ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ بىن خەۋەر قىلىدۇ) تومۇز ياز كۈنلىرىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىدا يېڭى ئۆرۈكلەر پىشىش پەسلىگە كىردى، شاخلار ئالتۇن رەڭ ئۆرۈكلەر بىلەن لىق تولۇپ، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارىدى، كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىسى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ھەرقايسى مېۋە ئۈزۈشچوڭ باغلىرىغا باردى، شەھەر ئەتراپى مېۋە ئۈزۈش ساياھىتى قىزغىنلىقى سىجىل ئاشتى.
داۋانچىڭ ئاق ئۆرۈكى، لىگۇاڭ ئۆرۈكى تىيانشاننىڭ قار سۈيىدە سۇغىرىلىپ، ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان، دانىسى چوڭ ھەم توق، مېۋە ئېتى چىڭ، رەڭگى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ئالتۇن رەڭدە، سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. جارقىنبېك تېنىسبېك فوتوسى
داۋانچىڭ رايونى دۇڭگوۋ يېزىسىدىكى شىشۈيۋەن مېۋە ئۈزۈش بېغىدا، ساياھەتچىلەر ئۆرۈكزارلىقنى ئارىلاپ، نەق مەيداندا يېڭى پىشقان ئۆرۈكلەرنى ئۆز قولى بىلەن ئۈزدى ھەم نەق مەيداندا ئېغىز تەگدى. مەسئۇل خادىم سو ۋېيجۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: باغدىكى 3000 تۈپ ئۆرۈك ھازىر ئومۇميۈزلۈك مېۋە بەردى، باغدىكى ئۆرۈكلەر تىيانشاننىڭ قار سۈيىدە سۇغىرىلغان، ئورگانىك ئوغۇت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان، يېشىل، ساغلام يېمەكلىك، ھەر كۈنى شەھەر رايونىدىن نۇرغۇن ساياھەتچى ئۆرۈك ئۈزۈشنى ھېس قىلغىلى ۋە ئارام ئالغاچ سەيلە-ساياھەت قىلغىلى كېلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، داۋانچىڭ رايونى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، خاسلىققا ئىگە مېۋە ئۈزۈش بېغى بەرپا قىلىشقا يار-يۆلەك بولۇپ، بىكار تۇرغان يەر ۋە ھويلىلارنى جانلاندۇرۇپ، دەريا جىلغىسى ئېكولوگىيەسىگە تايىنىپ دالىدا قونۇش، بېلىق تۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەھەر ئەتراپى مىكرو كۆڭۈل ئېچىش نۇقتىسى بەرپا قىلدى. مېۋە ئۈزۈش بېغى دېھقانلار ئارامگاھى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت قىلىپ، كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئىستېمالنى جانلاندۇردى، باغۋەنچىلىك كەسپى دېھقان ئائىلىلىرىنى يەر ئوبوروتى، ئىشلەمچىلىك قىلىش، مېۋە سېتىش ئارقىلىق كىرىمىنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى، كىچىككىنە ئۆرۈك شۇ جايدىكى خەلقنى بېيىتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندى.
داۋانچىڭ رايونىنىڭ دۇڭگوۋ يېزىسىدىكى مېۋە ئۈزۈش بېغىدا، كۆپلىگەن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېلىپ، ئۆرۈكزارلىقتا ئۆز قولى بىلەن ئۈرۈك ئۈزۈپ، شەھەر ئەتراپىدىكى سەھرادا مېۋە ئۈزۈش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى. جارقىنبېك تېنىسبېك فوتوسى
6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىدىكى مېۋە ئۈزۈش بېغىنىڭ پارنىكىدا، ساياھەتچىلەر نەييوۋ خاڭگا ئۈزۈشنى ھېس قىلىپ، سەھرادا مېۋە ئۈزۈش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولماقتا. جارقىنبېك تېنىسبېك فوتوسى






