بىڭتۇەن روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشماقتا
ساپان تۇتۇپ بوز يەر ئېچىش، كۈچ ئۇلاپ مۇنبەت تۇپراقنى گۈللەندۈرۈش
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى
بۇ يىل «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، نەنخۇ كۆلى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، كەڭ ئۆسمۈر - بالىلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىزىل پەرزەنتلىرىدىن بولۇشقا سەمىمىي ئىلھاملاندۇردى. ئۈمىدكە تولغان بۇ جاۋاب خەت شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىگە كۈرەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
بىر كۆرگەزمە سارىيى، بىر بۆلەك تارىخ؛ بىر شەھەر، بىر خىل روھ.
شىخەنزە شەھىرى بىڭتۇەنلىكلەر قۇرغان تۇنجى شەھەر، بۇ جايغا جايلاشقان شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا 100 مىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ چېگرانى قوغدىغانلىقى ھەم ساپان تۇتۇپ بوز يەر ئاچقانلىقىدىن ئىبارەت قايناق ئۆتمۈشى ساقلانغان بولۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يىلتىز تارتىپ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولماقتا.
ئازادلىق ئارمىيەنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ شىنجاڭغا كىرگەنلىكى، 100 مىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ چېگرانى قوغدىغانلىقى ھەم ساپان تۇتۇپ بوز يەر ئاچقانلىقىدىن، چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ياشلارنىڭ چۆل - باياۋانلارغا ئاتلىنىپ بوز يەر ئاچقانلىقىغىچە، يەنە يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ بىڭتۇەندە يىلتىز تارتىشىغىچە، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرى قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، چېگرا رايوننى مۇھاپىزەت قىلىش مەدھىيە ناخشىلىرىنى پۈتۈپ چىقتى.
چېگرا رايوندا بوز يەر ئېچىش
«جىڭگاڭشەندە بارلىققا كەلدى، نەننىۋەندە ئۆسۈپ يېتىلدى؛ نەچچە ئونمىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلدى، تىيانشاندا بوز يەر ئاچتى...»
شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا كىرگەندە، ھەربىر پارچە رەڭسىز سۈرەت، داتلاشقان ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى شۇ ھامان قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان ئاشۇ يىللارغا ئېلىپ باراتتى.
1949 - يىلى، شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغاندا، تەرەققىيات بىر ئىزدا توختاپ قالغان ھالەتتە بولۇپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات ئىدى.
1952 - يىلى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەرگە ئۆز جايىدا كەسىپ ئالماشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈردى: «سىلەر ھازىر ئۇرۇش قوراللىرىنى ساقلاپ قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش قوراللىرىنى قولۇڭلارغا ئالساڭلار بولىدۇ. ۋەتەن ئېھتىياجلىق بولۇپ سىلەرگە چاقىرىق قىلغان ۋاقىتتا، مەن سىلەرگە قايتىدىن ئۇرۇش قوراللىرىنى ئېلىپ، ۋەتەننى قوغداشقا بۇيرۇق قىلىمەن.»
1954 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز جايىدا كوللېكتىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئالاھىدە بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى قارار قىلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ خەلقنى ئەمىن تاپتۇرۇش، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى بىرتۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى نەچچە ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن مەنىۋى كوردىنات، شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ بېسىپ ئۆتكەن يولىنى چۈشىنىش، بىڭتۇەن روھىنى ھېس قىلىشتىكى يادرولۇق كۆزنەك. بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ ياش - ئۆسمۈرلەر بۇ جايغا كېلىپ، ئەجدادلارنىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھەقىقىي ئىزناسىنى ھېس قىلماقتا.
مۇزېيدا، 296 يېرىگە ياماق سېلىنغان بىر ھەربىي پاختىلىق چاپان سانسىزلىغان ئېكسكۇرسىيەچىنى تەسىرلەندۈردى. ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شىنجاڭدا ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن بولۇپ، نامرات ھەم ئارقىدا قالغان قىياپەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، بىڭتۇەن جەڭچىلىرى «خەلق بىلەن پايدا - مەنپەئەت تالاشماسلىق، خەلق بىلەن سۇ تالاشماسلىق، خەلق بىلەن يەر تالاشماسلىق» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى چۆل - باياۋاندا بوز يەر ئاچتى. مەبلەغنى تېجەپ شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى سانائەت قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن، جەڭچىلەر يىرتىلىپ كەتكەن ھەربىي فورمىسىنى قايتا - قايتا ياماپ كىيدى.
«بۇ پاختىلىق چاپانغا پېشقەدەم بىر ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ جاپاغا چىدايدىغان، ئاددىي - ساددا، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى مۇجەسسەملەنگەن.» شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى تەشۋىق - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇ چېنيې مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچىلىرىنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمىز.
