□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ مىڭيۈ، جېڭ شىن
ھەيۋەتلىك باۋتاشەن تېغى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان يەنخې دەرياسى. 6 - ئايدىكى يەنئەندە، قۇياش نۇرى ياڭجيالىڭدىكى گەمە ھويلىسىغا چۈشۈپ تۇراتتى، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى مەركىزىي چوڭ زالنىڭ ئۆگزىسىدە جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. زالنىڭ ئىچىدە، قىزىل گالىستۇكلۇق چۈشەندۈرگۈچى ساياھەتچىلەرگە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان ئاشۇ «ئىتتىپاقلىق يىغىنى، غەلىبە يىغىنى»نى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.
ھەربىر خىش - كاھىش، ھەربىر ئوت - چۆپكە پارتىيەنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرى ۋە شانلىق نەتىجىلىرى نەقىشلەنگەنىدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىدىن سايلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ يەنئەنگە كېلىپ، ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايغا ھۆرمەت بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.
پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى يىغىن ئورنى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ جايغا كۆپ قېتىم كەلدىم، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە ئىشلەۋاتقاندا ھەر قېتىم يەنئەنگە كېلىپ كۆرۈپ كېتەتتىم، ھەر قېتىم روھىي جەھەتتىن تاۋلىناتتىم.»
ۋاقىت ئىزنالىرىغا ئەگىشىپ ئەينى يىللاردىكى مۇھىم تارىخىي پەيتلەرگە نەزەر سالساق، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدىلا ئىدى، 14 يىل قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋالدى. ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىستىقبال ۋە تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق تاللاشقا دۇچ كەلدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلىش ھارپىسىدا ئېچىلغان پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى ئىلگىرىكى ئىنقىلاب تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، جۇڭگونى پارلاق ئىستىقبالغا يېتەكلەشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەم تاجاۋۇزچىلىق ھاقارىتىگە ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىشى، ھەم يېڭى جۇڭگونىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك ئىدى.
1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 7 - قۇرۇلتىيى يەنئەن ياڭجيالىڭدىكى مەركىزىي چوڭ زالدا ئېچىلدى. قۇرۇلتايغا قاتناشقان رەسمىي ۋەكىل 547 كىشى، كاندىدات ۋەكىل 208 كىشى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1 مىليون 210 مىڭ پارتىيە ئەزاسىغا ۋەكىللىك قىلاتتى. يولداش ماۋ زېدۇڭ ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، قۇرۇلتايغا «بىرلەشمە ھۆكۈمەت توغرىسىدا» تېمىسىدىكى سىياسىي دوكلاتنى تاپشۇردى ھەم ئاغزاكى دوكلات بەردى. قۇرۇلتايدا يېڭى مەركىزىي كومىتېت سايلاپ چىقىلدى.
ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى يېڭى دېموكراتىزملىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، جۇڭگونى سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش قىلىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن ئېسىل ئىستىلىنى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئىستىلى، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئىستىلى، ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئىستىلىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستىلغا يىغىنچاقلىدى.
ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى ھەم پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ، پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى بولۇپ، پارتىيەمىزنى ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە ۋە تەشكىلىي جەھەتتە مىسلىسىز ئىتتىپاقلاشتۇردى ھەم بىرلىككە كەلتۈردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ 7 - قۇرۇلتاي يىغىن ئورنىغا ھۆرمەت بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرگەندە مۇنداق دېدى: پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى پارتىيە تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ كېيىن ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن توغرا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، توغرا يول ئېچىپ بەردى.
ئەينى يىلدىكى يىغىن مەيدانىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىزنىڭ سىناق ۋە ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ھەممە يەردە غەلىبە قىلالىشىدىكى ئاچقۇچ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق ياراتقانلىقى ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق ياراتقانلىقىدا.»
ئىنقىلاب نەزەرىيەسى بولمىسا، ئىنقىلاب ئەمەلىيىتى بولمايدۇ. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودا ئىجادىي تەتبىقلىنىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇشى، ئەمەلىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى توغرا نەزەرىيەۋى پىرىنسىپ ۋە تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى تۇنجى تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
بۈگۈنكى 7 - قۇرۇلتاي يىغىن ئورنىغا كىرگەندە، 24 قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئاۋۋالقىدەكلا جۇلالىنىپ تۇرغان بولۇپ، «ماۋ زېدۇڭ بايرىقى ئاستىدا غەلىبىلىك ئىلگىرىلەيلى» دېگەن 12 چوڭ خەت كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. ئىلگىرى مىللەتنىڭ پارلاق ئىستىقبالى ئۈستىدە ئىزدەنگەن جاي روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەيدىغان قىزىل مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندى.
«بۇ جايدىكى ھەربىر كونا بۇيۇم ئەسلىي مەقسەت پۈتۈلگەن جانلىق تارىخىي كىتاب. مەن داۋاملىق تۈردە ھارارەتكە، ئورتاق ساداغا تولغان شەكىل ئارقىلىق ياڭجيالىڭ ھېكايىسىنى، پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، مەنىۋى كۈچنى قەلبلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزىمەن» دېدى يەنئەن ياڭجيالىڭ ئىنقىلاب كونا ئورنىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى ليۇ چىڭيەن.
100 يىللىق زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ھەقىقەت ئۇچقۇنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى، ئىجادىي نەزەرىيە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى.
يەنئەن ياڭجيالىڭ ئىنقىلاب كونا ئورنىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەن شياۋخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيى ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە بايرىقىغا پۈتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈۋاتىمىز.»
يۈكسەك غايە، ئۇلۇغۋار ئىرادىگە ئىگە پارتىيە روشەن ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھامان، غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)






