− ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزىنى پۈتتى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن
خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى تەكشۈردى، «ئەمەلىي ئىش قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت جانلىق مەنزىرە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تەدرىجىي نامايان بولماقتا.
قومۇل شەھىرى «خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراش، خەلقتىن ئۈنۈمنى سوراش» پۈتۈن يېپىق ھالقىلىق خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلاردا «ھۆكۈمەت تاماق يەتكۈزۈش»تىن «ئامما تاماق بۇيرۇتۇش»قا ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولدى. خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالىنى سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، دائىرىلەشتۈرۈلگەن كېڭىشىش يىغىنى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، دەرىجىگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاددىي مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا بېجىرىپ، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ ھەمتۈرتكە بولۇپ ھەل قىلدى. خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلار تۈرى خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، مەمۇرىي كەنت ۋە مەھەللىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، دىققەتنى يوللار بۇزۇلۇش، يورۇتۇش كەمچىل بولۇش، ياشانغانلارنى كۈتۈش - بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆپ يۈزبېرىدىغان ئىلتىماس - تەلەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشتىن 1000دىن كۆپرەكنى يولغا قويۇپ، «قىزىل، سېرىق، يېشىل» بويىچە مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئامما باھالاش قاتارلىق پۈتۈن دەۋرىيلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. خەلقتىن ئۈنۈمنى سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىش، سۇغىرىش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش، مېھىر - شەپقەت ئاشخانىسى تەسىس قىلىش، دەرستىن كېيىنكى خەتتاتلىق - رەسىم سىزىش كۇرسى ئېچىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، بىر تۈركۈم كېچىدە يول يۈرۈش، ئېتىزغا سۇ ئىشلىتىش، ياشانغاندا ئائىلىدە كۈتۈنۈش، پەرزەنتلەرنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئالتە تۈرلۈك خىزمەت ئۇسۇلى» «پىدائىيلار ياردەم بېرىش ئۆمىكى» قاتارلىق تۈزەش ماركىلىرىنى يارىتىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغان، دائىملىق قايتا زىيارەت قىلىدىغان مۇلازىمەت مېخانىزمى بەرپا قىلدى.
بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئوتلاق ھوقۇقى تەۋەلىكىدە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، ماجىرا تۈزەشنى ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ يېپىق ھالقىسىمان ئالغا سىلجىتتى. بۇ جاي «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، تارىخقا ئەمەل قىلىش، چارۋىچىلار قاتنىشىش، نەق مەيداندا دائىرە بېكىتىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كۆپ تارماقنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ مەخسۇس بەن تەشكىللەپ قۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئون نەچچە مىليون مو ئوتلاق، ئون نەچچە مىڭ پارچە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈشنى تاماملىدى. كۆپ ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ ئوتلاق كىنىشكىسى تەكرار بولۇش، كەنتلەر ئارا ئەتىيازلىق - كۈزلۈك ئوتلاق پاسىلى ئېنىق بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، تالاش - تارتىش قىزىق نۇقتىسىنى دەل جايىدا بېكىتتى، مەسىلە، مەسئۇلىيەت، تۈزىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچ تىزىملىك» تۇرغۇزۇپ، «بىرلەشمە ئائىلىلەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، پاسىلنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئورتاق باشقۇرۇش» لايىھەسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەركەزلىك كېڭىشىش، نەق مەيداندا ئۆلچەش - سىزىش، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەنت كادىرلىرى، قانۇن خىزمەتچىلىرى، يېزا مەسلىھەتچىلىرىنى پۈتۈن جەريانلىق قاتنىشىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ئالاقىدار چارۋىچىلار تولۇق ئىمزا قويۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇپ ئەنگە ئېلىشنى ئىلگىرى سۈردى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى %100كە يېتىپ، ئوتلاق پاسىلى بولۇش، ھوقۇق تەۋەلىكى كىنىشكىسى بولۇش، ماجىرالارنى ھەل قىلغىلى بولۇش ھەقىقىي ئىشقا ئاشتى.
