تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئېلان تاختىسى يولۇچىنى يارىلاندۇردى، سودىگەر 120 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلىدى

ماتېرىيال سۈرەت

   2024- يىلى 10- ئايدا، چۆچەك شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ بېيبېي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مەلۇم سودا كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، مەلۇم سودا سارىيىنىڭ بوران ئۇچۇرۇپ چۈشۈرۈۋەتكەن ئېلان تاختىسى تېگىپ كېتىپ، بېشى ۋە ئوڭ كۆزى يارىلانغان. ئۇ شۇ جايدىكى دوختۇرخانىدا داۋالانغاندىن كېيىن باشقا ئۆلكىدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ داۋالانغان، باھالاش ئارقىلىق 10- دەرىجىلىك مېيىپ دەپ بېكىتىلگەن.

   ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋاڭ بېيبېي مەلۇم سودا سارىيى ئېلان تاختىسىنىڭ ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان دەپ قاراپ، مەلۇم سودا سارىيىدىن ئۆزىگە مېيىپلىك تولۇقلىما پۇلى، داۋالىنىش خىراجىتى، ياتاق ھەققى، قاتناش ھەققى قاتارلىقلارنى تۆلەپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان.

   مەلۇم سودا سارىيى بوراننىڭ ئېلان تاختىسىنى ئۇچۇرۇپ چۈشۈرۈۋېتىشى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تاسادىپىي ۋەقە، ئېلان تاختىسىنىڭ پۇختا ئورنىتىلمىغانلىقىدا، ئېلان شىركىتى ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قارىغان، ھەم ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاكتىپ قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدۇق، ۋاڭ بېيبېينىڭ شۇ جايدىكى دوختۇرخانىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ داۋالانغانلىقى زىياننى كېڭەيتىۋەتكەنلىككە تەۋە، سودا سارىيى قاتناش ھەققى، ياتاق- تاماق ھەققىنى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە زەخىملىنىش ئەھۋالىنى باھالاشنى ۋاڭ بېيبېي ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قىلىپ قىلدۇرغان، بىز باھالاش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايمىز، دېگەن.

   2025- يىلى 8- ئايدا، ۋاڭ بېيبېي چۆچەك شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، مەلۇم سودا سارىيى تىجارەتچىسىدىن تۈرلۈك زىيىنى ئۈچۈن 150 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

   سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ مۇنداق دەپ قارىدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1165- ماددىسىدا، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن ھەرىكەت ئىگىلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە خاتالىقى بار دەپ قارالغان ھەرىكەت ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 1253- ماددىسىدا، ئىمارەت، قۇرۇلما ياكى باشقا ئەسلىھەلەر ۋە ئۇنىڭدىكى ئورناتمىلار، ئاسمىلار ئاجراپ كېتىپ، چۈشۈپ كېتىپ باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەندە، ئىگىدار، باشقۇرغۇچى ياكى ئىشلەتكۈچى ئۆزىدە خاتالىق يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىگىدار، باشقۇرغۇچى ياكى ئىشلەتكۈچى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، باشقا جاۋابكار چىقىپ قالسا، باشقا جاۋابكارلاردىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن.

   بۇ دېلودا مەلۇم سودا سارىيى ئىگىدار ھەم باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېلان تاختىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشى ساقلىمىغان، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەۋجۇت بولۇپ، ئېلان تاختىسىنىڭ بوراننىڭ تەسىرىدە چۈشۈپ كېتىپ ۋاڭ بېيبېينى زەخىملەندۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، مەلۇم سودا سارىيىنىڭ ئاقىۋەتكە قارىتا خاتالىقى بار، شۇڭا بۇ قېتىمقى ھادىسىدە تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

   ۋاڭ بېيبېي مەلۇم سودا سارىيىنى بۇ قېتىمقى ھوقۇققا چېقىلىش تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان سوبيېكت دەپ قاراپ، ئېلان شىركىتى ئۈستىدىن دەۋا قىلمىغان، مەلۇم سودا سارىيى ئەگەر ئېلان شىركىتىدە بۇ قېتىمقى ھادىسىدە خاتالىق بار دەپ قارىسا، تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئايرىم دەۋا قىلسا بولىدۇ.

   1- سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى مەلۇم سودا سارىيىنى ۋاڭ بېيبېينىڭ 150 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۈرلۈك زىيىنىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلغان. مەلۇم سودا سارىيى قايىل بولماي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. سوتچى كۆپ قېتىم مۇرەسسە قىلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ يارىشىپ قالغان، مەلۇم سودا سارىيى ۋاڭ بېيبېينىڭ تۈرلۈك زىيىنى ئۈچۈن 120 مىڭ يۈەن تۆلەپ بەرگەن.

   سوتچىنىڭ ئەسكەرتىشى

   تۇيۇقسىز كەلگەن ئاپەت كۈتۈلمىگەن ئەھۋال بولىدۇ، لېكىن سىرتتىكى ئېلان تاختىسى، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سىرتقى ئاپپاراتى قاتارلىق ئاسمىلارنىڭ ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى قەرەللىك تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ، پۇختىلاپ، ناچار ھاۋا رايى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ، ئاسراش خاتىرىسىنى ساقلاپ، ئاجراپ كېتىش، چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىدىن باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.