شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ۋەكىللەر قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايوندىكى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرىنى مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش، رىقابەت كۈچىگە ئىگە خاس كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن زۇمرەت ئوبۇل، ۋاڭ مىڭشەن، مەمتىمىن قادىر، ئەنۋەر تۇرسۇن، لى شيەنفا قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
ۋەكىللەر ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى ھەم بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرى، 13 - شى شىنشىڭ شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، كەسىپلەر باغچە رايونى، ساھە كارخانىلىرى ۋە تۈر بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئەھۋالنى ئىگىلىدى.
ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كانچىلىقنىڭ تىپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپقا ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر توپىنى نۇقتىلىق يېتىلدۈرۈپ، ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش يوللىرىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى. كېيىنكى قەدەمدە، داۋاملىق تۈردە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى ۋە مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىغا قويۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە يېڭى زەنجىر يېتىلدۈرۈلگەن، زەنجىر كېڭەيتىلگەن ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
ۋەكىللەر مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمىزنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك بولىمىز. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئاقىلانە تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىپ، تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى كۆپرەك كۆرسىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋەكىللىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.






