تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيلى | يەتتە يىلدا 160 مىڭ ئادەم قېتىم قەلبداشلىق ئورتاق ساداسىنى ياڭراتتى

بۇ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى چۈشەندۈرۈش ئۆمىكى ——

يەتتە يىلدا 160 مىڭ ئادەم قېتىم قەلبداشلىق ئورتاق ساداسىنى ياڭراتتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

«يېقىندا قومۇل شەھىرىدىكى بىر ساياھەت كوپىراتىپى مەخسۇس ئالدىن كېلىشىپ، بىزنى ئىلىغا تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى.» 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئۆزى يېتەكلىگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنى تىلغا ئالغاندا، ئىلى سىفەن داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ما لى ئىنتايىن خۇشال بولدى. ياش ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ لېكسىيە قوشۇنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈش، كۆڭۈل قويۇپ ھەمبەھرىلەشكە تايىنىپ، بارغانسېرى كۆپ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى.

ئېتىراپ قىلىشنىڭ ئارقىسىدا، كۈننى كۈنگە ئۇلاپ قەتئىي چىڭ تۇرۇش بار. يەتتە يىلدىن بۇيان، ئىلى سىفەن داشۆسىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلىرى كۈچ ئۇلاپ، مەكتەپ دەرسخانىلىرى، شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىغا پائال بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى خۇددى مامكاپقا ئوخشاش تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا يەتكۈزدى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى چۈشەندۈرۈش ئۆمىكى جەمئىي 2300 مەيداندىن ئارتۇق، 160 مىڭ ئادەم قېتىم لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى، بۇ، ھەر مىللەت ئامما، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى قاپلىدى.

ياشلىق ساداسى ئارقىلىق ئېتىقادنى يەتكۈزۈش

«لېكسىيە ئىنتايىن يېقىشلىق، ھېسسىياتلىق سۆزلەندى، ناھايىتى تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە.» يېقىندا، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىغا يۈزلەنگەن بىر مەيدان لېكسىيە ئىلى سىفەن داشۆسىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەت بازىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغان ئوقۇتقۇچىلار سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىگە ئەنە شۇنداق يازدى.

بۇ مەكتەپنىڭ ماركسىزم شۆيۈەنى ئىدىيەۋى - سىياسىي كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بۇ قوشۇن ئىدىيەۋىلىككە ئىگە، ھېسسىياتقا ئىگە، ئاممىغا يېقىن لېكسىيەلەر ئارقىلىق، نەزەرىيە بىلەن ئامما ئارىسىدىكى «قەلبداشلىق كۆۋرۈكى»نى بەرپا قىلدى.

«تۇنجى قېتىم لېكسىيە سۆزلىگەندە، ئالىقانلىرىم تەرلەپ، بېشىمنى كۆتۈرۈپ سەھنە ئاستىغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم.» خېبېيدىن كەلگەن داشۆ 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ شىنيۈنىڭ چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىگە يېڭى قوشۇلغان چاغدىكى كۆرۈنۈش ھېلىھەم ئېسىدە ئىدى.

مەكتەپداش ئاكا - ھەدىلەرنىڭ بىرگە بىر يېتەكچىلىكىدە، بىر ئايدىن كۆپرەك سىستېمىلىق تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، 2023 - يىلى 10 - ئايدا، ئۇ لېكسىيە سەھنىسىدە تۇنجى قېتىم مۇستەقىل تۇرۇپ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا قىزىل ھېكايە سۆزلىدى. ئەينەن ئوقۇپ بېرىشتىن جانلىق ئىپادىلەشكىچە، ۋاڭ شىنيۈ ھەربىر قېتىملىق ئەمەلىيەت داۋامىدا تېز ئۆسۈپ يېتىلدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئۆمەكنىڭ تايانچ لېكسىيە سۆزلىگۈچىسى بولۇپ قالدى.

ۋاڭ شىنيۈگە ئوخشاش، چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ھەربىر ئەزاسى ئەمەلىي چېنىقىش داۋامىدا ئۆزگەردى. جياڭسۇلۇق قىز يۈ جېنجىڭ، سىچۇەنلىك ئوقۇغۇچى لى چىڭ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى لىنى ئېھتىيات... ئۇلار جاي - جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، لېكسىيە ئارقىلىق شىنجاڭنى چۈشەندى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيدى، شىنجاڭغا تۆھپە قوشتى. شۇ جايدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيە بازىسى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر، يېزا - بازارلار، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا، چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى «چوڭ داۋلى»نى «كىچىك ھېكايە»گە ئايلاندۇرۇپ، نەزەرىيە تەشۋىقاتىنى يېقىملىق، تەسىرلىك ئېلىپ باردى.

لېكسىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاممىغا يېقىن بولۇش، چىن ھېسسىياتقا ئىگە بولۇشتا. ما لى ساۋاقداشلارغا: «نەزەرىيەنى جانلىق سۆزلەشتە تۇرمۇشقا چۆكۈش، ئامما ئارىسىغا بېرىش كېرەك» دەيتتى. 2024 - يىلى، ما لى ئۈچ ئوقۇغۇچىنى باشلاپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ، توققۇز كۈندە قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، بۇرماقان مولدو، بايەكە كەلدىبېك قاتارلىق نەمۇنىلىك تىپلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، ئەڭ جانلىق، ئەڭ تەسىرلىك خام ماتېرىياللارنى لېكسىيە سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى.

«بۇرماقان ئانا بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ قولىمىزنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، بىزنىڭ ياخشى ئۆگىنىشىمىزنى تاپىلىدى.» لىنى جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرىنى ئەسلىگەندە ھېلىھەم ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى باسالمىدى. تىل ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۇ نەق مەيداندا تەرجىمانلىق قىلىپ، بۇرماقان ئانىنىڭ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدى. مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ بۇ كەچۈرمىشىنى لېكسىيەگە سىڭدۈردى، «پەقەت ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرسەك، بىۋاسىتە ھېس قىلساق، سۆزلىگەن ھېكايە ئاندىن تېخىمۇ ھارارەتكە ۋە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.» بۈگۈنكى كۈندە، چېگرا قوغدىغۇچىنىڭ ھېكايىسى چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنىڭ كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان لېكسىيە مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ئەتراپتىكى ئىشلار ئارقىلىق ئورتاق سادانى كۈچەيتىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش

قانداق قىلغاندا لېكسىيەنى يېقىملىق، تەسىرلىك سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر توپىنى قاپلىغىلى بولىدۇ؟

ئىلى سىفەن داشۆسىنىڭ ئاپتونوم رايون مائارىپ سىستېمىسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەت بازىسىغا تايىنىپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى چۈشەندۈرۈش ئۆمىكى «قاتلاملىق» لېكسىيە سۆزلەشتە چىڭ تۇردى: بالىلارغا قارىتا، «كىچىك قەھرىمان يۈلەي» «پەي قىستۇرۇلغان خەت» قاتارلىق كىلاسسىك كىچىك ھېكايىلەر ئارقىلىق قىزىل تەربىيەنى باشلىدى؛ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى دەرسخانىغا سىڭدۈردى؛ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا، نەزەرىيەنى شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈردى؛ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا قارىتا، ئەتراپتىكى ئىشلار، ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئارقىلىق ئورتاق سادانى كۈچەيتتى.

غۇلجا شەھەرلىك 17 - ئوتتۇرا مەكتەپتە، چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مائارىپقا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە بىر تۈركۈم «كىچىك ئانار دانىسى» چۈشەندۈرگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، بالىلارنى ئالتە شوئار كوچىسىدىكى ئاككوردىيون ھېكايىسىنى سۆزلەشكە يېتەكلەپ، شەھەر دەرىجىلىك مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجلەرنى قولغا كەلتۈردى.

نۇرغۇن قېتىملىق لېكسىيە سۆزلەش كەچۈرمىشلىرى ئىچىدە، قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى چىڭچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى لېكسىيە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بالىلارغا ئالاھىدە سۈرەتلەرنى تارقاتتى، بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىلى سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇرمۇش ئۆگەنگەندە تارتقان، ھەربىر پارچە سۈرەتنىڭ ئارقىسىغا تىلەك سۆزلىرى، ئىسىم - فامىلە ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى يېزىلغان بولۇپ، ئىنى - سىڭىللارنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرگەنىدى. «بىز بۇ گۈزەل تىلەكلەر مۇجەسسەملەنگەن سۈرەتلەرنى كىچىك دوستلارغا تارقىتىپ بەرگەندە، كۆپچىلىك ناھايىتى ھاياجانلاندى، بەزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار يەنە خەت يېزىشىدىغان دوستلاردىن بولۇپ قالدى» دېدى ما لى.

يەتتە يىل، 2300 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش بازىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، مەكتەپ ئىچىدىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە بازىسىدىن ھەرقايسى جايلاردىكى مۇزېيلارغا بېرىپ مەدەنىيەت يىلتىزىنى قازدى، يېزا - كەنتلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ ئىللىقلىق يەتكۈزدى، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ سىياسەتلەردىن لېكسىيە سۆزلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈردى.

