تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئىجادىي تۆھپە قوشايلى

− شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئۇلۇغ دەۋر ئىلمىي ئىدىيەنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئىلمىي ئىدىيە ئىجادىي ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ قوللانما بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئىجادىي تۆھپە قوشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمىنى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى يۈز نەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيەمىزنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مول تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى تەجرىبىلىرىنىڭ سىستېمىلىق يىغىنچاقلىنىشى. بۇ مۇھىم ئىدىيە «14تە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش بىلەن دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەم ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنىڭ ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ يادرولۇق مەزمۇنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىلىرىنى يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى، بىر قاتار ئىجادىي نەتىجىلەر ئارقىلىق ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى شىجائىتى ۋە جاسارىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى ۋە ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، جەزمەن بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ مۇھىم ئىجادىي تۆھپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش كېرەك.

بۇ مۇھىم ئىدىيە ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيەنى مەنبە قىلغان، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە يىلتىز تارتقان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە يېتىلگەن بولۇپ، پۇختا ئەمەلىيەت ئاساسىغا ۋە چوڭقۇر نەزەرىيە مەنبەسىگە ئىگە.

كىچىككىنە قىزىل كېمىدىن جۇڭگونىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يول باشلايدىغان ھەيۋەتلىك غايەت زور پاراخوتقىچە، پارتىيەمىز 100 نەچچە يىلدىن بۇيان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، بايراق روشەن ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ پارتىيەنىڭ تۈپ خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ بىرلىككە كېلىش، سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىش، ھەرىكەت جەھەتتە تېخىمۇ بىردەك بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ئىشنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن باشلاپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى ئىكەنلىكىنى، پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر، تۈپ تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتتىق بولۇش تەلىپىنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا نامايان قىلدى؛ نەچچە مىڭ يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تەرەققىيات تارىخىدىن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن مول مەنىۋى ئوزۇق قوبۇل قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەقسەتتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ئەمىن تاپتۇرۇش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولى، ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەخلاق ئىدىيەسىنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشى ۋە ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى... ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، توغرىلىرىنى ساقلاش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى دەۋر خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، قانۇنىيەتنى ئىگىلىگەن، ئىجادچانلىققا باي مۇكەممەل نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى زور نەتىجىسى.

بۇ مۇھىم ئىدىيەدە مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد، يۈكسەك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق، روشەن مەسىلە يۆنىلىشى، كۈچلۈك بۇرچ - مەسئۇلىيەتچانلىق، چوڭقۇر خەلقچىللىق ھېسسىياتى، ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇل نامايان قىلىنغان بولۇپ، روشەن نەزەرىيە پەزىلىتىگە ئىگە.

«خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز» ئىكەنلىكىنى چىڭ كۆزلەپ، پۈتۈن پارتىيەدىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش تەلەپ قىلىندى؛ پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتىن يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكىچە، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇشنى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىدىكى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، ئىدىيەۋى ئاڭنى ئۆستۈرۈشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ دىققەتنى پارتىيە ئىچىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «مىڭلىغان كىشىنى رەنجىتسەك مەيلىكى، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويساق بولمايدۇ» دەيدىغان بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەم ئۇنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇندى... ھەم «دەريادىن ئۆتۈش» ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ھەم «كۆۋرۈك ياكى كېمە» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ئىجادىي نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلدى.

ئىلىم - پەنگە ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ھەقىقەت روھى بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىنىڭ ئىدىيەۋى شىفىرى. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىدە تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسى تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز بېيىپ ۋە راۋاجلىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىي مۇساپىسىدە قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى ئۇلۇغ كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

پارتىيەمىزنىڭ كۈرەش مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك داستاننى پۈتتى، بىر قاتار ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىشى، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىدىكى تۈپ مەنبە. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتساقلا، چوقۇم 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 哈力赛·阿合买提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.