− شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك بايان (4)
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شى يۈسېن، ۋاڭ پېڭ، ۋاڭ مىڭيۈ
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 102 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاڭ ليەنشېڭغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئەلا جاۋاب قەغىزى پۈتۈشى كېرەك.»
«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش» شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.
جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى دەل جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا چىڭ تۇرۇشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا مۇستەھكەملەپ، ئىدىيە چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، مەڭگۈ چىڭ تۇرۇش، ئۆزگەرمەس ئىنتىلىش ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە دەۋر شانلىق سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.
«مەيلى بىز قانچە يىراققا بارايلى، كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ»
پايتەخت بېيجىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە، ۋاقىت دەرۋازىسى ئاستا - ئاستا ئېچىلدى − «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەش مۇساپىسى جانلىق قايتا نامايان قىلىنغانىدى.
2021 - يىلى 6 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەمەلدە كۆرسەتكەن 100 يىل، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە ياراتقان 100 يىل، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچقان 100 يىل.»
پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، غايە - ئېتىقادى، كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، پارتىيەمىزنى مەڭگۈ چىڭ ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرماقتا، پارتىيەمىزنى قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.
بۇ، قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق مۇساپىدىن قوبۇل قىلغان تارىخىي ئەقىل - پاراسەت.
دۆلەت خەتەر ئىچىدە قالغان، مىللەت مۇنقەرز بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن پەيتتە، ئىنقىلاب باشلامچىلىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەتتە قالغان جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن پارلاق يول ئېچىشقا ئىرادە باغلىدى. 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەش، بارلىق قۇربان بېرىش، بارلىق ئىجادىيەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر باش تېمىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
لى داجاۋنىڭ «مىللەتنىڭ ھاياتىنى يېڭىدىن يارىتىش، مىللەتنىڭ ياشلىق باھارىنى قايتۇرۇپ كېلىش» ئۇلۇغۋار ئارزۇسىدىن فاڭ جىمىننىڭ «مەن يورۇقلۇققا تەشنا؛ مەن يورۇقلۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا باشلايمەن» دېگەن جاراڭلىق قەسىمىگىچە؛ جياۋ يۈلۇنىڭ «قەلبىگە پۈتۈن خەلقنى پۈككەن، ئەمما ئۆزىنى ئۇنتۇغان» چوڭقۇر ھېسسىياتىدىن كۇڭ فەنسېننىڭ «بىر كوممۇنىستنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەنزىلى خەلقنى سۆيۈش» دېگەن چىن ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلىشىغىچە...
قاينام - تاشقىنلىققا تولغان قىزىل سەھىپىگە كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتەك سەمىمىي ساداقىتى ۋە قىلغان كۈرەشلىرى تولۇق پۈتۈلگەن. ئاشۇ سان - ساناقسىز جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرسىمۇ پۇشايمان قىلمايدىغان سەمىمىي ساداقەت، ئېگىلمەس - سۇنماس كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ، پارتىيەمىز ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قايتا - قايتا تەرەققىي قىلىپ زورايدى، مۈشكۈل ۋە ئوڭۇشسىز شارائىتتا قايتا - قايتا غەيرەتكە كەلدى.
بۇ، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان روشەن خىسلىتى.
«كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى خەلققە بولغان ساپ مۇھەببەتتىن، ھەقىقەتكە بولغان قەتئىي ئىنتىلىشتىن كەلگەن بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ماركسىزمنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلغان».
170 نەچچە يىل ئىلگىرى، ماركس، ئېنگېلس «ئىككى مۇتلەق كۆپ سانلىقلار» دېگەن سۆز ئارقىلىق پىرولېتارىيات پارتىيەسىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان قىممەت يۈزلىنىشى ۋە تۈپ خاراكتېرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن −
«ئىلگىرىكى بارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى ياكى ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان ھەرىكەت ئىدى. پىرولېتارىياتنىڭ ھەرىكىتى مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان مۇستەقىل ھەرىكەت.»
