− شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ 94 يىل مەنىۋى كۈچنى داۋاملاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا
□ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن
6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ شى تارىخى سارىيىغا كەلدى. ساراي ئىچىدىكى مۇقەددىمە زالىدا، «قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش» دېگەن قىزىل خەتنىڭ ئاستىغا ليۇ جىدەن، شيې زىچاڭ، شى جۇڭشۈن قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ ھەيكىلى قويۇلغانىدى.
شەنشى - گەنسۇ پارتىزانلار ئەترىتىدىن بارلىققا كەلگەن، نەنلياڭدىكى ئۇرۇش ئوتىدا شەكىللەنگەن بۇ قىسىم ئارمىيە بويىچە بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان پۈتۈن ئىشتاتلىق غەربىي شىمال قىزىل ئارمىيە قىسمى ئىدى.
94 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، قىزىل گېن ئۇچقۇنى بۇ قىسىمنىڭ تومۇرىدا كۈچلۈك يالقۇنجىدى.
2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى − پۈتۈن شىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىگە مەڭگۈلۈك ئورناپ كەتكەن بىر كۈن. رەئىس شى جىنپىڭ قىسىمغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەندە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق تاپىلىغانىدى: «قىزىل گېننى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ تومۇرىغا سىڭدۈرۈپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.»
سەمىمىي تاپشۇرۇقنىڭ ۋەزنى زور. بۇ قىزىل ئارمىيە قىسمى زادى قانداق قىلىپ تارىخنىڭ ئەكس ساداسىنى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جاراڭلىق ساداسىغا ئايلاندۇردى؟ مۇخبىر ھەربىي گازارمىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قىزىل شىفىر ئۈستىدە ئىزدەندى.
يىلتىزىنى ئىزدەش: جاپا - مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجىدىن يارىتىلغان «مەنىۋى بەلگە»
شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ ئاساسىنى 1932 - يىلى قۇرۇلغان جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى يەنچۇەن پارتىزانلار ئەترىتىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.
ليۇ جىدەن، شيې زىچاڭ، شى جۇڭشۈن قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار غەربىي شىمالدىكى كەڭ زېمىندا ئىنقىلاب ئۇچقۇنىنى ياندۇردى. ئۇ چاغدا، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى زور قوشۇن توپلاپ قورشاپ يوقىتىش قىلىۋاتقان بولۇپ، شارائىت ئىنتايىن ناچار بولسىمۇ، لېكىن بۇ قوشۇن قەتئىيلىك بىلەن «ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ» دېگەن ئېتىقادقا تايىنىپ، شەنشى - گەنسۇ پاسىل رايون ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىدىكى «ئاخىرقى نۇقتىسى» بولۇپ قالدى.
لەنجوۋ ئۇرۇشىدىكى «شېنجيالىڭدىكى قانلىق جەڭ»نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ، مۇخبىر يۈرەكنى ئېزىدىغان بۇ كۆرۈنۈش ۋە شانلىق نەتىجىلەردىن چوڭقۇر تەسىرلەندى.
1949 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، بۇ شى لەنجوۋدىكى شېنجيالىڭغا ئاساسلىق ھۇجۇم قىلدى. ئىككى كىۋادرات كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان ئىستىھكامدا 14 سائەت كەسكىن جەڭ قىلىپ، تۇەنجاڭ ۋاڭ شۆلى، جېڭۋېي لى شىگۇي قاتارلىق 539 ئوفىتسېر - ئەسكەر قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى، ئەڭ ئاخىرىدا 3327 دۈشمەن يوقىتىلدى، لەنجوۋدىكى «مۇھىم تۈگۈن» ئېچىلىپ، غەربىي شىمالنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن يول راۋانلاشتۇرۇلدى.
ئۇرۇشتىن كېيىن، بۇ شىنىڭ ئىككى تۇەنىگە ئايرىم - ئايرىم «ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەگە ماھىر قەھرىمان تۇەن» «باتۇر، قەيسەر قەھرىمان تۇەن» دېگەن ناملار بېرىلدى. ئىككى تۆھپە جەڭ بايرىقى جۇڭگو خەلق ئىنقىلابىي ھەربىي مۇزېيىدا مەڭگۈ ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىپ، بۇ قىزىل ئارمىيە قىسمىنىڭ «جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان» پولاتتەك شان - شەرىپىگە گۇۋاھ بولدى.
