تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى: بىر مۇشت ئېتىپ، يۈز مۇشتتىن ساقلىنىش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ سىبېي، گاۋ شۇاڭ

چاۋشيەننىڭ پىڭراڭدىكى مۇدەن چوققىسى ئېتىكىدە، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 2026 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ زىيارەت قىلدى.

دوستلۇق مۇنارى خاتىرە زالىدا، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ چاۋشيەن خەلقى بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ قان كېچىپ جەڭ قىلغانلىقى، بىرلىكتە يۇرت - ماكاننى قايتا قۇرۇپ چىققانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تارىخىي ماتېرىياللار، سۈرەتلەر ۋە ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەدىمىنى توختىتىپ ئۇزاققىچە تۇرۇپ، ئويغا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش بىز ئاشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك تارىخىي ئەسلىمىسى، ھازىر يەنە جۇڭگو ئەۋلادلىرىغىمۇ تارقالدى.»

زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، تۆكۈلگەن قان ۋە ئۇرۇش ئوتىغا تولغان ئاشۇ ئەسلىمىلەر جۇڭخۇا پەرزەتلىرىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتتى.

1950 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، چاۋشيەندە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۇنياۋى ئىستراتېگىيەسى ۋە سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىدىن چىقىش قىلىپ، چاۋشيەننىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا قوراللىق ئارىلىشىش قارارىنى چىقاردى ھەم 7 - جيەندۈينى تەيۋەن بوغۇزىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشكە ئەۋەتتى. 1950 - يىلى 10 - ئاينىڭ باشلىرىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قايتا - قايتا ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، ئۆكتەملىك بىلەن 38 - پاراللېل سىزىقىدىن ئۆتۈپ، ئۇرۇش ئوتىنى جۇڭگو - چاۋشيەن چېگراسىغىچە تۇتاشتۇردى. چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چېگرا رايونلارنى كۆپ قېتىم بومباردىمان قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىگە ئېغىر زىيان سالدى، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلدى.

شۇ چاغدا، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر يىل بولغان بولۇپ، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كېلەتتى. دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئەڭ زور، ھەربىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش - قىلالماسلىق بىر كەسكىن سىناق بولۇپ قالغانىدى.

«ئۇرۇشقا قاتنىشىش كېرەك، ئۇرۇشقا جەزمەن قاتنىشىش كېرەك». مۇشۇنداق خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ئادەتتىن تاشقىرى جاسارەت ۋە شىجائەت بىلەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش، يۇرت ۋە ۋەتەننى قوغداشتىن ئىبارەت تارىخىي خاراكتېرلىك قارارنى چىقاردى. 1950 - يىلى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى چاۋشيەن جەڭ مەيدانىغا كىردى.

ھالبۇكى، قىيىنچىلىقنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى.

لياۋنىڭ دەندۇڭدىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە سارىيىدا، كۆرسىتىلگەن رەقەم سېلىشتۇرمىسى كىشىنى چۆچۈتەتتى: 1950 - يىلى، ئامېرىكىنىڭ پولات مەھسۇلات مىقدارى 87 مىليون 720 مىڭ توننا بولۇپ، دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا تۇراتتى، ئەمما جۇڭگونىڭ ئاران 606 مىڭ توننا ئىدى...

ئىنتايىن تەڭپۇڭسىز، ئىنتايىن مۈشكۈل ئەھۋالدا، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى چاۋشيەن ئارمىيەسى ۋە خەلقى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، لياڭشۇيدۇڭدىكى تۇنجى جەڭ، يۈنشەنچېڭدىكى كەسكىن جەڭ، چىڭچۇەنجياڭدىكى بىرلەشمە جەڭ، چاڭجىنخۇدىكى شىددەتلىك جەڭ قاتارلىق بەش قېتىملىق ئۇرۇشنى ئۇدا قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە پولات ئىستىھكامدەك چوڭقۇرلاپ مۇداپىئە كۆرۈش بازىسى بەرپا قىلىپ، كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، «ئۇجۇقتۇرۇش جېڭى»نى تارمار قىلىپ، «باكتېرىيە ئۇرۇشى»غا تاقابىل تۇرۇپ، شاڭگەنلىڭدا قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ھەيۋەتلىك ۋە قۇدرەتلىك ئۇرۇش ئۇلۇغ نەتىجىسىنى ياراتتى.