ماركسىزمنىڭ سادىق ئېتىقادچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تۇنجى پىروگراممىسىدا «پىرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئېتىراپ قىلىش»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى ئۆزىنىڭ كۈرەش نىشانى قىلىپ بېكىتتى.
ماركسىزمنىڭ قەتئىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپ، ئىلگىرىكى بارلىق سىياسىي كۈچلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتىنى كۆزلەشتەك سىنىپىي چەكلىمىدىن قۇتۇلۇپ، «ھەقىقىي تۈردە پۇقرالار تەرەپتە تۇرۇپ»، ئاڭلىق ھالدا «جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى.
بۇ، يېڭى مۇساپىدە ئىرادىدىن قايتمايدىغان قەتئىي جاكارلاش.
2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، يەتتە ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش پەيتىنى كۈتۈۋالدى.
«پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى پۈتۈشتە، جەزمەن ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنى شۇنداق ئاگاھلاندۇردى.
پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» يىغىننىڭ باش تېمىسىغا كىرگۈزۈلدى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» «ئۈچ جەزمەن»دە باش ئورۇنغا قويۇلدى...
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى، نېمە ئۈچۈن گۈللەنگەنلىكى، نېمە ئۈچۈن ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھەممە ئىشتا ئالدىغا قاراپ ماڭساقمۇ، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەسلىي مەقسەتنى رول، بۇرچنى يەلكەن قىلىپ، شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى.
«بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»
شيۇڭئەن، بىر زامانىۋى يېڭى شەھەر خېبېي تۈزلەڭلىكىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى.
2026 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا كىرىپ ماكانلاشقان ۋە تارقاقلاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلۇۋاتقان ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىگە يۈزلىنىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سىلەر تۇنجى تۈركۈمدىكى يول ئاچقۇچىلار، پارتىيەنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇق قىلغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، شيۇڭئەن ۋە بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتۇڭلار.»
توققۇز يىلدا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان»نى ئىشقا ئاشۇرۇش جاسارىتى بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ، «بىر ۋاراق ئاق قەغەز» ئۈستىدە شەھەر قۇرۇپ، «مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەزىمەتلەردىن بولۇش»قا تىرىشىپلا قالماي، يەنە «پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى شەھەر قۇرۇش»تىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتنى ئوچۇق جاكارلىدى.
شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنغىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە... زامان ۋە ماكان ئۆزگەردى، ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى؛ يىللار توختىماي ئۆتتى، بۇرچ بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.
ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ باشتىن - ئاخىر بىردەك بولغان ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى مۇقىملاشتۇردى.
شىزاڭ لىنجىدا، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان يالۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ «ئەسىر قۇرۇلۇشى»نى ئۆزى پىلانلىدى ۋە تۈرتكە بولدى، كوممۇنىستلار جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، قارلىق ئېگىزلىكتە جاھان مۆجىزىسىنى ياراتتى.
مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلدى، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە تېز كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى!
ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدىكى كۈرەش نىشانىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» 2012 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن دەسلەپكى مەزگىلدىلا، بىر قاتار سەمىمىي، ئاددىي سۆزلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى «جاۋاب قەغىزى»نى يېزىشنى باشلىدى.
«بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ»دىن ئىبارەت ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىن پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشتا پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە؛ «خەلقنىڭ ساداسىغا ئىسلاھات ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن «تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن - تۈزۈم، ھەربىر قانۇن ئىجرا قىلىش قارارى، ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش»تىن ئىبارەت قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغىچە... يېڭى دەۋردە، خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلدى.
ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى ئىشەنچ ئاساسىنى كۆرسىتىپ بەردى.
2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، خەلق سارىيى. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.
50 نەچچە مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلار، مۇتەخەسسىس - ئالىملار، بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەر ۋە ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ توردا ئەقىل - تەدبىر سوراش قانات يايدۇرۇلۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، ياشلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، مېيىپلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر ھەمدە كارخانىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى تولۇق ئاڭلاپ ئۆتۈلدى...