«مېنى ئەڭ چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگىنى، قەھرىمان تۇەنجاڭ ۋاڭ شۆلىنىڭ <ئايالىمغا مەكتۇپ> ناملىق خېتى بولدى.» چۈشەندۈرگۈچى لۇ نا كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا مۇنداق تونۇشتۇردى: خەتتە ۋاڭ شۆلى ھامىلىدار خوتۇنىغا مۇنداق ۋەدە بەرگەن: «بىز غەلىبە قىلغاندا قايتا كۆرۈشىمىز... ئىككى قولىمىزنى كۆتۈرۈپ ۋەتەننىڭ يېڭى ھاياتىنى كۈتۈۋالىمىز».
ۋەتەننىڭ يېڭى ھاياتى ئۈچۈن، قىزىل ئارمىيە شىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 3420 قېتىمدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلىپ، 130 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتتى، 190 نەپەر قەھرىمان نەمۇنىچى، 69 تۆھپىكار كوللېكتىپ بارلىققا كەلدى.
«سادىق بولۇش قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى.» قىزىل ئارمىيە شىسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ جۇڭشياۋسى فۇ جىچياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 1932 - يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ شى غەربىي قىسىمدىكى توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىپ، 30 نەچچە قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش، باشقىدىن تەشكىللەش، ئون نەچچە قېتىم ئالمىشىپ مۇداپىئەدە تۇرۇش، تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ چاقىرىقىنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى قىلىپ، بۇيرۇققا قەتئىي بويسۇنۇپ، «شىنجاڭ، شىزاڭ، لەنجوۋغا يۈرۈش قىلىپ، پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش»تىن ئىبارەت شى روھىنى تاۋلىدى.
قان بىلەن ئوتتا تاۋلىنىپ چىققان بۇ خىل سادىقلىق بۇ قىسىمنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان «روھىي بەلگىىسى»گە ئايلاندى. قىسىمنىڭ نومۇرى مەيلى قانداق ئۆزگەرسۇن، تۇرۇشلۇق جايى قەيەرگە يۆتكەلسۇن، شىمالىي شەنشىنىڭ سېرىق تۇپرىقىدىن كەلگەن ساپلىق ۋە قەيسەرلىك باشتىن - ئاخىر قىزىل ئارمىيە شىسىدىكى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ قويۇق ئاساسىي رەڭ بولۇپ كەلدى.
داۋاملاشتۇرۇش: يېڭى دەۋر ھەربىي گازارمىسىنىڭ «مەنىۋى كودىنى يېشىش»
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندىكى قىزىل ئارمىيە شىسى ئەنئەنىۋى پىيادە ئەسكەرلەر شىسىدىن ئۇچۇرلاشقان، بۆلەكلەشكەن، پۈتۈن رايوننى قاپلىغان بىرىكمە تىپلىق سەرخىل قوشۇنغا ئايلاندى.
ھازىر، قىسىم قاراقۇرۇم ئېگىزلىكىدە مەشىق قىلىۋاتىدۇ، بۇ جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4200 مېتىردىن ئاشىدۇ، ھاۋادىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ. يەر شەكلى خەتەرلىك، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئاز، پۈتۈن يىللىق تېمپېراتۇرا تۆۋەن، كېلىماتى قۇرغاق، ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك بولۇش بۇ رايوننىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى. قىزىل ئارمىيە شىسى مەلۇم تۇەنىنىڭ تەشۋىقات كادىرى زوۋ جۈنيۈ مۇنداق دېدى: ئېگىز تاغ رېئاكسىيەسى سەۋەبىدىن بېش ئاغرىش، ئاپتاپ كۆيدۈرۈپ جاراھەتلىنىش ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ دائىملىق ھالىتى.
6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ «ئۇرۇش قەھرىمانلىرى ليەنى» ئېگىزلىكتە قوراللىق يامىشىش مەشىقى تەشكىللىدى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تولۇق قوراللىنىپ، 90 مىنۇت ئىچىدە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدىغان، ئارىلىقى 900 مېتىردىن ئاشىدىغان ناتونۇش تاغقا يامىشىپ چىقىشى كېرەك ئىدى.
يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ليەنجاڭ ياڭ جىنياۋ سەپەرۋەر قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن، بىزنىڭ نىشانىمىز دېڭىز يۈزىدىن 4600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ ئېگىز تاغنى بويسۇندۇرۇش، كۆپچىلىك ئىشەنچىڭلار بارمۇ - يوق؟» «بار! بار! بار!» ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئىشەنچكە تولدى، كۈچلۈك سادا يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالدى.
