تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، چىرا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بۈجەننەت ئەخمەت دوختۇرخانىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىنى تىلغا ئالغاندا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر دوختۇرخانىمىزنىڭ ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، جىددىي داۋالاش بۆلۈمى رايون بويىچە نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈم بولۇپ باھالاندى، قورساق بوشلۇقى ئەينىكى، قالقانسىمان بەز راكىنى يىلتىزىدىن داۋالاش قاتارلىق مۇرەككەپ ئوپېراتسىيەلەرنى مۇستەقىل قىلالايدىغان بولدۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى تيەنجىننىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش بويىچە يار-يۆلەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ».
2011-يىلىدىن بۇيان، تيەنجىن شەھىرى چىرا ناھىيەسى، يېزا-بازاردىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاشتىكى ئاجىز ھالقىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، «قان بېرىش + قان ئىشلەش»نى تەڭ يولغا قويۇپ، يار-يۆلەك بولۇشنى قانات يايدۇردى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 11 تۈركۈمدە 96 داۋالاش مۇتەخەسسىسىنى نۇقتىدا تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى 110دىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى ياردەم بېرىپ يېتەكلىدى؛ شۇ جايدىكى 48 كەسپىي تايانچنى تيەنجىنگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇشقا تەشكىللىدى، 30 نەچچە مەيدان ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، 170تىن ئارتۇق يىراقتىن دىياگنوز قويۇشنى تاماملاپ، يەرلىك داۋالاش قوشۇنىنى تەدرىجىي بەرپا قىلدى.
تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، چىرانىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. ناھىيەلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈش تۈرى 88 تۈردىن 122 تۈرگە كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە 46 تۈر ئاپتونوم رايوننىڭ سالاھىيەت بېكىتىشىدىن ئۆتۈپ، خوتەن ۋىلايىتى بويىچە بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن تۇنجى ناھىيە دەرىجىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى بولۇپ قالدى. ناھىيە بويىچە 26 تۈرلۈك داۋالاش يېڭى تېخنىكىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 1000دىن ئارتۇق قىيىن ئوپېراتسىيە تاماملىنىپ، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.
تىيەنجىن ئون نەچچە يىل چوڭقۇر يار-يۆلەك بولۇپ، چىرا ناھىيەسىنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۇ جاي ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەنلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، دىياگنوز قويۇش-داۋالاش تېخنىكىسىنى تاكامۇللاشتۇردى، ھازىر بار بولغان تۆت داۋالاش ئاپپاراتى 3-، 4-دەرىجىلىك قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئوپېراتسىيەنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى، كۆپلىگەن خاس بۆلۈم-ئىشخانىلار ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كېسەلگە دىياگنوز قويۇش تۈرى 525 خىلغا يەتتى، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش-داۋالاش سىستېمىسى سىجىل مۇكەممەللەشتى. ھەر مىللەت ئامما ئىشىك ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.

6-ئاينىڭ 14-كۈنى، چىرا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بىجەننەت ئەخمەت تۇغۇت بۆلۈمى كېسەلخانىسىدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

6-ئاينىڭ 14-كۈنى، دوختۇر ئاغرىقنى CTدا تەكشۈرمەكتە.

6-ئاينىڭ 14-كۈنى، دوختۇر قولايلىق ئامبولاتورىيەدە ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە.

2025-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن چىرا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى دوختۇرخانا رايونى (6-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان).






