□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ گاۋشياڭ، سۇڭ رۇي
تيەنجىندىكى پىڭجىن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنىڭ ئاساسىي مەيدانىدا، كەڭلىكى 20 مېتىر، ئېگىزلىكى 11 مېتىر كېلىدىغان مىستىن ياسالغان چوڭ تىپتىكى ئىككى گۇرۇپپا ھەيكەللەر توپى «مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىش» «خەلق ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش» ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، بۇلاردا ئۈچ چوڭ ئۇرۇشتىكى ئاخىرقى ئۇرۇش − پىڭجىن ئۇرۇشىدا 64 كۈن قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدەك شانلىق تارىخ ئورتاق خاتىرىلەنگەنىدى.
«ئۈچ چوڭ ئۇرۇشنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇش تارىخىدىكى ئورنى تەڭداشسىز بولۇپ، كىلاسسىك ئۇرۇش مىسالى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالدى.» 2024 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، چوڭقۇر ئويغا چۆمدى. بۇ «كىلاسسىك ئۇرۇش مىسالى»نىڭ ئارقىسىدا كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان قانداق بىر بۆلەك چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭ بار؟ يەنە قانداق بىر مەيدان ھەيۋەتلىك خەلق ئۇرۇشى بار؟
1948 - يىلى كۈزدە، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا قەدەم قويدى.
بۇ چاغدا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 1 مىليون 270 مىڭ ئادەمدىن كۆپىيىپ 2 مىليون 800 مىڭ ئادەمگە يەتتى؛ ھەرقايسى ئازاد رايونلار ئارقا - ئارقىدىن تۇتىشىپ، كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %24.5ىنى ئىگىلىدى. ئازاد رايونلاردا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئىنقىلاب ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئارقا سېپى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.
ئەكسىچە، گومىنداڭ ئارمىيەسى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 4 مىليون 300 مىڭ ئادەمدىن 3 مىليون 650 مىڭ ئادەمگە چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرىنچى سەپكە ئەۋەتكىلى بولىدىغان ئەسكىرىي كۈچى ئاران 1 مىليون 740 مىڭ ئادەم ئىدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى گەرچە يەنىلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسىم رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كەڭ خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغاچقا، ئىنتايىن يەككە - يېگانە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ گومىنداڭ ئارمىيەسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان پۇرسىتى يېتىپ كەلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، دەرھال قەتئىي قارارغا كېلىپ، پايدىلىق پۇرسەتنى دەل ۋاقتىدا تۇتۇپ، لياۋشېن ئۇرۇشى، خۇەيخەي ئۇرۇشى، پىڭجىن ئۇرۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۇرۇشنى ئارقا - ئارقىدىن تەشكىللىدى.
1948 - يىلى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى لياۋشېن ئۇرۇشى باشلاندى، 52 كۈن كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق شەرقىي شىمالنىڭ پۈتكۈل دائىرىسى ئازاد قىلىنغانلىقى جاكارلاندى؛ ئارقىدىنلا خۇەيخەي ئۇرۇشى رەسمىي باشلاندى، 600 مىڭ كىشىلىك ئازادلىق ئارمىيە 800 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ ئارمىيەسىگە قارشى جەڭ قىلدى، 66 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلارنى ئازاد قىلدى؛ 1949 - يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، پىڭجىن ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلىشىپ، شىمالىي جۇڭگونىڭ پۈتۈن دائىرىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئازاد قىلىندى.
ئۈچ چوڭ ئۇرۇش مەيلى ئۇرۇش كۆلىمى جەھەتتىن بولسۇن ياكى قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇرۇش نەتىجىلىرى جەھەتتىن بولسۇن، جۇڭگو ئۇرۇش تارىخىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان، دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدىمۇ كەمدىن - كەم كۆرۈلگەن − 142 كۈن داۋاملىشىپ، گومىنداڭ ئارمىيەسىدىن جەمئىي 1 مىليون 540 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يوقىتىلىپ، گومىنداڭنىڭ ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتا تايىنىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق ھەربىي كۈچى ئاساسەن بىتچىت قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىنقىلاب غەلىبىسىنىڭ ھارپىسىنى كۈتۈۋالدى.
بۇ، ماۋ زېدۇڭ ھەربىي ئىشلار ئىدىيەسىنىڭ غەلىبىسى، شۇنداقلا خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى.
ئۈچ چوڭ ئۇرۇشتا، ھەرقايسى ئازاد رايونلاردىكى خەلق مىسلىسىز زور قىزغىنلىق بىلەن، ئۈزۈلمەس ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ئارقىلىق ئالدىنقى سەپكە مىسلىسىز كۆلەمدە ياردەم بەردى. پىڭجىن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدىكى «خەلق ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش» كۆرگەزمە زالىدا، ئەينى يىلى ئوتتۇرا خېبېي رايونىدىكى خەلق ئىشلەتكەن مۇز يېرىش قوراللىرى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بىر بۆلەك تەسىرلىك ھېكايىنى بايان قىلىپ تۇراتتى: قەھرىتان سوغۇق كۈنلەردە، داچىڭخې دەرياسىنى مۇز تۇتقانىدى، ئوتتۇرا خېبېي رايونى تەشكىللىگەن 40 مىڭ كىشىدىن ئارتۇق مۇز يېرىش ئەترىتى كېچە - كۈندۈز توختىماي ئۇزۇنلۇقى 130 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان مۇز دەريانى يېرىپ، ئارمىيەگە كېرەكلىك ئوق - دورىلارنى سۇ ئۈستىدە راۋان توشۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
بۇ جايغا تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشكە كەلگەن تيەنجىن سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىدا چۆرىدىشىپ تۇراتتى، كۆزلىرىدىن تولۇپ تاشقان ھۆرمەت تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى. ئوقۇغۇچى ليۇ شىنيۈ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ، قورال - ياراغ جەھەتتىكى كۈچ سىنىشىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلق رايىنىڭ تۈرتكىسى.»
2022 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋشېن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پارتىيەمىزنىڭ گومىنداڭ بىلەن قىلغان ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشى ھەم ئەسكىرىي كۈچ، ئوت كۈچى ئۇرۇشى، شۇنداقلا خەلق رايىنى مايىل قىلىش - مايىل قىلالماسلىق ئۇرۇشى. لياۋشېن ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى شەرقىي شىمال خەلقى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ قولغا كەلتۈرگەن، خۇەيخەي ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى پۇقرالار قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ قولغا كەلتۈرگەن، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى پۇقرالار كىچىك كېمىلەرنى ھەيدەپ قولغا كەلتۈرگەن.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۈچ چوڭ ئۇرۇش جەريانىدا، سەپەرۋەر قىلىنغان خەلق ئىشچىلىرى جەمئىي 8 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، خەلق ئاممىسى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن چوڭ - كىچىك ھارۋا 1 مىليون 410 مىڭدىن، نوسىلكا 360 مىڭدىن ئاشقان. پىڭجىن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى ياۋ جيەنبو مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي خەلق قاتنىشىپ، ئومۇمىي خەلق قوللاپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى جەڭ مەيدانىدا ئۈزۈلمەس تەمىناتقا ئېرىشتۈرۈپ، ئۇرۇش غەلىبىسى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.»
جەڭ تۇمانلىرى تارقاپ كەتتى، خەلق ئۇرۇشىدىكى ئەڭگۈشتەرلەر ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى.
كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، بىز «ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش»تەك قۇدرەتلىك كۈچنى قايتا - قايتا كۆردۇق. تارىخ بىلەن ئەمەلىيەت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى: خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئۇ، ئىشلىرىمىزنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولسىلا، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولالايدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى)