ئەسلىدىنلا ئوكسىگېن شالاڭ ئېگىزلىكتە، ئېغىر يۈك يۈدۈپ تاغقا يامىشىش نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان بولسۇن. سەپداشلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، 2000 - يىللاردا تۇغۇلغان ئاددىي ئەسكەر شياۋ يۈنخۇڭ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بىئاراملىقنى يېڭىپ ئاخىر چوققىغا چىقتى، پۈتۈن ليەندىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ چوققىغا چىقىشىغا 40 مىنۇتمۇ كەتمىدى. تاغ چوققىسىدا، ليەندۈي ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى جەڭ بايرىقىغا ئىمزا قويۇشقا تەشكىللەپ، نەق مەيداندا ليەن تارىخى تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. «مەن قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ ئەسكىرى! مەن <ئۇرۇش قەھرىمانلىرى ليەنى>نىڭ ئەسكىرى، قىيىنچىلىق ئالدىدا يىقىلىپ قالسام ھەرگىز بولمايدۇ!» دېدى شياۋ يۈنخۇڭ.
«بىز رەئىسنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، قىزىل گېننى ياش ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ تومۇرىغا سىڭدۈرىمىز» دېدى فۇ جىچياڭ.
بۇ شى شى - تۇەن تارىخى سارىيىنى رېمونت قىلىپ كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئارمىيە تارىخى كارىدورى ۋە قەھرىمانلار باش تېما قىلىنغان مەدەنىيەت مەيدانى ياساپ، ئۇرۇش تارىخىنى يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ گازارمىغا كىرىشتىكى تۇنجى دەرسى قىلىپ، قىزىل ھېكايىلەرنى ئېيتىش يىغىنى، ئازاب - ئوقۇبەتنى ئەسلەپ بەخت - سائادەتنىڭ قەدرىگە يېتىش قىزىل ئارمىيە تامىقى يېيىش، تۆھپىكار جەڭ بايرىقىنى قايتا ئەسلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نادىر جەڭ مىسالى ماتېرىياللىرىنى توپلام قىلىپ تۈزۈپ، قىزىل تەربىيەنى مەشىقنى باشلاش سەپەرۋەرلىكى، ئېگىزلىكتە تۇرۇپ مەشىق قىلىش، مۇھىم ۋەزىپىگە ئاتلىنىش ئالدىدا قەسەم بېرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈردى، يەنە ئارمىيە بىلەن خەلق ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئەجىر سىڭدۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان جايىدىكى يېزا - كەنتلەرگە يار - يۆلەك بولۇپ، يەرلىكنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، خەلقنى سۆيۈش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى.
چېنىقىش: «مەنىۋى ئېگىزلىك»تىن «غەلىبە ئېگىزلىكى»گە قاراپ يۈرۈش قىلىش
6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، قىزىل ئارمىيە شىسى مەلۇم تۇەنىدىكى بەنجاڭ مېڭ ياۋياۋ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئەترەتنى يېتەكلەپ مەشىق قىلىۋاتاتتى. 37 ياشلىق بۇ پېشقەدەم ئەسكەر جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىگە قايتىش ئۈچۈن ئۇدا 12 پارچە جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى يازغانلىق ھېكايىسى بۇ شىدا تىللاردا داستان بولدى.
2021 - يىلىنىڭ بېشىدا، مېڭ ياۋياۋ ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى سەۋەبىدىن مېڭە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، تاغدىن چۈشۈپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇ ئۇدا 12 قېتىم جەڭ ئورنىغا قايتىشنى تەلەپ قىلىپ، بەدىنىدىكى توسالغۇلارنى يېڭىپ، ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى داۋاملاشتۇردى، ئاخىرىدا ئارزۇسىغا يېتىپ ئېگىزلىككە قايتىپ، ناچار ھاۋارايى شارائىتىدا پۈتۈن بەندىكى جەڭچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ «تۇنجى ئوقنى نىشانغا تەگكۈزۈش»تەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.
قىزىل گېننىڭ ھاياتىي كۈچى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا جەڭ مەيدانىدا سىنىلىدۇ.
2017 - يىلى، بۇ شىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسىگە ئاتلىنىپ، «بىخەتەر مۇھىت» يادرو بىيو خىمىيەلىك رازۋېدكا تۈرىگە قاتنىشىپ، يەككە ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى، قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق يەككە تۈرلىرىدە چېمپىيون ۋە كوللېكتىپ ئومۇمىي چېمپىيون بولدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا ئەزالىرى 34.95 سېكۇنتلۇق زەھەر تەكشۈرۈش مەشغۇلاتى نەتىجىسى بىلەن بۇ تۈرنىڭ دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى.
