تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قىزىل داشى» مەڭگۈ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچى بولىدۇ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودا رىياسەتچىسى ماھىرە نۇر يان تېلېفون كامېراسى ئالدىدا بىر بوتۇلكا كەھرىۋا رەڭلىك لوپنۇر كەندىرى ھەسىلىنى كۆتۈرۈۋالغانىدى، كەينىدىكى مال جازىسىغا لوپنۇر كەندىرى چېيى، لوپنۇر توقىچى، چىلان سوۋغاتلىقلىرى قاتمۇقات تىزىلغانىدى، «كۆپچىلىك، بۇ بىزنىڭ داشى كەنتىدىكى يۇرتداشلار ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان ھەسەل، خۇرۇج قوشۇلمىغان، ساپ ھەم تەبىئىي. تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا قاتناش باشلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىن بىۋاسىتە يەتكۈزۈش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلەشتى.»

ئېكراندا زاكاز توغرىسىدىكى ئەسكەرتمە ئاۋازلار ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

بىر مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ ئارقىسىدىكىسى داشى كەنتىدىكى نەچچە ئون يىللىق كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشنىڭ شىفىرى ئىدى.

ئىلگىرىكى داشى كەنتى «ئاشلىق ئىستېمال قىلىشتا ئاشلىقنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا تايىنىش، ئىشلەپچىقىرىشتا قەرز پۇلغا تايىنىش، تۇرمۇشتا قۇتقۇزۇشقا تايىنىش»تىن ئىبارەت «ئۈچكە تايىنىدىغان» نامرات كەنت ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، داشى كەنتى پۈتۈن شىنجاڭغا داڭلىق «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1 - كەنت» بولۇپ قالدى، نەچچە ئون يىللىق كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش يولىدا، ئەسلىي مەقسەتنى باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرتمىدى.

2014 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، داشى كەنتىنىڭ كەنت تەلىمى − «يانچۇقى تومپىيىش، روھىي كۆتۈرەڭگۈ بولۇش»نى تىلغا ئالغانىدى. بۇ خەۋەر كەنتكە تارقالغاندا، يۇرتداشلار ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىغا خەت يېزىپ كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى دوكلات قىلدى. شۇ يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ داشى كەنتىدىكى بارلىق كەنت ئاھالىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ھەربىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن - كۈنگە تېخىمۇ ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

سەمىمىي تاپشۇرۇق داشى كەنتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ قەلبىگە ئورنىدى. داشى كەنتى پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ «ماگنىت»لىق ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىتتىپاقلىق مۇنبەت تۇپرىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، خاس كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، قىزىل ماركىنى جۇلالاندۇرۇپ، مەدەنىي كەنت ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، پۈتۈن كەنتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇش، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە سىجىل ئالدىدا ماڭدى.

«ماگنىت»تەك جەڭگىۋار قورغان قۇرۇش

بۈگۈنكى داشى كەنتىگە كىرسىڭىز، ئاسفالت يوللار كەڭ، پاكىز بولۇپ، كىچىك ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەر پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر، بۈك - باراقسان دەرەخلەر ئارىسىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، داشى ئۆرپ - ئادەت باغچىسىدىكى كاۋاپنىڭ مەززىلىك ھىدى پۈتۈن كوچىنى بىر ئالىدۇ.

76 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئەيسا ھوشۇر ئۆزىنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئولتۇرۇپ داشى كەنتىنىڭ تارىخىنى ئەسلەپ، كۆز چاناقلىرى ئىختىيارسىز ياشقا تولدى: «داشى كەنتىمىزنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇنداق گۈزەللىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن».

ئۆزگىرىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بىر كۈچلۈك پارتىيە تەشكىلاتى ئېلىپ كەلگەن ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، جەڭگىۋار كۈچتە.

20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ بېشىدا، ساۋۇر مەڭلىك كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلىنىپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلدى − ئۆستەڭ چېپىپ لاي - لاتقىلارنى چىقاردى، شورلىشىشنى تۈزىدى، ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلدى، ئورمان تورى بىلەن كۆچمە قۇمنى قاشالىدى، ئاپئاق شور باغلاپ كەتكەن قاقاس يەرنى كېۋەز ئۆسىدىغان مۇنبەت ئېتىزغا ئۆزگەرتتى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پۈتۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغىدى، كەنتتىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەر خەنزۇ قېرىنداشلارغا كالا، قوي بېقىش ۋە قۇرۇق مېۋە پىششىقلاشنى ئۆگەتتى، كەنتتىكى خەنزۇ ئاھالىلەر ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا كېۋەز تېرىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى. ئەيسا ھوشۇرنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە: ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ 25 مو يېرى كېۋەز تېرىيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، يىللىق ساپ كىرىمى يىگىرمە نەچچە مىڭ يۈەن بولۇپ، خۇشاللىقىدىن نەچچە كېچە كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىگەنىدى.

