□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جوۋ ۋېي، يۆ ۋېنتىڭ
6 - ئاي مەزگىلىدە، ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى. تەيخاڭشەن تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكى، خۇتوخې دەرياسى بويى، خېبېي پىڭشەن ناھىيەسىدىكى شىبەيپو خاتىرە سارىيى مەيدانىدا، «يېڭى جۇڭگو مۇشۇ جايدىن يولغا چىققان» دېگەن سەككىز چوڭ خەت قۇياش نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى.
مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن ياش بۇ جايدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئاستىدا، ئۇلار ئوڭ مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ، جاراڭلىق قەسەم بەردى.
بۇ تۆپىلىكتە تۇرغىنىمىزدا، خۇددى تارىخنىڭ ئەكس ساداسىنى ئاڭلىغاندەك بولىمىز − بۇ جاي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن جۇڭگونى ئازاد قىلىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر يېزا قوماندانلىق ئىشتابى» ئىدى.
1948 - يىلى 5 - ئايدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئورگىنى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش ئىشتابىدىكى قىسمەن خادىملارنى باشلاپ شىبەيپوغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. ئاشۇ ئاددىي دېھقان ھويلىسىدا، تېلېگرامما ئاپپاراتىنىڭ دىت - دىت ئاۋاز چىقىرىشى بىلەن، تېلېگراممىلار بۇ جايدىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يوللىنىپ، لياۋشېن، خۇەيخەي، پىڭجىن ئۈچ چوڭ ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ تەقدىرى بەلگىلەندى.
بۇ كىچىككىنە قوماندانلىق ئىشتابى يېڭى جۇڭگونىڭ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈشى باشلانغان جاي.
ئاشۇ چاغدا، ئازادلىق ئۇرۇشى توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ۋەزىپىسى تارىخ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. 1949 - يىلى 3 - ئايدا، پارتىيە 7 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنى شىبەيپودا ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يېزىدىن شەھەرگە يۆتكەش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىپ، «ھازىردىن ئېتىبارەن، شەھەردىن يېزىغا بېرىش ھەم شەھەر ئارقىلىق يېزىغا رەھبەرلىك قىلىش دەۋرى باشلاندى» دەپ كۆرسىتىلدى ھەم شەھەرلەردە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش مەركىزىي ۋەزىپە قىلىندى.
يىغىن مەزگىلىدە، يولداش ماۋ زېدۇڭ پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇردى.
«مەملىكەت بويىچە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىك پەقەت 10 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنىڭ بىرىنچى قەدىمىنىلا باسقانلىق بولىدۇ.» شىبەيپو خاتىرە سارىيىدا، چۈشەندۈرگۈچى ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئۈچۈن، ماۋ جۇشى <ئىككى جەزمەن>نى ئوتتۇرىغا قويدى − يولداشلار جەزمەن كەمتەر بولۇش، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلانماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلىشى، يولداشلار جەزمەن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلىشى كېرەك.»
«ئىككى جەزمەن» جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ھەر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرماقتا. 2013 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىبەيپودا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىنقىلابى پات ئارىدا مەملىكەت بويىچە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان پەيتتە، يولداش ماۋ زېدۇڭ پارتىيە 7 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا پۈتۈن پارتىيەگە تەنتەنىلىك ھالدا «ئىككى جەزمەن»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاش قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئۆرنەك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پارتىيەمىزنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى چوڭقۇر يەكۈنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، غەلىبە قىلغان پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا، پات ئارىدا دۇنياغا كېلىدىغان خەلق ھاكىمىيىتىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا بولغان چوڭقۇر ئەندىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇشىغا بولغان چوڭقۇر تونۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىدىيەۋى ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر.
پارتىيە 7 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، 1949 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ماۋ زېدۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئورگىنىدىكىلەرنى باشلاپ شىبەيپودىن ئايرىلىپ، بېيپىڭغا ئاتلاندى. مېڭىش ئالدىدا، ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىنى بېيجىڭغا بېرىپ «ئىمتىھان بېرىش»كە ئوخشاتتى. جوۋ ئېنلەي: بىز ھەممىمىز ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇشىمىز كېرەك، چېكىنسەك بولمايدۇ، دېدى. ماۋ زېدۇڭ: چېكىنسەك مەغلۇپ بولغان بولىمىز. بىز ھەرگىزمۇ لى زىچېڭدەك بولۇپ قالساق بولمايدۇ، ھەممىمىز ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.
«ئىمتىھانغا بېرىش» سەگەكلىكى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يېڭى جۇڭگو قۇرۇش مۇساپىسىنى باشلاپ، «جۇڭگولۇقلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى» دېگەن شانلىق سەھىپىنى پۈتتى.
1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى بېيپىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.
يىغىندا «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پىروگراممىسى» ماقۇللىنىپ، دۆلەت تۈزۈلمىسى، سىياسىي تۈزۈلمە بېكىتىلدى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى. 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئومۇمىي يىغىن ۋەكىللىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. يېڭى جۇڭگو دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇراتتى.
70 نەچچە يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، جۇڭگو زېمىنىدا ھەممە جاي يېڭى قىياپەتكە كىردى، ھالبۇكى «ئىمتىھانغا بېرىش» تېمىسى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز <ئىككى 100 يىل>لىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە بولغان مۇساپىدە كېتىۋاتىمىز. <ئىمتىھان> يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، بارلىق رەھبىرىي كادىرلار ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى خەلق پارتىيەمىزدىن ئالىدىغان <ئىمتىھان>نى، پارتىيەمىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھەم باشتىن كەچۈرىدىغان تۈرلۈك سىناقلارنىڭ <ئىمتىھان>لىرىنى داۋاملىق ياخشى بېرىپ، تىرىشىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.»
بۈگۈنكى كۈندە، ئىلگىرىكى «ئىمتىھانغا بېرىش» ئۈچۈن ئاتلانغان جاي قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى مەنىۋى ئېگىزلىككە ئايلاندى.
مول، يېڭىچە تارقىتىش شەكلى، چۆكۈش شەكلىدىكى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتى تەسىراتى شىبەيپونىڭ قىزىل نام كارتىسىنى سىجىل جۇلالاندۇردى. ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، شىبەيپو خاتىرە سارىيى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى تەخمىنەن 68 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى تاۋلاش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى مۇھىم بازىغا ئايلاندى.
«بارغانسېرى كۆپ ئېكسكۇرسىيەچى ئېتىقاد ئىزلىرىنى بويلاپ بۇ جايغا كېلىپ، شىبەيپودا <ئىككى جەزمەن>دىن ئىبارەت سەمىمىي تەلىمنى قايتا ئەسلەپ، <بېيجىڭغا بېرىپ ئىمتىھان بېرىش>تىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدى.» شىبەيپو خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زو لۇياۋ مۇنداق دېدى: «بىز يېڭى دەۋردىكى <ئىمتىھانغا بېرىش> ھېكايىسىنى سىجىل ياخشى سۆزلەپ، مول قىزىل بايلىق كانىنى چوڭقۇر قېزىپ، شىبەيپو روھى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى نۇرلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇرىمىز.»
بەيپولىڭدا مەيىن شامال چىقىپ، تارىخنىڭ ئەكس ساداسى بىلەن دەۋرنىڭ چاقىرىقى گىرەلەشتى. مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان بۇ مەيدان «ئىمتىھانغا بېرىش»تا، يېڭى بىر ئەۋلاد ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يېڭى شان - شەرەپنى داۋاملىق پۈتمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)






