− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقا دائىر كۆزىتىش
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ يۆياڭ، ۋاڭ جىنيۈ، جاڭ خەيلېي
ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلە.
«ئېنېرگىيەنى چىڭ تۇتقانلىق دەل دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىدىن ئىبارەت ھالقىلىق تۇتقىنى چىڭ تۇتقانلىق»، 2014 - يىلى 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە - ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 6 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق» ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، دۆلىتىمىز پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان ئېنېرگىيەنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىپ، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ، ئۇزاق مەزگىللىك ئۇلنى پۇختىلىماقتا.
ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش
ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۇلىنى پۇختىلاش
5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ بوخەي دېڭىزىدىكى 100 مىليون توننا دەرىجىلىك نېفىتلىك كېنلى 2 - 10 نېفىتلىك توپىنىڭ 1 - قارارلىق تۈرى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، نېفىتلىكنىڭ كۈندىلىك خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2800 توننىدىن ئېشىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان گېئولوگىيەلىك زاپاس مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تېيىز قاتلاملىق تاغ جىنس خاراكتېرلىك نېفىتلىكى بولۇپ قالدى.
نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش قەدىمى تېزلىتىلىپ، ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكى سىجىل مۇستەھكەملەندى.
ھازىر، ئامېرىكا - ئىسرائىلىيە - ئىران توقۇنۇشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا يۈز نەچچە كۈن بولدى، دۇنيا ئېنېرگىيە سودا تەرتىپى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشى مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئەۋرىشىملىك ۋە ئىشەنچ نامايان بولدى.
يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، دۆلىتىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ۋە ئېنېرگىيە ئىستېمال دۆلىتىگە ئايلىنىپ، «ئېنېرگىيە چوڭ دۆلىتى»دىن «ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى»گە ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت جىددىي ئېھتىياجغا دۇچ كەلدى.
2014 - يىلى 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مەركەز مالىيە - ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 6 - قېتىملىق يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئېنېرگىيە تەمىنلەش - ئېھتىياج ئەندىزىسىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، خەلقئارا ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدىكى يېڭى يۈزلىنىش ئالدىدا، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.»
بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمال ئىنقىلابى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىنقىلابى، ئېنېرگىيە تېخنىكا ئىنقىلابى، ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىنقىلابى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىشتىن ئىبارەت «تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق» ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.
ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالىدىغان ئىلمىي پىلانلاش دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭگوچە ئېنېرگىيە تەرەققىيات يېڭى يولىدا ياخشى مېڭىشىنى ئېنىق كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.
ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، نامۇۋاپىق ئېنېرگىيە ئىستېمالى تىزگىنلەندى −
ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئىستېرېئولۇق ئېنېرگىيە تېجەشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، بازارلاشقان ئېنېرگىيە تېجەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، يېشىل ئېنېرگىيە ئىستېمالى يېڭى ئەندىزىسى يېتىلدۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش بىلەن ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.
2012 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، دۆلىتىمىز يىلىغا ئوتتۇرىچە تەخمىنەن %3لىك ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئېشىش سۈرئىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يىلىغا ئوتتۇرىچە تەخمىنەن %6 ئېشىشىغا تىرەك بولدى، ئېنېرگىيە سەرپىياتى سىجىللىقى جەمئىي %27تىن ئارتۇق تۆۋەنلىدى.
ئېنېرگىيە تەمىناتى ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، كۆپ خىل تەمىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى −
تاشقاتما ئېنېرگىيەدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش سالمىقى زورايتىلىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئېنېرگىيە ساقلاش، توشۇش ۋە يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش نىسبىتى مۇقىم ھالدا %80تىن يۇقىرى بولۇپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئېشىش مىقدارىنىڭ %90تىن كۆپرەكى دۆلەت ئىچىدە ئۆز ئالدىغا كاپالەتلەندۈرۈلدى.
ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى −
يېشىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى قاتارلىقلار بىلەن ئېنېرگىيەدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاقىل ئېنېرگىيە تېخنىكىسى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىششقا قاراپ يۈزلىنىشى تېزلىتىلدى.