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان بۇ بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش جەريانىدا، جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرى تولۇق قوبۇل قىلىنىپ، «ئاممىنىڭ ياخشى چارىلىرى» «تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى»غا ئايلاندۇرۇلدى.
پارتىيەمىز خەلق ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كەلدى، خەلققە تايىنىپ گۈللەندى. پارتىيەنىڭ يىلتىزى خەلقتە، تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە.
خەلقنىڭ «قول ھارۋىسى» خۇەيخەي ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مۆجىزىسىنى قولغا كەلتۈردى، خەلقنىڭ «كىچىك گۈرجىكى» يېڭى جۇڭگونىڭ قاينام - تاشقىنلىق قۇرۇلۇش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى، خەلقنىڭ «چوڭ ھۆددىگەرلىكى» يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تارىخىي مۇقەددىمىسىنى باشلىدى، خەلقنىڭ «بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى» تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى...
ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، قاتمۇقات توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، پارتىيەمىز يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئىجادىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە مەردانە قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.
«يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش كېرەك»
«بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، پارتىيە ئىشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق.»
2026 - يىلى «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى «يېڭى مۇساپىدىكى تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ياخشى يۈگۈرۈش»كە ئىلھاملاندۇردى.
2017 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى باشلاپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي ۋە جياشىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئارزۇ قاناتلانغان جايدا پۈتۈن پارتىيەگە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش» ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چىقاردى.
زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى.
«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش بىردەملىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۆمۈرلۈك ئىش». تارىخ بىلەن كەلگۈسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.
يېڭى مۇساپىدە، ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ تاۋلاش كېرەك −
2026 - يىلى يېڭى يىل ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلىپ، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى چىڭىتىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يەنئەندىكى <گەمىدىكى سوئال>غا داۋاملىق ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك».
ھازىر، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىدىغان خەۋپ يوشۇرۇن باش كۆتۈرمەكتە، پارتىيە دۇچ كەلگەن «تۆت چوڭ سىناق» «تۆت خىل خەۋپ» ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئالقىش سادالىرى، مەدھىيە سادالىرى ئىچىدە ئىنقىلابىي روھ ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى قىلىپ دائىم بوشاشماي تۇتۇش كېرەك.
ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن مەسىلىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنى توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ پۇختا يىراققا يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.
يېڭى مۇساپىدە، خەلقنىڭ مەيدانىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ساقلاش كېرەك −
«دەۋر ئىمتىھان سوئالىنى چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئوبرازلىق ھەم چوڭقۇر ئوخشىتىش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت قىممەت يۈزلىنىشىنى بېكىتىپ بەردى.
ھاكىمىيەتنىڭ گۈللىنىشى خەلق رايىغا مايىل بولۇشتا، ھاكىمىيەتنىڭ خارابلىشىشى خەلق رايىغا خىلاپلىق قىلىشتا. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرگەن - ئۆزگەرمىگەنلىكى، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغان - ساقلىمىغانلىقىنى ئامما باھا بېرىشى، ئەمەلىيەت سىنىشى كېرەك.
ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى تۈگىتىپ، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭقۇر ئاممىۋى ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
يېڭى مۇساپىدە، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەشنى، تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك −
خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك. ھازىر، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قانات يايدۇرۇلماقتا.
«15 - بەش يىل»نى باشلاش، قەدەم ئېلىشتا، ئەمەلىي بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قىياپىتى بولۇشى كېرەك. «سىياسىي نەتىجە قارىشى مەسىلىسى بىر تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك.»
يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغاندا، تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ يېڭى بولۇشى، بۇرچ - ۋەزىپىنىڭ ئېغىر بولۇشى، تاشقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپ بولۇشى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ يېڭى جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈشى كېرەك.
ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندىلا كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلار ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، مۇقەررەر ھالدا خەلقنى يېتەكلەپ يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، يېڭى تېخىمۇ زور شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)






