− شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە. پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش شەرت.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قانداق ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش، ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سەھىپىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىدە پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇش، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە - نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ نەزەرىيە تەرەققىياتى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى بولۇپ، مول ۋە چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنغا باي، ئىدىيەسى چوڭقۇر، سىستېمىسى پۇختا.
بۇ «14 تە چىڭ تۇرۇش» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بەلگە خاراكتېرىگە، يېتەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەركەزلىك يىغىنچاقلىنىشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئالىي پىرىنسىپى، ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى، قىممەت ئىنتىلىشى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇسۇلى ۋە يولىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىلىش نەزەرىيەسى بىلەن مېتودولوگىيە، ئىككى نۇقتا نەزەرىيەسى بىلەن مۇھىم نۇقتا نەزەرىيەسىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ئىجادىي نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئىجادىي تۆھپە قوشتى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، قانداق قىلغاندا پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە بارلىق خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئەڭ نېگىزلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنىڭ نەزەرىيە قورالىغا ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرغىلى بولىدۇ. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتىش ھەمدە پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى ۋە فاڭجېنىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىكى چوڭ ئەڭگۈشتەر.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلىدى، كۈچلۈك دورا بېرىپ كېسەلنى داۋالاپ، قاتتىق جازالاپ قالايمىقانچىلىقنى تۈزىدى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاجىز بولۇش، مەۋھۇم بولۇش، سۇس بولۇش ۋە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا كەڭ قول بولۇش، بوش بولۇش، يۇمشاق قول بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك كۈچى، ئاممىۋى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەت چاقىرىق كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ قۇدرەت تاپتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا، باشتىن - ئاخىر بوران - چاپقۇن يېتىپ كەلگەندە پۈتۈن خەلقنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ توسۇۋالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى مۇساپىسىدە ياخشى باشلىنىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. يېڭى دەۋردىكى بۇ يىللاردا بىز بېسىپ ئۆتكەن ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە مۇساپىگە نەزەر سالساق، پارتىيە ۋە دۆلەت دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كۈرەشنىڭ كەسكىنلىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ، دەل يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنى تىكلەنگەچكە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى تىكلەنگەچكە، پارتىيە ئاندىن پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچلۈك ھەل قىلىپ، پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈگىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە ئېلىپ كىرىشكە تۈپتىن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، 105 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشقا كۈچ چىقارغان ماركسىزملىق پارتىيە باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى، خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدارە قىلىنىشى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىش مەنزىلىنى ئېچىپ، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ داغدام يولىنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتتۇق.
بايراق دەۋرگە يول باشلايدۇ، ئىدىيە كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)