بىر تۈركۈم «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ» «دۇنيا بويىچە تۇنجى» ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدىن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مىكرو ئېلېكتىر تورى، مەۋھۇم ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغىچە، ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئېنېرگىيە تۈزۈلمىسى ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولى راۋانلاشتۇرۇلدى −
ئېنېرگىيە قانۇنچىللىق سىستېمىسى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئېنېرگىيە نۇقتىلىق ساھەلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرى كۈچەپ تۈگىتىلدى... بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئېنېرگىيەنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى سىجىل ئۆستۈرۈلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئېنېرگىيە قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، «ئوتتۇرىسىنى چىڭ باشقۇرۇش، ئىككى باشنى قويۇۋېتىش»تىن ئىبارەت ئېنېرگىيە تۈزۈلمە قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى، ئېنېرگىيە باھاسى مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
خەلقئارا ھەمكارلىق ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىلىپ، ئېچىۋېتىلگەن شارائىتتا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى −
ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭەيتىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش يېشىل ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا پۇختا تۈرتكە بولۇنۇپ، دۇنياۋى ئېنېرگىيە ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئورتاق تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشقا جۇڭگو كۈچى قوشۇلدى.
«15 - بەش يىل» مەزگىلى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، شۇنداقلا كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلى.
دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق» ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھازىر بىلەن كەلگۈسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، 2030 - يىلىغىچە يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرەك بولىمىز.
ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش
يېشىل تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش
سەھەردە، سىچۇەن چېڭدۇ شەھىرى لۇڭچۈەنيى رايونىدىكى ھىدروگېن قاچىلاش پونكىتىدا، سانائەت زاپچاسلىرى لىق قاچىلانغان ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان باتارېيەلىك يۈك ئاپتوموبىللىرى ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ ھىدروگېن قاچىلىدى، ئۇلارنىڭ مەنزىلى نەچچە يۈز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۇڭچىڭ ئىدى.
«چېڭدۇ - چۇڭچىڭ ھىدروگېن كارىدورى» 2021 - يىلى تۇتاشتۇرۇلدى ھەم سىجىل تۈردە سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ سىغىمى كېڭەيتىلدى، نۆۋەتتە سىچۇەن - چۇڭچىڭ ئىككى جايدا ھىدروگېن قاچىلاش پونكىتىدىن جەمئىي 41ى قۇرۇلۇپ، ئىشلىتىلىۋاتقان ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان باتارېيەلىك ئاپتوموبىل 2000دىن ئاشتى.
پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالغاندا، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە 40 مىڭغا يېقىن ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلغان باتارېيەلىك ئاپتوموبىل ھىدروگېن قاچىلاپ يولغا چىقتى، 500دىن ئارتۇق ھىدروگېن قاچىلاش پونكىتى زىچ تارقالدى. بۇ، تېخىمۇ پاكىز، مۇھىت ئاسرايدىغان مەنزىرە لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، يەنە ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى نامايان قىلدى.
دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، دۆلىتىمىز ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تەرەققىيات شەكلىنىڭ تەدرىجىي ھالدا بايلىققا تايىنىشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.
تەمىنلەش ئۇچىدا ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ خىل، پاكىز، بىخەتەر - ئەۋرىشىم بولغان ئېنېرگىيە تەمىناتى يېڭى سىستېمىسى تېز بەرپا قىلىندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنى تەدرىجىي چېكىندۈرۈش جەزمەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك سەپلىمىسى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك».
دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدىكى «يېشىل نەتىجە قەغىزى»نى ۋاراقلىغاندا، تاشقاتما ئېنېرگىيەدىن باشقا ئېنېرگىيەنىڭ ئىشەنچلىك سەپلىمە بولۇش ئىقتىدارىنىڭ مۇقىم ئاشقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئوت ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىدىن تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، كەڭ كەتكەن «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» يېڭى ئېنېرگىيە چوڭ بازىسىدىن بىپايان دېڭىز رايونىدىكى دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر مەيدانىغىچە، يەنە شەھەر - يېزىلارغا تارقالغان تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت تۈرىگىچە، شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشتىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ ئېلېكتىر، يادرو ئېلېكتىر، بىيوماسسىلىق توك چىقىرىش قاتارلىق پاكىز توك مەنبەلىرى كۆپ خىل كۈچ چىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى ئورتاق ئۆستۈردى. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 2 مىليارد 395 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئېشىپ، دۆلىتىمىز ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ تەخمىنەن %60.4ىنى ئىگىلىدى.
ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ تىرەك بولۇش ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولى يەنىلا كۈچلۈك بولماقتا ھەم تېخىمۇ پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرمەكتە.
زامانىۋىلاشقان كۆمۈر كانلاردا كۆمۈرنى يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تېز ئالغا سىلجىتىلدى؛ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش كونا رايونلىرىدا كېچە - كۈندۈز ئايلىنىۋاتقان كاچالكىلار يېنىدا، شامال گېنېراتورلىرى شامالدا ئايلىنىۋاتقان، تۇتاش كەتكەن يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى رەتلىك يېيىلغان بولۇپ، نېفىتلىكنى پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىدى؛ ئىلگىرىكى تاشلاندۇق كانلار، كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونلاردا يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى قۇرۇلۇپ، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلىدى... يېڭى بىلەن كونا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان سانائەت يېڭى مەنزىرىسى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ پۇختا قەدىمىگە گۇۋاھ بولدى.
يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كېلىپ، ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكنى ئۆستۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى.
يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا، شەرقتىن غەربكە كېسىپ ئۆتىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان ئېنېرگىيە تورى ئۇل ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى زىچ توقۇلۇپ، كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى جانلىق ئۆزگەرتىش چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، تەبىئىي گاز ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش ئېلېكتىر ئىستانسىسى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ كۆپ خىل تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى، بىر قاتار تەدبىرلەر سىستېمىنىڭ جانلىق تەڭشەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىغا تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى.
ئىستېمال ئۇچىدا ئېنېرگىيە ئىستېمال شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭى قويۇقلاشتۇرۇلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش بىلەن خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدۇ.»
قۇرۇلۇش ساھەسىدە قۇياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتقۇچنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشتىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تەبىئىي گاز قاتارلىق پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيەنى كۆمۈر قالاپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكىچە، ئاخىرقى ئۇچتا ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيەنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇش سەۋىيەسى سىجىل ئۆستۈرۈلۈپ، «تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش بىلەن خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات تەلىپى جانلىق ئەمەلدە كۆرسىتىلدى.
ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت ئىچى بازىرىدا سېتىلغان ھەر ئون يېڭى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئىچىدە ئالتىدىن كۆپرەكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بولغان.
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە كىرىشى ئېلىپ كەلگەن توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز توكلۇق ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى «ئۈچ يىلدا ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش» ھەرىكىتىنى يولغا قويدى، بۇ يىل 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى توكلۇق ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 21 مىليون 955 مىڭغا يەتتى.
ھەرقايسى جايلار ئىزدىنىپ قۇرۇۋاتقان نۆل كاربونلۇق زاۋۇت ۋە نۆل كاربونلۇق باغچە رايونلىرى «تەرەققىيات بىلەن بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش»نىڭ جانلىق ئىزاھاتى.
«بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتقانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازايتقانلىق ئەمەس». ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە تايىنىپ كاربون قويۇپ بېرىشنى مەنبەدىن ئازايتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كاربونسىزلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىدىن پايدىلىنىپ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلەش تاماملاندى... نۆل كاربونلۇق زاۋۇت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپلا قالماي، يەنە كاربون ئۈنۈمىنى يادرو قىلغان كەسىپ تەرەققىيات ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە كەسىپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى كۈچەيتتى.
«14 - بەش يىل»دىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت قاتارلىق ساھەلىرىدە بىرلىك ھاسىلاتنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى تەدرىجىي تۆۋەنلەش بىلەن بىللە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچ ئېنېرگىيە ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆت پىرسەنت پوئېنتتىن كۆپرەك ئاشتى. بىرى تۆۋەنلەش، بىرى ئۆرلەشتىن ئىبارەت ئۆزگىرىش دۆلىتىمىز ئېنېرگىيە ئىستېمالى قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا قاراپ قەدەم تاشلىغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، 2030 - يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزدە تاشقاتما ئېنېرگىيەدىن باشقا ئېنېرگىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %25كە يەتكۈزۈلىدۇ. پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش
ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇش
دۆلەت ئېلېكتىر تورى سەنشى ئۆلكىلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى نەق مال بازىرىنى نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش ئېكرانىدا، توك باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆرسىتىلىپ تۇراتتى. سېتىپ تۈگىتىش دەۋرىيلىكىنىڭ بەش مىنۇتقا قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جايدا ھەر كۈنى 288 قېتىم ئەمەلىي ۋاقىتتىكى توك باھاسى بارلىققا كېلىدۇ.
