□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ
6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ بىرىنچى كۈنى، مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمىدى، نۇرغۇن ساياھەتچى ئالايىتەن چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، يول ياسىغان قەھرىمانلارنى ياد ئەتتى. چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ياساشتا قۇربان بولغان 168 نەپەر ئىنقىلابىي قۇربان دەپنە قىلىنغانىدى.
مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ياساشقا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەر چېن جۈنگۇي قەبرىستانلىقنى نەچچە ئون يىل قوغداپ، ساياھەتچىلەرگە قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىنى قايتا - قايتا سۆزلەپ بەردى.
20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر تىيانشانغا ئاتلاندى. ئون يىل مىسلىسىز جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئۇلار ئېگىز ۋە تىك چوققىلار ئارىسىدا شىمالدا مايتاغدىن باشلانغان، جەنۇبتا كۇچاغىچە بولغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر كېلىدىغان مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ياساپ چىقتى. بۇ تاشيول جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ئارىسىدىكى قاتناش ۋاقتىنى يېرىمغا يېقىن قىسقارتتى، ئەمما 168 نەپەر يول ياسىغۇچى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە مەڭگۈلۈك قالدى.
1985 - يىلى، قۇربان بولغان سەپداشلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى ئېلىپ، ئارمىيەدىن چېكىنىپ لياۋنىڭغا قايتقان چېن جۈنگۇي خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، خوتۇن - بالىلىرىنى ئېلىپ تىيانشانغا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىنى چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەپداشلىرىنى خالىس قوغدىدى، شۇ قوغدىغانچە 40 نەچچە يىل قوغدىدى.
تاغ تېشىپ يول ئېچىشتا تەر ئاققۇزۇپ تىرىشىپ ئىشلەشتىن ھەر كۈنى ئۈن - تىنسىز قوغداشقىچە، «تىيانشاندا يول ياساش» ھېكايىسى سانسىزلىغان كىشىنى تەسىرلەندۈرمەكتە، رىغبەتلەندۈرمەكتە.
ئەڭ ئاخىرقى بىر موما
«مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدە ئەڭ قىممەتلىك دەپ بىلىدىغىنىم ھاياتىم ئەمەس، بەلكى بىر موما» دېدى 67 ياشلىق چېن جۈنگۇي كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا ئاستا قەدەم بىلەن قاتار - قاتار قەبرە تاشلىرى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بوش ئاۋازدا.
نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ھەر قېتىم باشقىلار كېلىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى ياد ئەتكەندە، چېن جۈنگۇي كۆپچىلىككە بىر موما توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەتتى.
تىيانشان شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، خۇددى بىر تەبىئىي توسۇققا ئوخشاش بېرىش - كېلىشتىكى قاتناشنى توسۇپ تۇراتتى، مايتاغدىن كۇچاغا بېرىش ئۈچۈن 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى ئايلىنىپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، ئۇزۇن يول جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى كىشىلەرنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى چەكلەپ قويغانىدى. 1974 - يىلى، مايتاغ - كۇچا تاشيولى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر ئون يىلغا سوزۇلغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ يول ياساش مۇساپىسىنى باشلىدى.
مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3500 مېتىرغا يېتىدۇ، قىش پەسلىدە تاغنى قېلىن قار قاپلايدۇ، قار كۆچكۈنى كۆپ يۈزبېرىپ تۇرىدۇ، ياز پەسلىدە قىيان، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن، گۈمۈرۈلۈش ھەر ۋاقىت يۈزبېرىپ تۇرىدۇ. ئېغىر تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى بولمىغاچقا، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر پولات سۈمبە، بازغانغا تايىنىپ تىك قىيالار ئارىسىدا تونېل قازدى، يول ئۇلى ياسىدى.
چېن جۈنگۇي 1979 - يىلى قىسىم بىلەن بىللە تىيانشانغا كېلىپ يول ياساشقا قاتناشتى. «ئەينى چاغدا شارائىت ئاددىي بولۇپ، گەمىدە تۇرۇپ، قۇرۇق موما يەپ، قار - مۇزلارنى ئېرىتىپ سۈيىنى ئىچكەن بولساقمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئازراقمۇ چېكىنمەي، پارتلاتقۇچ دورا، گۈرجەك ۋە پولات سۈمبىگە تايىنىپ ئاز - ئازدىن قازدۇق» دېدى ئۇ.
1980 - يىلى 4 - ئاينىڭ باشلىرىدا، تاغدا ئاز كۆرۈلىدىغان شىۋىرغان چىقىپ، يول ياساۋاتقان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مەلۇم قىسمى لاگېرىدا خەۋەرلىشىش ئۈزۈلۈپ قېلىپ، جەڭچىلەرنىڭ تامىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەسكە توختىدى.
