—— گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دىققەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلدى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى فەن سىشياڭ، تاڭ جيەنخۇي
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. يېڭى دەۋردە ئاساسىي قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇش، مىللەتلەر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە مىللەتلەر خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى تۈپ قانۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى 2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
بۇ قانۇننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى قايسى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ؟ قانداق قىلغاندا تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟ گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسى ۋە قانۇنچىللىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، مىللەتلەر رايونىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.
«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىدىيە دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر قانۇن - بەلگىلىمە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى سىياسىي مەيدانى، كونكرېت ۋەزىپىسى ۋە تىرىشىش يۆنىلىشى جاكارلاندى ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.» مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن رۇيفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىگە تۈزۈم جەھەتتىن، قانۇن جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلغانلىق بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسى ۋە قانۇنچىللىق ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلايدۇ.
«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدا تۈزۈلۈش جەھەتتە مەخسۇس كىرىش سۆز تەسىس قىلىنغان، بۇ، 30 نەچچە يىلدىن بۇيان كىرىش سۆز تەسىس قىلىنغان تۇنجى قانۇن.» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى بايىنچاۋلۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ، بۇ قانۇننىڭ سىياسىيلىقى، پىرىنسىپاللىقى، جاكارلاشچانلىقى ۋە يېتەكلەشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بايىنچاۋلۇ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدا تۇنجى قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى قانۇنغا كىرگۈزۈلدى، تۇنجى قېتىم قانۇن نەزەرىيەسى قاتلىمىدىن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق يادرولۇق ئۇقۇملار بايان قىلىندى ۋە چۈشەندۈرۈلدى، تۇنجى قېتىم قانۇندا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەندىزىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پارتىيە مىللەتلەر خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنىڭ دۆلەت ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ھېسابلىنىدۇ.
قانۇنچىللىق ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش
2012 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، بەش ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3 تىرىليون 250 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ 8 تىرىليون 660 مىليارد يۈەنگە يەتتى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسى مىسلىسىز بولدى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
«بۇ مۇھىم ئىدىيە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى تۈپ قوللانما بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.» مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇەن يىجۈن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىدىكى «12 جەزمەن»نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى قانۇن كىرىش سۆزى ۋە ئومۇمىي پىرىنسىپىدا مەركەزلىك ئىپادىلىنىپ، ھەرقايسى بۆلەكلەرگە ئومۇميۈزلۈك سىڭدۈرۈلۈپ، قانۇنچىللاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشنى ئاساسىي يول قىلىپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قانۇنچىللىق ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لېي جيەنبىن مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇرۇقلۇق دۆلەت چېگرا قانۇنى، يەرلىك تەشكىلىي قانۇن، ۋەكىللەر قانۇنى، قانۇن چىقىرىش قانۇنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قانۇنى، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيە قانۇنى قاتارلىق ئون نەچچە قانۇننىڭ ھەممىسىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر مەزمۇنلار ئۈزلۈكسىز تولۇقلاندى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. «نۇرغۇن جاي بىردەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى يەرلىك نىزاملارنى تۈزدى، بۇ نىزاملار ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر خىزمىتى قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.»
تۈرلۈك قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش
«دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزمەكتە.» چېن رۇيفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يىرىك پىلاننىڭ روشەن ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك قانۇن - بەلگىلىمىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىن گىرەلەشمە ئولتۇراقلىشىدىغان مەھەللە مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقىچە، يەنە يېڭى دەۋردىكى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە... «مىللەتلەر رايونلىرىدىكى بارلىق ئىسلاھات - تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى، بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى چېن رۇيفېڭ.
مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەش ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە.
«بىز ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ھەپتىلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكى قاتارلىق باش تېما پائالىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، <قانۇننى چۈشىنىدىغان كىشىلەر>، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش پىدائىيلىرى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەھەللە، يېزا - كەنت، مەكتەپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمىز.» ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ ۋېيليې مۇنداق بىلدۈردى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇننى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى مىللەتلەر خىزمىتىگە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك قانۇن يۈرگۈزۈش مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ بىرلىك سەپ تارماقلىرى، مىللەتلەر ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن دائىملىق ئالاقىلىشىش - ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر رايونىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)