داشى كەنتى ياخشى تەرەققىيات يولىغا ماڭدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، داشى كەنتى پارتىيە كومىتېتى «بىر كومىتېت، ئۈچ مەركەز» يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى سىجىل كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى؛ كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، كەنت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر زاپاس كادىرلارنى تەييارلىدى ھەم «تاللاش - يېتىشتۈرۈش - ياردەم بېرىش - يېتەكلەش - ئىشلىتىش» مېخانىزمىنى ئورناتتى؛ پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارتلار ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، خىزمەت ئۈلگىلىرىنى تاللاپ تىكلەپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئاممىغا جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش جەريانىدا، 49 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، كادىر قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر بىلەن «نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغۇچە ئالاقىنى ئۈزمەسلىك» ياردەم بېرىش، يېتەكلەش ۋەدىنامىسى ئىمزالىدى، ھەر ئاينىڭ 20 - كۈنىنى «پارتىيە ئەزالىرى خالىس مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ يار - يۆلەك بولۇش كۈنى» قىلىپ بېكىتتى، يۇرتداشلار: بۇ، داشى كەنتىمىزدىكى «49 قىزىل بايراق» دېيىشتى.

«ئارزۇ گەرچە يىراق بىلىنسىمۇ، ئىنتىلسەكلا چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز؛ مەنزىلگە يېتىش مۈشكۈل بولسىمۇ، قەتئىي داۋاملاشتۇرساقلا چوقۇم يېتەلەيمىز.» بۇ بىر جۈملە سۆز داشى كەنتىدىكى خىزمەت بىناسىنىڭ تېمىغا ئويۇلغان، شۇنداقلا ھەر كۈندىكى ئەمەلىي خىزمەتكە سىڭدۈرۈلگەن. داشى كەنتى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ماگنىت كۈچى ھەربىر ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشتىن كەلگەن، ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كەنتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرى ۋە جاپالىق تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن.

«خەزىنە»دەك خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش

«يانچۇقىمىز توم بولۇشى كېرەك، روھىمىز كۆتۈرەڭگۈ بولۇشى كېرەك.» داشى كەنتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما بۇ كەنت تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىرلىشىپ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىش يولىنى ماڭغانسېرى كېڭەيتتى.

− قىزىل ساياھەت ماركىسى ياراتتى. 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، داشى كەنتى «بەش ساراي، ئۈچ كوچا، بىر باغچە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بەرپا قىلىپ، داشى كۆرگەزمە سارىيى، پارتىيە تارىخى سارىيى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان قىزىل تەربىيە بازىسى قۇردى، كۈتۈۋالغان ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ئۆگەنگۈچىلەر جەمئىي مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. ئۆرپ - ئادەت باغچىسى، ئائىلىۋى مېھمانخانا، مېۋە، كۆكتات ئۈزۈش باغچىسى، كەچلىك بازار، نان كوچىسى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلدى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىكى ساياھەت پەسلىدە، تىجارەتكە قاتناشقان ھەربىر ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

− زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە تۈجۈپىلەپ ئۈنۈمنى ئاشۇردى. كەنت پارتىيە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنى 38 مىڭ مو تارقاق تېرىلغۇ يەرنى تەرتىپلىك ھالدا كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە كارخانىلارغا ئوبوروت قىلىپ بېرىشكە يېتەكلىدى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈزلىدى، كۆپەيگەن يەر كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولدى؛ يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك كۆلەملەشكەن كېۋەزلىك بەرپا قىلىپ، ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق، تۈجۈپىلىك باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى. كەنت دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، يەرلەر ئوبوروت قىلىنغاندىن كېيىنكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئېتىز پەرۋىشى ئىش ئورنىغا قايتا تەكلىپ قىلىپ ياكى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەممە ئادەم پۇل تاپالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

− ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش «خەزىنە»نى ئاچتى. 2022 - يىلى داشى كەنتى 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسىنى قۇردى، بۇ، تور سىرتىدىكى ھېس قىلىش دۇكىنى، توردا مال تاللاش مەركىزى، تېز يەتكۈزۈش بويىچە يىغىش - توشۇش مەركىزى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىجادىيىتى ۋە يېتىشتۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، 200 دىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى ۋە يەككە تىجارەتچىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى، 25 نەپەر يەرلىك «بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش دارېنى»نى يېتىشتۈردى. قابىللار ۋاڭخۇڭلارنى يېتەكلىدى، ۋاڭخۇڭلار دېھقان ئائىلىلىرىنى يېتەكلىدى، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى قوشماقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، لوپنۇر كەندىرى چېيى، نەشپۈت، ھەسەل، قۇرۇق مېۋىلەرنى پۈتۈن مەملىكەتكە ساتتى.

2025 - يىلى داشى كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 2 مىليون 472 مىڭ 500 يۈەن، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 41 مىڭ يۈەن بولدى.

«ئانارنىڭ دانىسى»دەك داشى ھېكايىسى تارقىتىلدى

داشى كەنتىنىڭ گۈزەللىكى تاشقى كۆرۈنۈشىدىلا ئەمەس، يەنە ماھىيەتلىك مەزمۇنىدا ئىپادىلىنىدۇ. رەڭدار تام رەسىملىرىدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئادەم كۈچىگە تايىنىشتىن ماشىنىلىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىش تومۇرىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇ ھەم كەنت تارىخى تەربىيەسى، ھەم سەنئەت بېزىكى. 360تىن ئارتۇق ھويلا - ئاراننى ئۆزگەرتىپ گۈزەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەم يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتى ساقلاپ قېلىندى، ھەم ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت بەرپا قىلىندى.

داشى كۆرگەزمە سارىيىدا، كونا سۈرەتلەر شورلۇق سايدىن «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 1 - كەنت»كە ئايلىنىشقىچە بولغان كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش مۇساپىسىنى ئۈنسىز بايان قىلىپ تۇرىدۇ؛ ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى سارىيى بالىلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش ئارزۇسىنى ئويغىتىدۇ؛ جۇڭخۇا مەدەنىيەت باغچىسىدا خەتتاتلىق، چاي سەنئىتى، قەغەز قىيىشنى ھېس قىلىش دەرسلىرى ھەر مىللەت ساياھەتچىلەرنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

داشى كۆرگەزمە سارىيى ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى بولۇپلا قالماي، يەنە مەملىكەت بويىچە ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرىدىغان جاي. داشى كەنتى بۇ قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىنى ساياھەت بىلەن يۇغۇرۇپ، «قىزىل داشى» داڭلىق ماركىسىنى ياراتتى ھەم «قىزىل داشى» ئارقىلىق 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، لوپنۇر پۈتۈن رايون ساياھىتىدىكى يىغىلىش - تارقىلىش رايونى ۋە ساياھەت، ئېكسكۇرسىيە، سەيلە - ساياھەت قىلىشتا ئالدىن تاللايدىغان جايغا ئايلاندى. كەنتتە يەنە يېزا - كەنت كەچلىك بازىرى، لوپنۇر نان كوچىسى، مەدەنىيەت - ساياھەت سودا كوچىسى قاتارلىق ساياھەت كوچا رايونلىرى قۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاممىۋى پائالىيەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، «ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش» ساياھەت ئامىللىرىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، داشى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەپ، بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان، بىللە سەيلە - ساياھەت قىلىدىغان كەنت ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى شەكىللەندۈردى.

مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، داشى كەنتىدە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىتتىپاقلىق ھېكايىلىرى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، تۇرسۇن ئىسمايىل 20 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، تاشلىۋېتىلگەن ئاغرىق بوۋاقنى بېقىپ كەلدى، ئەخمەت روزى ئىگە - چاقىسىز خەنزۇ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ئانار كوچىسىدىكى 18 ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتتى...

«بىز داشىلىقلار قۇملۇقتىكى توغراققا ئوخشايمىز، يىلتىزىمىز يەر ئاستىدا مەھكەم تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ.» داشى كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شاتگۈل راخمان مۇنداق بىلدۈردى: داشى كەنتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.