«3+5» ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ 1 - تۈركۈمدىكى ھەمتۈرتكىلىك يېڭىلىق يارىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش سىياسىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك يېڭىلىق يارىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىغان بولۇپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى قۇرۇلۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، بۇ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئۈچ چوڭ بۆلەك رايونى بىلەن «5 + 3» ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن.
شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋىۋىسكا ئېسىلىپ يۈرۈشتۈرۈلگەن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنىپ، سېلىنما، سودىنى قولايلاشتۇرۇش، ئۆزگىچە كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەجرىبىسىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 2025 - يىلى 12 - ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى بەش ھەمتۈرتكىلىك يېڭىلىق يارىتىش رايونى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى. ھەرقايسى جايلار «بىر رايونغا بىر لايىھە» قۇرۇلۇش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىي 300دىن ئارتۇق ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنى يولغا قويدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەمتۈرتكىلىك يېڭىلىق يارىتىش رايونى «ئىككى رايون، ئىككى خىل مۇلازىمەت» دەپ بېكىتىلدى. دىققەت تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆپەيتىش ۋە كېڭەيتىش بويىچە ئالدىن يولغا قويۇش رايونى قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى، ھەرقايسى جايلار «كۆپەيتكىلى بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆپەيتىش، كۆپەيتىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆپەيتىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇكەممەللەشكەن ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پورت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يەرلىك خاسلىققا بىرلەشتۈرۈپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، توشۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىغا توغرىلىنىپ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇردى؛ دىققەت ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئۆزگىچە كەسىپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى، ھەرقايسى جايلار «باش ئىشتاب + بازا» ئەندىزىسىگە تايىنىپ، مۇناسىپ بۆلەك رايونلارنىڭ پەرقلىق ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، تارماق رايونلار يېتەكلەيدىغان، ناھىيە رايونى ئۈستىگە ئالىدىغان، بايلىق جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان كەسىپ تەرەققىيات سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەمتۈرتكىلىك يېڭىلىق يارىتىش رايونى مەۋقەنى رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشقا قويۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش، ئۆلكە ھالقىپ ھەمكارلىشىش قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى. پورت، قۇرۇقلۇق پورتى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى يولىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان كەسىپ زەنجىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت غەربكە ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا تۈگۈنى قۇرۇشنى تېزلەتتى.
نۆۋەتتە، ھەرقايسى ھەمتۈرتكىلىك يېڭىلىق يارىتىش رايونلىرى ئۆزگىچە تەرەققىيات يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى. سانجى ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى بىلەن نۇقتىلىق ھەمتۈرتكە بولۇپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدە چوڭقۇر ئىزدەندى؛ بايىنغولىن ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈرۈمچى، قەشقەر بۆلەك رايونىغا ئۇدۇللىشىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە - چوڭقۇر پىششىقلاش كەسپىنى كۈچەيتتى؛ بورتالا ئوبلاستى ئۈرۈمچى، قورغاس بۆلەك رايونى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشقا مەركەزلەشتۈردى.
جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى جايلار پەرقلىق بولغان تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل بىرلەشمە تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى تورىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - ساياھەت، مائارىپ، ئىقتىساد - سودا قاتارلىق كۆپ ساھەدىكى چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى پايدىسىنى سىجىل يەتكۈزدى.






