيەن «بىرنى سانائەتلەشتۈرۈش، ئۈچنى ئۆزگەرتىش» ياكى «بىر گەۋدە، ئىككى قانات» دەپ ئاتالدى، ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى سوتسىيالىستىك سانائەتلەشتۈرۈش، ئىككى قانىتى يېزا ئىگىلىكى، قول سانائىتىنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ۋە كاپىتالىستىك سودا - سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت.
باش لۇشيەننىڭ يېتەكچىلىكىدە، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. يېزا ئىگىلىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى، تۆۋەن دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت بىرقانچە باسقۇچنى بىردەك باشتىن كەچۈردى؛ قول سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى، قول سانائەت تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى، قول سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت بىرقانچە باسقۇچنى بىردەك باشتىن كەچۈردى؛ كاپىتالىستىك سودا - سانائەت تۆۋەن دەرىجىلىك دۆلەت كاپىتالىزمى شەكلى (بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، ھۆددىگە ئېلىپ سېتىش، پىششىقلاش، زاكاز قىلىش)دىن يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت كاپىتالىزمى شەكلى (ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكى)گە تەرەققىي قىلىش جەريانىنى ئومۇمىي جەھەتتىن باشتىن كەچۈردى.
بۇ جەرياندا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماركس ۋە لېنىن تەسەۋۋۇر قىلغان بۇرژۇئازىيەگە قارىتىلغان تىنچ يول بىلەن سېتىۋېلىشنى ئىجادىي ئىشقا ئاشۇردى. دۆلەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «تۆت ئات بويىچە ئوغۇت بۆلۈش» ۋە مۇقىم ئۆسۈم بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خۇسۇسىي سودا - سانائەتچىلەرگە 3 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پۇل بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسىدىن ئېشىپ كەتتى.
1956 - يىلى، دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدى. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئىقتىسادىي ئاساسنىڭ ئورنىتىلىشىغا ئەگىشىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق ئىلگىرىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئىجادىي تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردى، جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇرۇپلا قالماي، بەلكى چىڭ تۇردى، مەزمۇت تۇردى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابتىن سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.»
بۈگۈنكى كۈندە، سۇجوۋ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىنى باشتىن كەچۈرگەن ئاشۇ كونا زاۋۇت ئۆيلىرى دەۋر تومۇرىغا ئەگىشىپ قالتىس ئۆزگەردى. خۇسۇسىي ئىگىلىكتىن ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شېرىكچىلىكىگىچە، يەنە ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىگىچە، دەريا بويىدىكى سانائەت مىراسلىرى ئەمدى ئىشلەپچىقىرىش قىرغاق لىنىيەسى بولماستىن، بەلكى باغچە، يېشىللىق ۋە سەنئەت بوشلۇقىغا ئايلاندى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، M50 ئىجادىيەت باغچىسىدىلا 50تىن ئارتۇق سانائەت ئىمارىتى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، يىلدا كۈتۈۋېلىنغان مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچى 1 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.
يىللارنىڭ توختىماي ئۆتۈشى بىلەن، ئەينى يىللاردىكى ئىزدىنىش بۈگۈنكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەم تۈزۈم تىرىكى ۋە قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. «ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش»تىن ئىبارەت بۇ مەيدان ئۇلۇغ ئۆزگىرىش باشتىن - ئاخىر جۇڭگونى مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى دەۋرگە مەنسۇپ تەرەققىيات شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)