2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا بىڭتۇەندىكى پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئەينى چاغدا، شىخەنزە شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى نەنزىۋۇ يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ سىياسىي جىداۋيۈەنى دىڭ يالى نەق مەيداندا بار ئىدى، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ئۇنى ئىزچىل چوڭقۇر رىغبەتلەندۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى.
بۇ بىر نەچچە يىلدا، ھەر قېتىم يېڭى ئوت مۇداپىئە كوماندىر - جەڭچىلىرى قوشۇلسا، دىڭ يالى ھەمىشە كۆپچىلىكنى شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا بېرىپ، ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەدەنىيىتىنى چۈشىنىپ، بىڭتۇەن روھىنى ھېس قىلىشقا تەشكىللەيدۇ. ئۇنىڭ قەلبىدە بىڭتۇەن روھى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ئائىلىسىدىن كېچىپ دۆلەت ئۈچۈن چىڭ تۇرۇش، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ئىدى، «مەن ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ھەممە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداپ، بىڭتۇەندە يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت ياشلىق باھار ھېكايىسىنى پۈتۈپ چىقىمەن.»
ئائىلە ئىستىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈش
ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ يادرولۇق ئىنتىلىشى، شۇنداقلا بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ ئەڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى. بىڭتۇەنلىكلەر غەربىي شىمال چېگرا رايونىدا بولسىمۇ، قەلبى باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ باغلانغان.
بىڭتۇەندە، چۆللۈكتە تۇغۇلغان، بوستانلىقتا چوڭ بولغان سانسىزلىغان «2 - ئەۋلاد بىڭتۇەنلىك»لەر، «3 - ئەۋلاد بىڭتۇەنلىك»لەر بىڭتۇەندىن چىقىپ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتىپ كەلدى.
ۋېي دېيوۋ چېگرا لىنىيەسىدىكى «تىرىك چېگرا تېشى». 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ چېگرانى چارلاش ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، ئۇ 1983 - يىلى 6 - ئايدا پارتىيەگە كىرگەن چاغدا بەرگەن: بۇ جاينى بىر ئۆمۈر قوغدايمەن! دېگەن ۋەدىسىنى ۋاقىت ئارقىلىق ئىسپاتلىدى.
2017 - يىلى، ئۇنىڭ 2 - قىزى ۋېي پىڭ شەندۇڭدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئوتلاققا قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، دادىسىدىن كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چېگرا قوغدىغۇچى بولدى. «دادام ماڭغان يولدا ماڭسام، ئاندىن ئۇنىڭ تارتقان جاپاسىنى ھېس قىلالايمەن، چېگرانى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ ھېس قىلالايمەن. دادام بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن» دېدى ۋېي پىڭ.
بۇنداق بىڭتۇەن ئائىلىلىرى يەنە ناھايىتى كۆپ، ئۇلار بىڭتۇەن روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزىدىغان ئائىلە ئىستىلى قىلدى، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر چۆل - باياۋاننى قوغداپ، شۇ جايدا يۇرتىنى گۈللەندۈردى.
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە سارىيىغا كىرگەندە، ئالتۇن مېداللىق چۈشەندۈرگۈچى شيا تيەن ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە قىزىل ھېكايىلەرنى قىزغىنلىق بىلەن چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.
«3 - ئەۋلاد بىڭتۇەنلىك» بولۇش سۈپىتى بىلەن، شيا تيەننىڭ تومۇرىدا ۋارىسلىق قىلىش كۈچى مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. بوۋىسى ۋاڭ يوۋيى پېشقەدەم ئەسكەر ئىدى، ئەينى يىلى تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، خوتەن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، بىڭتۇەن 14 - شى 47 - تۇەنىدە قېلىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان؛ ئاپىسى ۋاڭ زۇڭمىن دادىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، تۇەن - مەيداندىكى ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدە يېرىم ئۆمۈر چىڭ تۇرغان، ئۇ تەربىيەلىگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ھەممە جايغا كەڭ تارالغان.
«مەن جەزمەن بۇ جايغا قايتىپ كېلىشىم كېرەك، چۈنكى بۇ جايدا مېنىڭ يىلتىزىم بار» دېدى شيا تيەن. 2018 - يىلى، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ 47 - تۇەنگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە سارىيىدا چۈشەندۈرگۈچى بولدى، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى ئوخشاش بولمىغان مۇھىتنى، ئوخشاش بولمىغان كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاش ئەسلىي مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى.