جەزمەن تاغدىن چۈشۈپ ياردەم سوراش كېرەك ئىدى. لاگېر بەنجاڭ جېڭ لىنشۇنىڭ تېنى ساغلام، ساپاسى يۇقىرى ئۈچ جەڭچىنى تاللاپ، بىللە قارلىق تاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ خەت يەتكۈزۈپ، تەمىنات ئىلتىماس قىلىشىنى قارار قىلدى. جېڭ لىنشۇ مۇئاۋىن بەنجاڭ لو چياڭ، جەڭچى چېن ۋېيشىڭ ۋە چېن جۈنگۇينى بۇ ۋەزىپىنى بىرلىكتە ئورۇنداشقا تاللىدى.
«بىز تۆتىمىز بۆرىدىن مۇداپىئەلىنىش مىلتىقىدىن بىرنى ۋە مومىدىن 20 نەچچىنى ئېلىۋالدۇق، يولدىكى قارنىڭ قېلىنلىقى بىر مېتىردىن ئاشاتتى، دەسلەپتە ماڭالىدۇق، كېيىن پەقەت ئۆمىلەپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇق. يېرىم يولدا يەنە شىۋىرغانغا ئۇچراپ، ئۈچ كۈندۈز، ئىككى كېچە قاپسىلىپ قالدۇق، ئوزۇقلۇق خالتىمىزدا بىر مومىلا قالدى» دېدى چېن جۈنگۇي.
شۇ چاغدا چېن جۈنگۇينىڭ يېشى ئەڭ كىچىك ئىدى، بەنجاڭ جېڭ لىنشۇ كۆپچىلىك بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ھېلىقى مومىنى ئۇنىڭغا بېرىشنى قارار قىلدى. ھەممەيلەننىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن، چېن جۈنگۇي بىر تەرەپتىن ياش تۆكۈپ، بىر تەرەپتىن ئەڭ ئاخىرقى بىر مومىنى يېدى.
كېيىن، بەنجاڭ جېڭ لىنشۇ بىلەن مۇئاۋىن بەنجاڭ لو چياڭ قۇربان بولدى، چېن ۋېيشىڭ بىلەن چېن جۈنگۇي ئېغىر دەرىجىدە ئۈششۈپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ھايات قالدى. «ئۇلار ھايات قېلىش پۇرسىتىنى ماڭا قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى شىۋىرغاندا قۇربان بولدى.» سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، چېن جۈنگۇي ئارقىغا ئۆرۈلۈپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى.
ئىككى ئەۋلاد كىشىنىڭ قەتئىي قوغدىشى
1983 - يىلى 9 - ئايدا مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلاندى، 168 ئوفىتسېر - ئەسكەر تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە مەڭگۈلۈك قالدى. بىرلىكتە قېپقالغاندىن يەنە چېن جۈنگۇينىڭ قەلبىمۇ بار ئىدى.
1984 - يىلى، چېن جۈنگۇي ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ، يۇرتى لياۋنىڭغا قايتىپ، يۇرتىدا خىزمەت تېپىپ ئۆي - ئوچاقلىق بولدى، لېكىن ئۇ دائىم مايتاغ - كۇچا تاشيولىنى ياسىغان چاغدىكى كۆرۈنۈش ۋە جېڭ لىنشۇنىڭ قۇربان بولۇش ئالدىدىكى ۋەسىيىتىنى ئەسلەپ تۇردى.
1985 - يىلى 12 - ئايدا، چېن جۈنگۇي خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆي بىساتىنى سېتىپ تاپقان نەچچە يۈز يۈەن پۇلنى ئېلىپ، خوتۇن - بالىلىرى بىلەن تىيانشانغا قايتىپ كەلدى.
چېن جۈنگۇي بەنجاڭ جېڭ لىنشۇنىڭ قەبرە تېشىدىن 400 مېتىر يىراقلىقتىكى بىر پارچە تۈز يەردە گەمە كولاپ، كاڭ، ئوچاق ياسىدى، يېقىن ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جان بۇ جايدا ماكانلاشتى.
چېن جۈنگۇي ھەر كۈنى بوش ۋاقتى بولسىلا، بەنجاڭنى يوقلاپ، بەنجاڭنىڭ قەبرە تېشى ئالدىغا بېرىپ كۆڭۈل سۆزلىرىنى قىلىدۇ. ھەر يىلى باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمىدا، ئۇ يەنە يوتقان - كۆرپىسىنى ئېلىپ قەبرە ئالدىغا بېرىپ قەبرىنى قوغداپ، بەنجاڭ بىلەن بىللە جەم بولۇش بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ.
دەسلەپتە، چېن جۈنگۇي قەبرىنى پەقەت ئۈچ يىللا قوغدىماقچى بولغانىدى، لېكىن شۇ قوغدىغىنىچە پەقەتلا ئايرىلمىدى.
2007 - يىلى، نىلقا ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى چېن جۈنگۇينى چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. «بۇنداق بولسا ھەقىقەتەن ياخشى بولىدىكەن، ھەم مۇقىم خىزمىتىم بار بولدى، ھەم سەپداشلىرىمغا ھەمراھ بولالايدىكەنمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تۇغقانلىرىم، بۇ جاينى قوغدىسام كۆڭلۈم خاتىرجەم بولىدۇ» دېدى ئۇ.
