تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ» ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇ خاۋ، جاڭ خۇايىڭ

فۇجيەن نىڭدې شياپۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي ئورنىغا كىرگەندە، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش» دېگەن چوڭ خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

1988 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئەينى چاغدىكى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش شى جىنپىڭ بۇ جايدا باشقا كادىرلار بىلەن بىرلىكتە ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىدىن 102نى كۈتۈۋېلىپ، 86 مەسىلىنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 12 مەسىلىگە نەق مەيداندا جاۋاب بەردى، ھەل قىلدى، قالغانلىرىنى بىر ئاي ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىپ تاماملاشنى تەلەپ قىلدى.

«پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، ئەرزىيەت قوبۇل قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىشنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» − يولداش شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش»نى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلدى ھەم پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، يەتكۈزۈلگىنى خەلق رايى، نامايان قىلىنغىنى ئەسلىي مەقسەت بولدى.

يولداش شى جىنپىڭنىڭ قارىشىچە، باشتىن - ئاخىر كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك قويۇق ئالاقىنى ساقلاش، «مانا، بۇ كادىرلارنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم ئاساسىي ماھارىتى».

«نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» تىكى «خەلق بىلەن قەلبداش بولۇش» ناملىق ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان:

«<قانداق قىلىپ شۇنچە تېزلىكتە ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىدى؟ بۇ، ئادەمگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، چىن كۆڭۈل بىلەن ئىش قىلغانلىقتىن بولدى.> ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر پەقەت ئامما بىلەن دوستلىشىپ، سىردىشىپ، سەمىمىي مۇئامىلىدە بولسا، ئامما ئارىسىدىن كېلىش، ئامما ئارىسىغا بېرىشتا چىڭ تۇرسا، خىزمىتىمىزنى بارغانسېرى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ، ئىشلىرىمىز گۈللەپ ياشنايدۇ.»

پارتىيەمىز خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە «ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر».

دائىم سادىق قەلب بىلەن بۇ مۇساپىدە جان دىل بىلەن خەلقنى كۆزلىدى −

لياڭجياخېدا، يولداش شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ قايما توسمىسى سېلىپ، پاتقاق گازى كۆلچىكى ياساپ، تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى؛ جېڭدىڭدا خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان مەزگىلدە، ئۇ «28» دىيۇملۇق بىر ۋېلىسىپىتنى مىنىپ پۈتۈن ناھىيەنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى؛ جېجياڭدا، «مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى»غا تۈرتكە بولۇپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان يېزا - كەنتكە بەخت ياراتتى؛ شاڭخەيدە ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئاھالىلەر توقۇغان موزاي شەكلىدىكى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمىنى قولىغا ئېلىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىز مېنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان چىدامچان كالا بولسۇن دېمەكچىمۇ.

2012 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولۇپ سايلانغان شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.»

سەلتەنەتلىك چوڭ دۆلەتنىڭ بۇ يول باشلىغۇچىسى خەلقنى باشتىن - ئاخىر قەلبىدە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ كەلدى.

خەلقنى مەركەز قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى؛ ئۆزى باشلامچى بولۇپ ئاتلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «بىرىمۇ كەم بولماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلدى؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»تا چىڭ تۇردى؛ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى پىلانلاپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى «ئەڭ ياخشى ئۆلچىگۈچ» دەپ بىلدى؛ ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا، «تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش»نى مەقسەت قىلدى؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، «مىڭلىغان كىشىنى رەنجىتسەك مەيلىكى، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويساق بولمايدۇ» دەپ قەسەم بەردى...

يەرلىكتە خىزمەت قىلغاندا «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» خىزمەت تۈزۈمىنى كەمتەرلىك بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىشتىن، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش داۋامىدا «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش» تۈپ مەيدانىنى روشەن تۇرغۇزۇشقىچە − باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر خەلقچىللىق ئاساسىي رېڭى ۋە ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش قەتئىيلىكى جانلىق ئىزاھلاپ بېرىلمەكتە.

«جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى دەل جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش.»

6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش»نىڭ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ماھىيەتلىك مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلق بىلەن بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇش، تومۇرداش بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش كېرەك؛ ئاممىنىڭ ھەقىقىي قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىمىز، مەن كىم دېگەننى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش» پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئون تۈرلۈك تارىخىي تەجرىبىنىڭ بىرى قىلىپ يىغىنچاقلاندى. يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۆزگەرمەس قىممەت مەۋقەسى.

«15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاقىرىق قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش»تىن ئىبارەت توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈردى.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلدى، خەلق ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. باشتىن - ئاخىر بىردەك بولغان ئەسلىي مەقسەتنى قەتئىي چىڭ ساقلاش داۋامىدا، نامايان بولغىنى خەلق داھىيسىنىڭ زور ۋەزىنلىك ۋەدىسى، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ بۇرچ - مەسئۇلىيەتچانلىقى بولدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.