داۋاملىق كۈرەش قىلىپ يېڭى تۆھپە يارىتىش
قۇملۇق گىرۋىكىگە جايلاشقان تارىم داشۆ قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، خۇددى توغراقتەك كەڭ قۇملۇقتا ئىزچىل ئۈنسىز چىڭ تۇرۇپ كەلدى. نەچچە ئون يىلدا، زور بىر تۈركۈم ياش ئىختىساسلىقلار يېتىشىپ چىقتى، ئۇلار كېۋەزلىكلەردە، باغ - ئورمان بازىلىرىدا يىلتىز تارتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئادەمسىز ئۇچقۇ قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارغا تايىنىپ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئۆزگەرتتى.
6 - ئايدا كېۋەزلىكتە شاخ - يوپۇرماقلار بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى، تارىم داشۆ ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنى ئېلېكتىرون ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ نەننەن ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ ئېتىز ئارىسىدا توختىماي ئۇياق - بۇياققا مېڭىپ، ئادەمسىز ئۇچقۇدا مەشغۇلات قىلىپ تۆۋەن بوشلۇقتا كېۋەز تۈپلىرىنىڭ سىپېكتىرلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى يىغىپ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش - ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنى تەڭشەۋاتاتتى.
2014 - يىلى، ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزگەن جاڭ نەننەن ۋە ئۇنىڭ قىز دوستى جاڭ شياۋ تارىم داشۆگە كېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. ئەينى چاغدا، ئۇلار پەقەت خىزمەت تېپىش ئۈچۈن كەلگەنىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان ئون نەچچە يىلدا، بىڭتۇەن روھى بۇ بىر جۈپ ياش ئەر - خوتۇننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. «پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر بىر جۈپ قولىغا، بىر كەتمەنگە تايىنىپ بوز يەر ئاچقان، بىز يېڭى دەۋردىكى ياش پارتىيە ئەزالىرى بىلىم، تېخنىكىغا تايىنىپ چۆللۈكتىكى مۇنبەت تۇپراقتا ئەجىر سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى جاڭ نەننەن.
2018 - يىلى بىڭتۇەن 1 - شى ئارال شەھىرىنىڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى بولغاندىن بۇيان، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن ئېتىزلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش - ئۆلچەش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئادەمسىز ئۇچقۇ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش، چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىنى پاختىكارلار ۋە ئېتىزلارغا يەتكۈزدى، ئاددىي بولغان كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنى پەرقلەندۈرۈش كىچىك پىروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تېرىقچىلىق تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. «<ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش>تىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھىنىڭ ئەزەلدىن ۋاقتى ئۆتكىنى يوق، پەقەت كۈرەش قىلىش شەكلى ئالماشتى، خالاس. مەن جەنۇبىي شىنجاڭدا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى توغرىسىدا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تەجرىبىخانىدىكى نەتىجىلەرنى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق بوستانلىقنى قوغدايمەن» دېدى جاڭ نەننەن.
6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شىنجاڭ تيەنفۇ ئېنېرگىيەسى توك سېتىش چەكلىك شىركىتى سېخىدا، 1995 - يىللىرى تۇغۇلغان ياش كەپشەرچى ليۇ جۇاڭجۇاڭ قولىدا كەپشەرلىگۈچنى تۇتقىنىچە، پۈتۈن زېھنى بىلەن كەپشەرلەش مەشغۇلاتىنى تاماملاۋاتاتتى.
يېڭى ئىشقا كىرگەندە، ئۇ ۋىجىك ئىدى، نۇرغۇن خىزمەتداشلار ئۇنى بۇ جاپالىق ھەم ئېغىر تېخنىكىلىق ئىشنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن كىچىكىدىن تارتىپ بىڭتۇەندە چوڭ بولغاچقا، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان غەيرەت - شىجائىتى بۇرۇنلا ئۇنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن، سېخ ئۇنىڭ «جەڭ مەيدانى» بولۇپ قالدى، كەپشەرلىگۈچ بىلەن كەپشەر تاياقچىسى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمراھىغا ئايلاندى. ئۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىككى يىلدا تېخنىكا ماھىرى بولۇپ يېتىلدى.
2024 - يىلى، ليۇ جۇاڭجۇاڭ شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى. «پارتىيەگە كىرىش يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى. پېشقەدەم بىر ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر پۈتۈن ھاياتىنى چۆل - باياۋانغا بېغىشلىدى، بىز ياش بىر ئەۋلادلار جەزمەن بۇ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىمىز كېرەك» دېدى ئۇ.
دەۋر ئۆزگەرسىمۇ، روھ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن ئوغۇل - قىزلىرى ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، چۆل - باياۋاندىكى بوستانلىقلاردا پۇختا قەدەم تاشلاپ داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، بىڭتۇەن روھىنى ۋاقىت، زاماندىن ھالقىتىپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرماقتا.






