□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى\سۈن پېڭچېڭ، خۇاڭ پېيفېڭ
جياڭسۇ نەنجىڭنىڭ چاڭجياڭ يولىدا، زامانىۋىلاشقان سودا سارايلار، ئېگىز بىنالار رەت - رەت تىزىلغانىدى. ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان كوچا بويىدىكى 20 - ماي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى خاتىرە مەيدانى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىپ، قەدىمىنى توختىتاتتى.
سايە تاشلاپ تۇرغان يېشىللىق ئارىسىدا 36 ياش ئوقۇغۇچىنىڭ بىرونزا ھەيكىلىگە ئۇلار بايراق كۆتۈرگەن، مۇشتىنى چىڭ تۈگكەن پەيتلەر خاتىرىلەنگەن بولۇپ، خۇددى ۋاقىتنىڭ كىرىش ئېغىزىدەك، 80 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇرۇنقى ياشلىق چۇقانىنى ياڭرىتىپ تۇراتتى.
شۇ چاغدا، ئازاد رايونلاردىكى ئارمىيە، خەلق ئۆزىنى قوغداش ئۇرۇشىدا مۇھىم غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئاممىسى داغدۇغىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قوزغاپ، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىغا ماسلىشىدىغان ئىككىنچى ئۇرۇش سېپىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرگەنىدى.
«ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى بار، ئۆسمۈرلەر جاھاننىڭ غېمىنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالايدۇ. بۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەيكىلىنى كۆرۈپ، قەلبىم قاتتىق ھاياجانلاندى. ئۇلارنىڭ تاللىشى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ياشلارنىڭ غايىسى ئەزەلدىن دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان» دېدى مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان نەنجىڭ شەھىرى ئاھالىسى شۆ جۈنيۈەن ھاياجانلانغان ھالدا.
ۋاقىتنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى مەزگىلگە قايتۇرساق، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلارنى ئەسلىدىكى ئىشغال قىلىنغان رايونلارغا بېرىپ ئۆتكۈزۈۋېلىشكە ئەۋەتىپ، ھەددىدىن ئاشقان ھالدا غەلىبە مال - مۈلكىنى ئىگىلىۋالغان، يەنە خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ ئەسلىگە كېلىش، تىنچ دۆلەت قۇرۇشنى جىددىي تەلەپ قىلغان ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان؛ ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئۇرۇشنىڭ غايەت زور چىقىمىنى قامداش ئۈچۈن چەكلىمىسىز ھالدا قەغەز پۇل تارقىتىپ، مال باھاسىنىڭ شىدددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان... پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئاچارچىلىق ۋە ھايات - مامات گىرداۋىغا كېلىپ قالغان، ئامالسىز قالغان خەلق ئىتتىپاقلىشىپ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا ئاتلانغان.
1946 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكىرىنىڭ بېيجىڭ داشۆ تەييارلىق سىنىپىنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچىسىغا زورلۇق قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بېيپىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى. جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش مۇشۇنىڭدىن باشلاندى. 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلاردىكى يەر ئاستى پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردىكى ئاممىنى قوزغىتىپ بېيپىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئامېرىكا ئارمىيەسى جۇڭگودىن چېكىنىپ چىقسۇن»نى مەركىزىي شوئار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.
1947 - يىلى 2 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلار خىزمىتى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ داغدۇغىلىق ھالدا ئاچارچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىدى، مانا بۇ 20 - ماي ھەرىكىتى.
نەنجىڭ، شاڭخەي، سۇجوۋ، خاڭجوۋدىكى 5000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى نەنجىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ، مائارىپ كىرىزىسىدىن قۇتقۇزۇش بىرلەشمە چوڭ نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، «ئاچارچىلىققا قارشى تۇرىمىز» «ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز» قاتارلىق شوئارلارنى توۋلىغاندا، ئەكسىيەتچى دائىرىلەرنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراپ، 150دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىندى، ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلدى. شۇ كۈنى، بېيپىڭدىكى 7000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىمۇ ئاچارچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش چوڭ نامايىشى ئۆتكۈزدى.
20 - ماي ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە 60 نەچچە شەھەرگە كېڭىيىپ، ھەرقايسى قاتلاملاردىكى خەلقنىڭ كۈرىشى بىلەن بىرلىشىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى سىياسىي جەھەتتىن كۈچلۈك پاش قىلدى ۋە يېتىم قالدۇردى. 1947 - يىلى 5 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، شەھەر ئاھالىلىرى «گۈرۈچ بۇلاش» دولقۇنى 40 نەچچە شەھەر - بازارنى قاپلىدى؛ 1947 - يىلىدا، 20 نەچچە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 3 مىليون 200 مىڭ ئىشچى ئىش تاشلىدى؛ يېزىلاردا، دېھقانلار ئەسكەرلىككە تۇتۇشقا، غەللە - پاراق يىغىشقا، باج ئېلىشقا قارشى تۇرۇش دولقۇنىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىدى... ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئەكسىچە، ئاچارچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش، زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى پۈتۈن مەملىكەتكە تېز كېڭەيدى.
ئەينى يىلدىكى ياشلار خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەقىقەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، تاڭ ئالدىدىكى ياڭراق بۇرغىنى چالدى؛ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدە تۇرغان بولۇپ، يېڭى تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئالدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ياشلار چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ. كەڭ ياشلار ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا بويسۇنۇپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشى كېرەك.»
ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدە، يۇرتىغا قايتقان ياشلار يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ پەن تەتقىقات جەڭ مەيدانىدا، ياش ئالىملار ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، بىيوتېببىي دورا قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردە قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىلىم - پەندىكى «ئادەمسىز رايون»غا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىردى؛ ۋەتىنىمىز چېگرا رايونىدا، ياش پىدائىيلار غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ بالىلارنىڭ ئارزۇسىنى نۇرلاندۇردى...
كەلگۈسى ياشلارغا مەنسۇپ، ئۈمىد ياشلاردا. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ھامان ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)