ئوتلاق ماجىراسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىنىشى ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقنى يەڭگەنلىكنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. كېرىيە ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا، كۆپ يىل قاتتىق ئۇيقۇدا ياتقان ئاق تاشلىنىپ قالغان ئۈزۈملۈكنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى. بۇ يېزىنىڭ ئىلگىرى تۇپرىقى ئۈنۈمسىز بولۇش، باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تۈرىدە تۆۋەن ئۈنۈملۈك بىكار تۇرۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنىدى. بايلىقنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ئامما ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىپ، ئاق تاشلىنىپ قالغان يەرلەرنى ھەرقايسى مەمۇرىي كەنتلەرگە تەقسىملەپ بېرىپ باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، «ئۈزۈم + قوناق» ئۆلچەملەشكەن بىرىكمە كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسىنى ماس قەدەمدە يولغا قويدى. كەنت كادىرلىرى ۋە تېرىقچىلىق ماھىرلىرى دېھقانچىلىق تېخنىكا ئۆتكىلىنى ئىگىلىدى، كەنت كوللېكتىپىنى مەركەزلەشتۈرۈپ سۇ، ئوغۇتنى باشقۇرۇش ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، تەننەرخنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈردى. نۆۋەتتە يېزا بويىچە 1000 مودىن ئارتۇق يەردىكى ئاق تاشلىنىپ قالغان ئۈزۈملۈكتە ئۈزۈم كۆچىتى تولۇقلاپ تىكىش تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە %80تىن ئارتۇق يەرگە قوناقنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنىڭ 400 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش مۆلچەرلەندى. ئىككى يىلدىن كېيىن ئۈزۈم مول ھوسۇل مەزگىلىگە كىرىدۇ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنىڭ 2 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە سىجىل كەسىپ قۇۋۋىتى قوشۇشتىن ئۈمىد بار.
ئېغىر ئۇيقۇدا ياتقان بايلىقنى جانلاندۇرۇش ئېتىز باشلىرىدا يۈز بېرىپلا قالماي، يەنە سانائەت باغچە رايونىدا «چېچەكلەپ مېۋە بەردى». سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دىققەتنى بىكار تۇرغان مۈلۈك ۋە تۆۋەن ئۈنۈملۈك بايلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ نىشانلىق كۈچەپ، ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيلىرىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇش تىزىملىكىنى ئىجادىي تۇرغۇزۇپ، نۇقتىلىق باغچە رايونلىرىدىكى زاۋۇت ئۆيلىرىگە قارىتا تور يېيىش شەكلىدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، «بىر باغچىدا بىر ئارخىپ بولۇش، ھەرىكەتچان يېڭىلاش، دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى ھەم دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىشنى كەسىپ بويىچە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ، بىكار تۇرغان زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئايلىنىشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بوش قېلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، ساقلانما مۈلۈكنى جانلاندۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. ماناس ناھىيەسى دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇردى؛ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شامال، يورۇقلۇق ئېلېكتىر جابدۇقلىرىنى ياساش - يۈرۈشتۈرۈش كارخانىلىرىنى نۇقتىلىق جەلپ قىلىپ، زاۋۇت ئۆيلىرىنىڭ بوش قېلىش نىسبىتىنى %40تىن %20كە تۆۋەنلىتىپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى يېشىل كەسىپ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى.
دۆلەت كارخانىلىرى ساھەسىدە، تۇرپان شەھىرىگە قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتتى. شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى گۇرۇھىغا قاراشلىق تارماق شىركەتلەر دىققەتنى يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى كونىراپ كېتىش، سۇ بېسىمى مۇقىم بولماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى بويىچە رېمونت قىلىش - ئاسراش تۈرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. بۇ تۈر نۇرغۇن يېزا - بازار، كەنت، گۇرۇپپىلاردىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىنى بىخەتەر، مۇقىم، خاتىرجەم ئىچىدىغان سۇ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش نەتىجىلىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدىغان، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان قىلىدۇ.
ئوتلاق پاسىلىدىن ئېتىز باشلىرىغىچە، سانائەت باغچە رايونىدىن يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكىچە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار پۇختا نەتىجە ئارقىلىق، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك جاۋاب قەغىزىنى پۈتمەكتە.