چۈشەندۈرۈش ئۆمىكى يەنە ئىزدىنىش ئارقىلىق «مەكتەپ ئىچىدە ئاساسنى مۇستەھكەملەش − ئاساسىي قاتلامدا قېزىش − ئۆگىنىشنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت يېپىق ھالقىلىق ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى. 2024 - يىلىدىن باشلاپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىگە سىجىل بېرىپ، لېكسىيە سۆزلەش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ يىراق جايلارغىچە كېڭەيتتى.

نۆۋەتتە، چۈشەندۈرۈش ئۆمىكى مەكتەپ ئىچىدىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە تايىنىپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىدىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىي 100 نەپەر ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىسىنى تەربىيەلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيە بازىسىدىن تۆتنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرى بىلەن ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

نەزەرىيە تارقاتقۇچىلاردىن شىنجاڭنى گۈللەندۈرگۈچىلەرگىچە

لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا، چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تارقىتىپلا قالماي، يەنە ئەمەلىيەت داۋامىدا قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا ئېرىشتى ۋە چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلدى. نۇرغۇن ئەزالار ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيەت ئىمتىھانى، مەمۇرلار ئىمتىھانى، شۈەندياۋشېڭ ئىمتىھانىدا قالتىس ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا تايىنىپ كارامىتىنى كۆرسەتتى، تۈركۈم - تۈركۈم ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىشنى تاللاپ، ياشلىق باھارىدا كۈرەش قىلىشنى شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە سىڭدۈردى.

چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى جاۋ چۇنياڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۈرمە ساقچىسى ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئىش ئورنىدا قوللاندى؛ ما خاۋتيەن مەملىكەتلىك سىفەن ئوقۇغۇچىلىرى مىكرو دەرس مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاساسىي قاتلام شۈەندياۋشېڭ بولۇپ، قورغاس ناھىيەسى كۈرە بازىرىدا يىلتىز تارتىپ، ھازىر ئىلى ئوبلاستىدا سەل نامى بار ياش لېكسىيە سۆزلىگۈچى بولۇپ قالدى؛ ئوقۇش پۈتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئادەم تەربىيەلەش بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى... تۈركۈم - تۈركۈم ياشلار چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىدىن يولغا چىقىپ، نەزەرىيە تارقاتقۇچىلاردىن ئۆسۈپ يېتىلىپ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرگۈچىلەرگە ئايلىنىپ، ئېتىقاد ۋە قىزغىن مۇھەببىتى بىلەن تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ياشلىق مەسئۇلىيەتچانلىقىنى پۈتۈپ چىقتى.

«يېڭى دەۋر ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيەنىڭ ساداسىنى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، شۇنداقلا شان - شەرىپىمىز.» ئىلى سىفەن داشۆسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى چۈشەندۈرۈش ئۆمىكىنى تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچكە ئىگە ياشلار نەزەرىيەدىن لېكسىيە سۆزلەش «جەڭگىۋار قوشۇن»ى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ كۈچى قوشىدۇ.

يەتتە يىلدىن بۇيان، چۈشەندۈرۈش ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدە «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى مۇنەۋۋەر كوللېكتىپ، مەملىكەت بويىچە يازلىق تەتىللىك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى مۇنەۋۋەر داڭلىق ماركىلىق تۈر قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك شەرەپلەرگە ئېرىشتى. كوللېكتىپقا تايىنىپ قۇرۇلغان ماركسىزم شۆيۈەنى ئوقۇغۇچىلار 1 - پارتىيە ياچېيكىسى 3 - تۈركۈمدىكى مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بويىچە ئۈلگىلىك ياچېيكا بولۇپ باھالاندى.

كوللېكتىپنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ما لى يەنە ئادەم تەربىيەلەش يولىدا ئۆسۈپ يېتىلدى. بۇلتۇر، ئۇ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ياش لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ ئەزالىقىغا تاللىنىپ، كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق سەھنىلەرگە چىقىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھېكايىسىنى سۆزلىدى، ئادەم تەربىيەلەش ئەمەلىيىتىنى ھەمبەھرىلىدى.

«ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، مېنى ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە ساھەسىدە چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرۈشكە، دەرس ئۆتۈش ماھارىتى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە يېتەكلىدى، مەن بۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر نەپكە ئېرىشتىم» دېدى مالى مېھرىبان ئۇستازى تىلغا ئېلىنغاندا تەسىرلەنگەن ھالدا. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىزىنى بويلاپ ئادەم تەربىيەلەش ئەسلىي مەقسىتىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، ئېتىقادىنى ھەربىر سائەتلىك ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس، ھەربىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەشكە سىڭدۈرۈپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ يېڭى دەۋر ياشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.