تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەجدادلار قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك بايلىققا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شىڭ تو، يۈەن خۇيجىڭ

6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى 2026 - يىللىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى.

مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارغا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەبىئەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ قىممەتلىك نەتىجىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

«مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ قالدۇرغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر.» بۇ «ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈش» چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتنى قەدىرلەش، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش ھەم «ئەجدادلار قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك بايلىققا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش»قا بولغان قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

1999 - يىلى 12 - ئايدىلا، دەل يولداش شى جىنپىڭنىڭ تۈرتكىسىدە، «شەرقىي جەنۇبتىكى مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل جاي دەپ تەرىپلەنگەن» فۇجيەن ۋۇيىشەن تېغى دۇنيا تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، «قوش دۇنيا مىراسى» دېگەن نامغا ئىگە بولدى.

2021 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەنگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تۇنجى بېكەتتىلا بۇ جايغا كېلىپ، سەمىمىي ئاگاھلاندۇردى: «ۋۇيىشەن تېغى تەڭداشسىز ئېكولوگىيە، ئادىمىيەت بايلىقىغا ئىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پەخرى، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۇنى ياخشى قوغداش كېرەك.»

بۇ خىل مېھىر - مۇھەببەت زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈشتە بولغاندىكى قەدەم ئىزلىرى مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىغا يېتىپ، مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتى ئۈچۈن يول باشلىدى، يول كۆرسەتتى −

سەنشىدىكى پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرىگە كەلگەندە مۇنداق تاپىلىدى: «تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئېكولوگىيەگە ھۆرمەت قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قوغداش كېرەك»؛

گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىدا زىيارەتتە بولغاندا مۇنداق تەلەپ قىلدى: «قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تاش غار قۇرۇلۇشى، رەڭلىك سىزما، تام رەسىملىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار پەن - تېخنىكىنى قوللىنىپ قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك»؛

خەينەن ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى دۆلەت باغچىسى ۋۇجىشەن بۆلەك رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تەقدىرى ئىنسانلار بىلەن زىچ باغلانغان» «ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىنى قاتتىق قوغداشنى يولغا قويۇش كېرەك».

قوغداش − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ كەلگەن ئاچقۇچلۇق سۆز. «تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قايتا ھاسىل بولمايدىغان، ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىق، قوغداشنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك» «دۆلەت باغچىسىنى كۈچەپ قۇرۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەسلىي چىنلىقى ۋە مۇكەممەللىكىنى قوغداپ، ئەۋلادلارغا تەبىئىي مىراسلارنى قالدۇرۇش كېرەك»... مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلاپ قېلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى، بوشاشماي ئەجىر سىڭدۈردى.

2024 - يىلى يازدا، «بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسى − جۇڭگو ئارزۇدىكىدەك پايتەخت تەرتىپىنىڭ نادىر ئەسىرى» قاتارلىقلار «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى نۇر چاچقۇزۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك».

«ياخشى قوغداش، ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ياخشى پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مىراسلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان تۇپراققا تارقالغان مىراسلار، قەدىمىي كىتابلارغا يېزىلغان يېزىقلارنىڭ ھەممىسى ئۈزلۈكسىز جانلاندۇرۈلدى.

نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن قىممەتلىك مىراسلار جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك نام كارتىسى، شۇنداقلا مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن بىرلىكتە 600 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە تيەنتەننى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، بارلىق شەيئىلەر ئىناق ئۆتۈش، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىش، زامانغا لايىقلىشىش ئىدىيەسىنى ھېس قىلدى؛ سىچۇەن چېڭدۇدىكى دۇجياڭيەندە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇرغاندا، مىڭ يىللىق سۇ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولىنى چۈشەندى... يېڭى دەۋردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپلىگەن سورۇنلاردا جۇڭخۇا قىممەتلىك گۆھەرلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى جانلىق بايان قىلدى.

2006 - يىلى تۇنجى قېتىم «مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى» تەسىس قىلىشتىن، 2017 - يىلىدىن باشلاپ تەڭشەپ «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» تەسىس قىلىشقىچە، 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا قىممەتلىك گۆھەرلىرى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا بارغانسېرى جۇلالاندى. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا مىراسلىرى ئومۇمىي سانى 60 تۈرگە يەتتى، 45 تۈر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى، ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

بىپايان زېمىن مەڭگۈ ياشنايدۇ؛ مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ شانلىق سەھىپىسى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ قەلبىگە پۈكۈپ، ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، بىزنى مەدەنىيەت گۆھەرلىرى ۋە تەبىئىي گۆھەرلەرنى ياخشى قوغداپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈ ساقلاشقا يېتەكلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.