□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
مۇلازىمەت كەسپى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇلازىمەت كەسپى يىغىنىدا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شىنجاڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات خىزمىتى سىستېمىلىق پىلانلاندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ بىزنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن مەخسۇس مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مۇھىم پىرىنسىپى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسپىيلىشىشى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىشكە قاراپ ئۇزىرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۇرمۇش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا، ئاھالىلەر كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مۇلازىمەت كەسپى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناپ، خەلق ئىگىلىكىدىكى بىرىنچى چوڭ كەسىپكە ئايلاندى، ئۇ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى «ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى «كاتالىزاتور»، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى «تۈرتكۈچ»، ئىش ئورنى ھازىرلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى «كۆلچەك». مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بىر مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئاپتونوم رايون بويىچە مۇلازىمەت كەسپى قوشۇلما قىممىتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 1 - كەسىپ ۋە 2 - كەسىپنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى، مۇلازىمەت كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. مۇلازىمەت كەسپى ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنى ھازىرلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشتىكى يادرولۇق كۈچ بولۇپ قالدى. «15 - بەش يىل»غا يۈزلىنىپ، جەزمەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تەخىرسىزلىك ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ھەم نىشان مەنزىلى، ھەم ئەمەلىيەت تەلىپى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزگىرىش. تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشتا، جەزمەن تېزىسلارنى يىغىنچاقلاش، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەش كېرەك. ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش بىلەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى تەڭ تۇتۇش، تەرەققىيات بىلەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىپ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي ئېھتىياج تۈرىدىكى مۇلازىمەتنىڭ تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئەلا سۈپەتلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تۈردىكى مۇلازىمەتنىڭ تېخىمۇ مول، كۆپ خىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ خاس بۇيرۇتما مۇلازىمەتنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، ئىنچىكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاسلىققا ئىگە، كۆپ خىللاشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك؛ پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش كېرەك؛ ئىلغار ياسىمىچىلىق مۇلازىمىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ياساشنىڭ پۈتكۈل جەريانى بىلەن چوڭقۇر گىرەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يۈرۈشلەشكەن كەسپىي مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتتە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك.
ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، شىنجاڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.






