—— شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
نەزەرىيە كۈچلۈك بولغاندا، ئاندىن نىشان ئېنىق بولىدۇ، ھەممە بىر مەقسەتتە بولىدۇ، ئىشەنچ تولۇپ تاشىدۇ. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ تارىخ يارىتىش، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى.
6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلىندى، بۇ مۇھىم ئىدىيە «پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ تەكىتلەندى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە شەكىللەنگەن ئىلمىي نەزەرىيە، ئۇنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى تولۇق سىناقتىن ئۆتكەن بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، قاتتىق جازالاپ قالايمىقانچىلىقنى تۈزەپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، پارتىيەمىز ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدارە قىلىنىشى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشىدا يېڭى كەيپىياتنىڭ بارلىققا كېلىشى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە سىناقلارغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تايانچى بولۇشى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشى ئەڭ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.
شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىدە «14تە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى باغلىنىشى چوڭقۇر ئىگىلەنگەن، بۇ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاش، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ يەردە «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» «يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش» مىسال قىلىنىپ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىكى مۇھىم رېئال ئەھمىيىتى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك يېتەكچى ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.
«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش»، بۇ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىزدەك بۇنداق چوڭ پارتىيە، بۇنداق چوڭ دۆلەتتە، ئەگەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكنى يولغا قويمىسا، ھەر كىم ئۆزى بىلگىنىچە ئىش قىلىدىغان، ئۆزى بىلگەن يولنى تۇتىدىغان ۋەزىيەت كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنداق بولسا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.»
پارتىيەمىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈمى سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.
بەش يىللىق يىرىك پىلان بىر مۇھىم كۆزىتىش نۇقتىسى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىرىك پىلان تەكلىپ ھۆججەتلىرىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى خىزمىتىنى ئۆزى پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى پىلانلاپ، سىياسەتنى بەلگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈردى، بەش يىللىق يىرىك پىلان خۇددى ئىش پەلەمپىيىگە ئوخشاش بولۇپ، «بىر باسقۇچ - بىر باسقۇچتىن ئالغا سىلجىتىش» ئارقىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلساقلا، بىز بارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تايانچقا، نېگىزلىك مۇقىملاشتۇرغۇچقا ئىگە بولىمىز.
«يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش»، بۇ، پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە كۈچ مەنبەسى.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلدى، ئۆزى جەڭگە ئاتلاندى، ئۆزى جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، بەش دەرىجىلىك شۇجى نامراتلارنى يۆلەشنى تۇتتى، پۈتۈن پارتىيە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى، 255 مىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، 3 مىليوندىن ئارتۇق 1 - شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر يېزا - بازارلاردىكى 2 مىليونغا يېقىن كادىر ۋە نەچچە مىليون كەنت كادىرى بىلەن بىرلىكتە نامراتلارنى يۆلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى؛ ئەسىر يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، 4 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى...
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي سىستېمىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەمىزنى تەڭداشسىز قۇدرەتلىك رەھبەرلىك كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك رەھبەرلىك كۈچىگە ئايلاندۇردى.
پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك تەشكىلىي سىستېمىسىغا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا باسىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولغاندا، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۇلنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق» «تۆت خىل خەۋپ» ئۇزاق مەزگىللىك، مۇرەككەپ، كەسكىن. پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇرچ - ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشتا، جەزمەن شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، تارىخ ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئۇلۇغۋار نىشاننى قەلبكە پۈكۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلاپ، پارتىيەمىز يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئىلگىرىلىمەكتە. يېڭى مۇساپە يېڭى ئۇزۇن سەپەر. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەمىزنى ياخشى قۇرۇپ، كۈچلۈك قۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)