2019 - يىللىق مۇسابىقە مەيدانىدا ماھارەت كۆرسىتىشتە، قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىسى يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىپ، «سۈزۈك ئاسمان»، «بىخەتەر مۇھىت» تۈرىدىكى بارلىق يەككە تۈرلەر ھەم كوللېكتىپ تۈرلەردە 1 - لىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ھەربىي قورال - ياراغ ماھىرى» قورال - ياراغلارنى رېمونت قىلىش مۇسابىقىسىدە بەش يەككە تۈردە چېمپىيون بولۇپ، بۇ تۈردە كوللېكتىپ ئومۇمىي چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، قىزىل ئارمىيە قىسىمىنىڭ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كەسپىي ساپاسى ۋە ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى.
ئىسلاھ قىلىپ تىپ ئۆزگەرتىش دولقۇنىدا، يېڭى تىپتىكى جابدۇقلار ئەۋلاد ئاتلاپ سەپلەندى. ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپ، مەشىققە تەشكىللەش تەجرىبىسى كەمچىل بولۇش، دەرس بېرىدىغان تايانچلار كەمچىل بولۇشتەك ئەمەلىي قىيىنچىلىق كۆرۈلدى. بۇ شىنىڭ مەلۇم تۇەنىدىكى «پولات قورغان قەھرىمانلار ليەنى»نىڭ ليەنجاڭى جۇ شىمىڭ ھەربىي بۇيرۇق ۋەدىنامىسى بېرىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، يېڭى جابدۇقلار ئارقىلىق جەڭگىۋار كۈچ شەكىللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2 - دەرىجىلىك شاڭشى لۇ چياڭچياڭ كېچە - كۈندۈز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ ئايدىلا يېڭى جابدۇقلارنى ئىشلىتىشنى ئىگىلەپ بولدى ھەم دەرسلىك تۈزۈپ چىقتى.
ئارقىدىن، ئېگىزلىكتىكى تاغلىق رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان كونتروللۇقنى تالىشىش مانېۋىرىدا، لۇ چياڭچياڭ يېتەكلىگەن ئاپتوموبىل ئەترىتى كۈچلۈك ئېلېكتىر ماگنىت كاشىلىسى بولغان ئەھۋالدا، كۆپ مەنبەدىن كەلگەن ئاخباراتنى يۇغۇرۇشنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوت كۈچىنى نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى «دۈشمەن» قوماندانلىق ئورنىغا قارىتا دەل جايىدا زەربە بېرىشكە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتەكلىدى.
2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ھەربىي كومىتېتنىڭ «سەرخىل جابدۇق لوڭقىسى» مۇسابىقىسىدە، قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ئايرىم - ئايرىم ئالتۇن، كۈمۈش، مىس مېدالغا ئېرىشتى، مەلۇم تۇەننىڭ 2 - دەرىجىلىك جۈنشىجاڭى جاڭ گوجۇ يەنە ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن «يېڭىلىق يارىتىش يۇلتۇزى» بولۇپ تەقدىرلەندى.
«بىز شى جۇشىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشنى ھەربىي مەشىق، ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، <جەڭ تارىخى، جەڭ تۆھپىسى، جەڭ مىسالى، جەڭ ئەزىمەتلىرى> ئۆگىنىش - ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئارقىلىق جەڭگىۋارلىقىمىزنى تاۋلايمىز.» فۇ جىچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر قىسىمنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، دەل جايىدا زەربە بېرىش، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
شىمالىي شەنشىدىكى قىزىل ئىنقىلاب قىلىشتىن پاسىل رايوندا ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكىچە، غەربىي شىمالغا يۈرۈش قىلىشتىن غەربىي جەنۇبتا چېگرانى قوغداشقىچە، ئېگىزلىكتە جەڭگە ئاتلىنىشتىن تىيانشاننى زىلزىلىگە سېلىشقىچە، قەھرىمان قىزىل ئارمىيە شىسى كۈرەش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قىزىل قەلبلەر پارتىيەگە تەلپۈنۈش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەيۋەتلىك جەڭ مارشىنى پۈتۈپ چىقتى.
شى تارىخى سارىيىنىڭ ئاخىرقى زالىدىكى ھەيكەلدە، شىمالىي شەنشىدىكى بىر پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسىنىڭ قىزىل بايراقنى يېڭى ئەسكەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنگەنىدى − ئىنقىلاب بايرىقى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلمەكتە، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلماقتا.






