تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقانلار مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى كۈتۈۋالدى

   يېقىندا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى باغيانتاق كەنتىدىكى 100 مو يەردىكى بۇغداي بازىسى ئورما پەسلىنى كۈتۈۋالدى، تۇتاش كەتكەن بۇغدايلىقلار ئالتۇندەك پارقىراپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى.

يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى باغيانتاق كەنتىدىكى 100 مو يەردىكى بۇغداي بازىسى ئورما پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى باغيانتاق كەنتىدىكى 100 مو يەردىكى بۇغداي بازىسىدا كومبايىن بىلەن بۇغداي ئورۇلماقتا.

 يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى باغيانتاق كەنتىدىكى 100 مو يەردىكى بۇغداي بازىسىدىكى بۇغدايلارنىڭ باشاقلىرى يوغان، دانلىرى توق بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

    ئېتىزلاردا ماشىنىلاشقان ئورۇش مەشغۇلاتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، چوڭ تىپتىكى كومبايىنلار توختىماي ئۆتۈشۈپ، بۇغداي ئورۇش، دان ئايرىش، تازىلاش ئىش تەرتىپى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ تاماملىنىپ، توق بۇغداي دانلىرى ئاشلىق توشۇش ئاپتوموبىللىرىغا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلدى. شاخ-شۇمبىلارنى تايلاش ماشىنىسى ماس قەدەمدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئېتىزدىكى شاخ-شۇمبىلارنى بېسىپ تايلاپ، يېزا ئىگىلىك تاشلاندۇق بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، شاخ-شۇمبىلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئايلانما پايدىلىنىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولدى. يېڭى بۇغداي لىق قاچىلانغان تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى توختىماي ئۆتۈشۈپ، ئاشلىقنى ئامبارغا توشۇدى، پۈتۈن يۈرۈشلۈك دېھقانچىلىق ئىش تەرتىپى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاشلىقنى ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشتەك مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.