تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چۇڭچىڭ سۆھبىتى: بىر مەيدان مۇرەككەپ ھەم جاپالىق كۈرەش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋېي گۇەنيۈ، جوۋ ۋېنچۇڭ

1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، چۇڭچىڭ جيۇلۇڭپو ئايرودۇرۇمى. يەنئەندىن كەلگەن بىر ئايروپىلان ئۇچۇش - چۈشۈش يولىدا سىلىق توختىدى، ئايروپىلان بۆلمىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، ئۇچىسىغا ماتادىن تىكىلگەن جۇڭشەن فورمىسى كىيگەن يولداش ماۋ زېدۇڭ ئايروپىلان شوتىسىدىن ئاستا چۈشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئەسلىي ئورنى، يۈجۇڭ رايونى جۇڭشەن 3 - يولى 151 - نومۇردىكى «تىنچلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش − ماۋ زېدۇڭ ۋە چۇڭچىڭ سۆھبىتى مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىسى»دىكى بىر ئېكراندا بۇ تارىخىي كۆرۈنۈش تەكرار كۆرسىتىلىۋاتاتتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى شۇنداقلا چۇڭچىڭ سۆھبىتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ كۆرگەزمە بۇلتۇر ئېچىلىپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ، ھەر ساھە زاتلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى.

يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكى بىلەن ھېسابلاشماي، چۇڭچىڭغا بېرىپ گومىنداڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشى ئەينى چاغدا دۆلەت ئىچى - سىرتىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن زور ئىش ئىدى. دېموكراتىك زاتلار بۇ ھەرىكەتنى «ئالەمچە جاسارەت» دەپ تەرىپلىدى.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، 14 يىل ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرگەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقى تىنچلىققا تەشنا ئىدى، ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇردى، دېموكراتىيە ساداسى ئەۋجىگە چىقتى؛ لېكىن گومىنداڭ كوممۇنىستىك پارتىيەگە «ساختا تىنچلىق، ھەقىقىي ئىچكى ئۇرۇش» پوزىتسىيەسىنى قوللىنىپ، ھەر ۋاقىت ھەربىي ھۇجۇم قوزغىماقچى بولدى.

«دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك، جەزمەن قەدەم تەشرىپ قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن» «جانابلىرىنىڭ دۆلەت دۇچ كەلگەن قىيىن ئەھۋالنى چۈشىنىپ يېتىشىنى چوڭقۇر ئۈمىد قىلىمەن» «نۆۋەتتىكى تۈرلۈك مۇھىم مەسىلىلەرنى ئەپەندى بىلەن يۈزتۇرا كېڭىشىشكە توغرا كەلدى»... جياڭ جيېشىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئۈچ پارچە تېلېگرامما ئەۋەتىپ چۇڭچىڭغا كېلىشكە تەكلىپ قىلىشى ئوبزورچىلارنىڭ نەزەرىدە «خۇڭمېن زىياپىتى» ئىدى.

«بىز تەرەپنىڭ قارىشى ۋە پىكرىنى بايان قىلدى» «بۇ، ئىتتىپاقلىق ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈچۈن» «ئەپەندىم سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن خالايمەن»... يولداش ماۋ زېدۇڭ جياڭ جيېشىغا «دەرھال تەييارلىق قىلىپ چۇڭچىڭغا بارىمىز» دەپ جاۋاب خەت قايتۇردى؛ ھەم ئايرودۇرۇمدا سۆز ئېلان قىلىپ: «جۇڭگو پات ئارىدا تىنچ قۇرۇلۇش مەزگىلىگە كىرىدۇ، ھازىرقى پۇرسەت ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

«داگۇڭباۋ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: «ماۋ زېدۇڭ ئەپەندى كەلدى! جۇڭگولۇقلار بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولدى، دۇنيادىكى كىشىلەر بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولدى، ئېنىقكى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنى جۇڭگو ئۈچۈن بىر زور خۇشاللىنارلىق ئىش، دەپ قارايدۇ.»

8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى باشلىنىپ 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئاياغلاشقىچە، 43 كۈن داۋاملاشقان چۇڭچىڭ سۆھبىتى بىر مەيدان مۇرەككەپ ھەم جاپالىق كۈرەش بولدى. ئىككى تەرەپ گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيەنىڭ مۇناسىۋىتى، دۆلەت ئىچى تىنچلىقى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ئارمىيە ۋە ئازاد رايونلار ھاكىمىيىتى مەسىلىسى سۆھبەت جەريانىدا ئىككى تەرەپ تالاش - تارتىش قىلغان قىزىق نۇقتا بولدى.

