تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان تىيانشان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىزنالىرى | كېرەكسىز نەرسىلەر گۆھەرگە ئايلاندۇرۇلۇپ، جۈنگۇ ئۆستۈرۈلدى  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى يورۇتتى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا خەۋىرى، فوتوسى) «شىنجاڭدىكى ئېتىز ئىھاتە ئورمىنىغا كۆپ مىقداردا تېرەك تىكىشكە توغرا كېلىدۇ، بىز نيۇگەنجۈن زەمبۇرۇغى ئۇلانغان تېرەك كۆچەتلىرىنى تىكىۋاتىمىز، تېرەك چوڭايغاندا، نيۇگەنجۈن زەمبۇرۇغىدىن ئۈزلۈكسىز ھوسۇل ئالالايمىز... » 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارا مور قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىدە، ئالاقىدار مەسئۇل خادىم ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە نيۇگەنجۈن زەمبۇرۇغىنىڭ ئۆسۈش پىرىنسىپىنى تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى.

6-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان زەمبۇرۇغلارنىڭ تاشقى ھالىتى ئالاھىدىلىكىنى كۆزەتمەكتە.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ قارا مور قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنى جېجياڭ ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان، شىنجاڭ تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىگە تايىنىپ قۇرۇلغان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دائىملىق يۈرۈشتۈرۈۋاتقان، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات سۇپىسى بولۇپ، دىققەتنى قارا مور، خۇاڭسەن (تال سۆگەت موگۇسى)، مارالبېشى موگۇسى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك زەمبۇرۇغى بايلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئەلا سورتلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرغان.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەركەز مەۋقەنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كىلىمات ئالاھىدىلىكى ۋە شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئايلانما تېرىقچىلىق يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، باغ-ئورمان تاشلاندۇقلىرى، كېۋەز شاكىلى قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تاشلاندۇقلىرىنى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش ئاساسىي ماددىسىغا ئايلاندۇردى. بۇ، يېزا ئىگىلىك تاشلاندۇقلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ قايتا پايدىلىنىشنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل ئېكولوگىيەلىك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېرىش، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدىكى بوغما ھالەت ۋە رايون قىيىن مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

    بۇ مەركەز ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، كەسىپلەرنىڭ بىرىنچى سېپىگە مۇلازىمەت قىلىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلار، تېرىقچىلىق بازىلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ۋە نەتىجىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇردى. ئىلمىي، ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس زەمبۇرۇغ كەسپى كۆلىمىنى سىجىل زورايتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى موتور قىلىپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچ قوشتى.

6-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئوقۇغۇچى تېرەك موگۇسى زەمبۇرۇغ تۈرىنى سۈنئىي كۆندۈرمەكتە.

بۇ، بۇ مەركەز ياسىغان شياڭگۇ سۇيۇق زەمبۇرۇغ تۈرى. (6-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان)

6-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇئەللىم پىڭگۇنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.