مىسلىسىز جاپا - مۇشەققەتلىك ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو ئارمىيەسى بىلەن چاۋشيەن ئارمىيەسى چىش - تىرنىقىغىچە قوراللانغان رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنى يەڭگىلى بولمايدۇ، دېگەن سەپسەتىنى بىتچىت قىلىپ، جاھانغا پاتماي قالغان تاجاۋۇزچىلارنى 1953 - يىلى 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر قىلدى.

«بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى تاجاۋۇزچىلارنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يېڭى جۇڭگونى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش سۇيىقەستىنى تارمار قىلدى، بۇنى <بىر مۇشت ئېتىپ، يۈز مۇشتتىن ساقلىنىش> دېيىشكە بولىدۇ، جاھانگىرلار يېڭى جۇڭگوغا قورال كۈچى بىلەن بېسىپ كىرىشنى سىناپ بېقىشقا قايتا جۈرئەت قىلالمىدى، يېڭى جۇڭگو ھەقىقىي تۈردە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇردى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ ئۇرۇش ۋەتەننىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى ساقلاپ، دۆلەتكە ئەمىنلىك ئېلىپ كېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان پولاتتەك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى!»

نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش بايرىقى خۇددى سۈرەتتەك گۈزەل؟ چۈنكى ئۇ قەھرىمانلارنىڭ قىپقىزىل قېنى بىلەن بويالغان.

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇڭ شاۋشەن مۇنداق دېدى: چاۋشيەن جەڭ مەيدانىدا، پىدائىي قىسىمنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ھايات - ماماتلىق سىناق ئالدىدا ھېچنېمىدىن قورقماي، جان پىدا قىلىپ، ئىسسىق قېنىنى ئاققۇزۇپ، «قورالى ئاز، ئىرادىسى كۈچلۈك» قوشۇن ئارقىلىق «قورالى كۆپ، ئىرادىسى ئاجىز» دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان، ئىنتايىن تەسىرلىك قەھرىمانلىق داستانىنى پۈتۈپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق قەھرىمان تۆھپىكار ۋە 6000غا يېقىن تۆھپىكار كوللېكتىپ بارلىققا كەلدى، 190 مىڭدىن ئارتۇق قەھرىمان پەرزەنت ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن، تىنچلىق ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.

«ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى، جەزمەن ئۇنىڭغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى باش شۇجى شى جىنپىڭ.

بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، 13 - تۈركۈمدىكى كورېيەدىكى 12 نەپەر جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ جەسەت قالدۇقىنى جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يۈن − 20B ئايروپىلانى كورېيەدىن لياۋنىڭ شېنياڭغا قايتۇرۇپ كەلدى.

تاغ - دەريالار گۇۋاھ بولدى، يىللار ئىسپات بولدى. 2014 - يىلىدىن ھازىرغىچە، دۆلىتىمىز دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئىززەت - ھۆرمىتى بىلەن، ئۇدا 13 يىل كورېيەدىكى پىدائىي قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ جەسەت قالدۇقىنى قايتۇرۇپ كەلدى. بۇ، ۋەتەننىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن چاقىرغانلىقى، خەلقنىڭ قەھرىمانلارنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلىغانلىقى.

«ئېتىقاد دېگەن نېمە، مانا بۇ ئېتىقاد؛ جەڭگىۋارلىق دېگەن نېمە، مانا بۇ جەڭگىۋارلىق!» «قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرايلى!»... ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش خاتىرە سارىيىنىڭ سۆز قالدۇرۇش تاختىسىغا ئېكسكۇرسىيەچىلەر سەمىمىي سۆز قالدۇرۇپ «ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر»گە ھۆرمەت بىلدۈردى.

ئۇلۇغۋار روھقا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىندى، كۈرەش قىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى. شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ، بىز مەردانە ھالدا، غەيرەت - شىجائەت بىلەن، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مەزمۇت قەدەم تاشلايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.