سۆھبەت مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تىنچلىق، دېموكراتىيە كۈچلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تىنچ يول بىلەن دۆلەت قۇرۇش قاتارلىق مۇھاكىمە تېمىلىرىدا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى؛ لېكىن گومىنداڭ دائىرىلىرى قىسىملارنى يۆتكەشنى تېزلىتىپ، ئازاد رايونلارغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېسىم ئىشلەتتى. بۇ مەزگىلدە سەنشى - خېبېي - شەندۇڭ - خېنەن ھەربىي رايونى قىسىملىرى سەنشىنىڭ شاڭداڭ رايونىدا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن يەنشىشەن قىسىمىنىڭ 35 مىڭ ئەسكىرىنى يوقىتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ سۆھبەتتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.

كۈرەش ئارقىلىق تىنچلىقنى كۆزلىگەندە تىنچلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مۇرەسسە ئارقىلىق تىنچلىقنى كۆزلىگەندە تىنچلىق بەربات بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش روھى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈرەش قىلىش قابىلىيىتى بىلەن، چۇڭچىڭ سۆھبىتىدىكى زور خىرىسقا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، كۈرەشكە كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلدى ۋە قوماندانلىق قىلدى.

1945 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئىككى تەرەپ «ھۆكۈمەت بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەكىللىرى سۆھبىتىنىڭ خاتىرىسى»، يەنى «10 - ئۆكتەبىر كېلىشىمى»نى رەسمىي ئىمزالىدى. گومىنداڭ دائىرىلىرى «تىنچ يول بىلەن دۆلەت قۇرۇش ئاساسىي فاڭجېنى»نى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئاغزاكى بىلدۈردى؛ ئىككى تەرەپ ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە جەمئىيەتتىكى داڭدار ئەربابلار قاتناشقان سىياسىي كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، تىنچ يول بىلەن دۆلەت قۇرۇش لايىھەسىنى كېڭىشىشكە قوشۇلدى. بۇ، جۇڭگو خەلقىگە تىنچلىق، دېموكراتىيە، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئۈمىدى ۋە تاڭ نۇرىنى ئېلىپ كەلدى.

لېكىن، «10 - ئۆكتەبىر كېلىشىمى» ئەمدىلا ئىمزالىنىشى بىلەن، جياڭ جيېشى ئازاد رايونلارغا ھۇجۇم قىلىش مەخپىي بۇيرۇقى چۈشۈردى؛ 1946 - يىلى 6 - ئايدا، گومىنداڭ «10 - ئۆكتەبىر كېلىشىمى» ۋە كېيىنكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، سىياسىي كېڭەش كېلىشىمىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئازاد رايونلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى، ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى...

گەرچە نەتىجىلەر بەربات قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا چۇڭچىڭ سۆھبىتى ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تىنچلىق، دېموكراتىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن زور تىرىشچانلىقىنى كۆردى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تىنچلىقنى كۆزلەيدىغان سەمىمىي ئارزۇسىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتى.

بۈگۈن كونا ئورۇنغا كىرگەندە، ئەينى يىلى چۇڭچىڭ سۆھبىتىنى خەۋەر قىلغان «شىنخۇا گېزىتى»، «ئامما» ھەپتىلىك ژۇرنىلى، «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى، «تۇرمۇش» ژۇرنىلى قاتارلىق زور مىقداردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۆتكەن ئىشلارنى بايان قىلىپ تۇرىدۇ. سۆھبەت مەزگىلىدىكى ماۋ زېدۇڭنىڭ قەدەم ئىزى خەرىتىسى، چوڭ ئىشلار خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىق ھەمتۈرتكىلىك كۆرگەزمە تۈرلىرى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى تارىخنى «بىۋاسىتە ھېس قىلىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

نۇرغۇن يىللار ئۆتتى. تىنچلىقنى سۆيىدىغان، ئازاب - ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەشلەر داۋامىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارلاق، شانلىق يېڭى دۇنيانى ياراتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىدىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك مۈشكۈل تارىخىي ۋەزىپە، جەزمەن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرۈش كېرەك.

«پارتىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇشتىكى مول تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، تەتبىقلاش كېرەك» «ئۈزلۈكسىز تۈردە كۈرەش قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، كۈرەش قىلىش تەجرىبىسىنى بېيىتىش، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك»... تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرىدىغان، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان پارتىيە مۇقەررەر ھالدا ئۇلۇغ كۈرەش داۋامىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ، كەلگۈسىنى يارىتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.