40 نەچچە يىلدا، چېن جۈنگۇي بىر تەرەپتىن، قۇربان بولغان سەپداشلىرىنىڭ قەبرىسىنى قوغدىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىزدىدى.
چېن جۈنگۇي بىلەن خوتۇنى سۈن لىچىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قۇربان بولغان 100دىن ئارتۇق سەپدىشىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىزدەپ تاپتى، يەنە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلدى، ئۇلار ئەڭ ئەرزان مېھمانخانىدا تۇردى، ئەڭ ئاددىي تاماقلارنى يېدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت سەپداشلىرىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى كۆپرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىدى.
چېن جۈنگۇي يەنە چوڭ ئوغلى چېن شياۋخۇڭنى چورماغا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قايتۇرۇپ كەلدى.
چېن شياۋخۇڭ ئەسلىدە مايتاغدا خىزمەت قىلىدىغان، ئايلىق مائاشى 6000 يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، تۇرمۇش شارائىتى ئەۋزەل ئىدى. چورماغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن قەبرىستانلىقنى قوغداشنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلدى.
دادىسىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياشىنىپ ماغدۇردىن كېتىۋاتقان سىيماسىغا قاراپ، چېن شياۋخۇڭ بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاستا - ئاستا چۈشەندى. «دادام ئۆزى ئۈستىدە تۇرۇپ بېرىدۇ، مەن كۈندىلىك ئىشلارغا مەسئۇل.» بۈگۈنكى كۈندە ئۇ، چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ «ئائىلە ئىشى» دەپ بىلىدىغان بولدى.
بىر ئېغىز ھايات - ماماتلىق ۋەدىدىن ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۈن - تىنسىز قەتئىي قوغدىشىغىچە، چېن جۈنگۇي بىر ئائىلە كىشىلىرى يېرىم ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ، بىر ئۆچمەس ئابىدە تىكلىدى.
قەھرىمانلارنىڭ ئۇلۇغۋار روھى مەڭگۈ ساقلىنىدۇ
يىللارنىڭ توختىماي ئۆتۈشى بىلەن، مايتاغ - كۇچا تاشيولى نەچچە قېتىملىق ئاسراش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىلگىرىكى ئاددىي شېغىل يولدىن «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول»غا ئايلاندى. چورما ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىمۇ شىنجاڭدىكى مۇھىم قىزىل تەربىيە بازىسىغا ئايلاندى، يول ياسىغان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشى بۇ جايدىن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئايرىلىدىغان بولدى.
«ئىلگىرى مايتاغ - كۇچا تاشيولى مەنزىرىسىنىڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتىم، تارىخنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ يولنىڭ ھەربىر كىلومېتىرىنىڭ قەھرىمانلار ئابىدىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. چېن جۈنگۇي 40 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ سەپداشلىرىنى قوغداپتۇ، بۇ خىل مېھىر - مۇھەببەت كىشىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ» دېدى لياۋنىڭلىق ساياھەتچى جاڭ خۇا.
ئەستە چىڭ ساقلاش ئەڭ ياخشى تەسەللى، ۋارىسلىق قىلىش ئەڭ ياخشى ئىلگىرىلەش.
شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا، مايتاغ - كۇچا تاشيولى ئۈستىگە ئالغان «تىيانشاندا يول ياساش» ئېتىقادى بۇرۇنلا تاغ يولى كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ، يېڭى دەۋردىكى قاتناش قۇرۇلۇشى دولقۇنىغا سىڭىشىپ كەتتى. خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتتى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى چۆللۈكتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى، تۇتاش كەتكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار چەت، يىراق يېزا - كەنتلەرگە ئۇزارتىلدى... ئەۋلادمۇئەۋلاد قاتناش قۇرۇلۇشچىلىرى چۆل - باياۋان، چوڭقۇر تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدا ۋاسىتىلىك ھالدا داۋاملىق يول ياساپ، كەسىپنى گۈللەندۈردى.
ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ «ئاچا - سىڭىل يولى» − G3033 كۈيتۈن - مايتاغ - كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە ياسالماقتا، قۇرۇلۇشچىلار تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە يەنە بىر جەنۇب - شىمال راۋان يولى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى يول ياساش قەھرىمانلىق ھېكايىسىنى داۋاملىق پۈتمەكتە.
ئۇلار ياش ھاياتىدا كۆرمىگەنلىرىنى چېن جۈنگۇي ئۇلارنىڭ ئورنىدا كۆردى؛ ئۇلار مېڭىپ بولالمىغان يولنى تېخىمۇ كۆپ كىشى داۋاملىق مېڭىۋاتىدۇ. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كەڭ تۇپراقتىكى تۇتاش كەتكەن يوللار بېيىش يولى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر ئەۋلاد كىشىلەر بىلەن بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۈزۈلمەس رىشتە ۋە ئەكس سادادۇر.