تېخىمۇ ئىنچىكە بولغان توك باھاسىنى ھېسابلاش سىستېمىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلغانلىقىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.
ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىز بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئېنېرگىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتى.
بازار ۋە باھا مېخانىزمى ئېنېرگىيە تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنىڭ ھالقىلىق تۇتقىسى. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق قاتمال ھالەت بۇزۇپ تاشلىنىپ، دۆلىتىمىز ئېنېرگىيە بازىرى سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك قايتا بەرپا قىلىنماقتا.
ھەربىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات ئېنېرگىيە بازىرى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، بازاردا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 1 مىليوندىن ئېشىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرى سودىسىدىكى توك مىقدارىنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %64كە يەتتى، ئاكتىپ ھاۋالىلىك يۈرۈشتۈرۈش سودىگەرلىرىنىڭ سانى 100دىن كۆپرەككە يېتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇتۇلدى.
تۈرلۈك تەدبىرلەر ئېنېرگىيە باھاسى مېخانىزمىنىڭ تېز مۇكەممەللىشىشىگە تۈرتكە بولدى: كۆمۈر ئېلېكتىر، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئېلېكتىر تورىغا ئۇلانغان توك باھاسى ئومۇميۈزلۈك بازارلاشتۇرۇلدى، يەككە سىغىملىق توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەش باھاسى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلدى، بۆلۈنمە ۋاقىتلىق توك باھاسى مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، تەبىئىي گاز يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنىدا باھا بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، كۆمۈرنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك بازار باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ئەلالاشتۇرۇلدى...
ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىغا ئۇيغۇنلاشقان بازار ۋە باھا مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، بازارنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازار باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ.
ئېچىۋېتىش ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئېنېرگىيە ساھەسىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭەيتىلىپ، ئېنېرگىيە خەلقئارا ھەمكارلىقى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىلدى.
5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئىمزالاپ، ئومۇميۈزلۈك ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى، كارخانىلارنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيەسى، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى گۇۋاھنامىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاشنى كېڭىشىپ بېكىتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى جەھەتتىكى «دوستلار چەمبىرىكى» كۈنسېرى زورايدى: ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىر تورىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇردى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش يېشىل ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بىلەن يېشىل ئېنېرگىيە تۈرى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى.
ئېنېرگىيەنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خەلقئارا ھەمكارلىقى كۈچەيتىلىپ، ئېنېرگىيە ئۆلچىمىنىڭ جەمئىي 500دىن ئارتۇق چەت ئەل تىل - يېزىقى نۇسخىسى ئېلان قىلىندى؛ مۇھىم خەلقئارا پائالىيەتلەر مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈلۈپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ ئېنېرگىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى توغرىسىدىكى باياناتى» «دۇنياۋى ئېنېرگىيەنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشى 2030 - يىللىق سۇجوۋ ئارزۇسى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك ھۆججەتلەر ئېلان قىلىندى... دۆلىتىمىزنىڭ دۇنياۋى ئېنېرگىيە ئىدارە قىلىشتىكى رولى «ئەگىشىپ قاتنىشىش»تىن «تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكلەش»كە ئۆزگەردى.
تارماق ئېقىنلارنى توسۇپ قويمىغاندىلا، دەريا - دېڭىز ھاسىل بولىدۇ.
ھازىر، دۇنياۋى ئېنېرگىيە ئەندىزىسى چوڭقۇر تەڭشەلمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز سۈرئەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنماقتا، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ئىچكى - تاشقى جەھەتتىكى چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە. ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش ئۇزاق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەھمىيىتى زور.
«15 - بەش يىل»غا يۈزلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئارقىلىق ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدۇ. پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسى ئاستا - ئاستا نامايان بولماقتا، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ پۇختا ۋە كۈچلۈك ئېنېرگىيە تىرىكى بىلەن تەمىنلەشنى ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ جۇشقۇن، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان تەرەققىيات قۇۋۋىتى قوشىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)






