تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تىرىك چېگرا تېشى» مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ

ئۇ بۇ جاينى ئۆمۈر بويى قوغدىدى، ئۇلار ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى بۇ جايغا بېغىشلىدى

«تىرىك چېگرا تېشى» مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

«باش شۇجى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.»

«باش شۇجى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بىز بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.»

بۇلتۇر 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەن چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلەپ، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى، بىڭتۇەن 9 - شى 161 - تۇەنىنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى ۋېي دېيوۋ پەخىرلەنگەن ھالدا شۇنداق دېدى.

«باش شۇجى كۆرۈشۈش نەق مەيدانىغا كەلگەندە، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. باش شۇجى كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ھۆرمەت بىلدۈردى، پات - پات ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. شۇ چاغدا مەن مەيدەمگە <1 - ئىيۇل ئوردېنى>نى ئېسىپ، 1 - رەتتە تۇردۇم، ھەم ھاياجانلاندىم، ھەم بەختلىك ھېس قىلدىم.» سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ۋېي دېيوۋنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى، «بۇ ئۆمرۈمدە ھېچ ئىش قىلمىغان بولساممۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ماڭا شۇنچە يۇقىرى شان - شەرەپ بەردى، مەن تاكى ماغدۇرۇمدىن قالغۇچە چېگرانى چارلاش، چېگرانى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمەن.»

ۋاقىتنى 1964 - يىلىغا قايتۇرساق، ئەينى چاغدا 24 ياشلىق ۋېي دېيوۋ قىسىمدىن شەرەپ بىلەن كەسىپ ئالماشتۇردى. ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشقا تىزىملىتىپ، ئۆيىنى چېگرا لىنىيەسىدىكى ساربۇلاق يايلىقىغا ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، «ئۆيۈم يولنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا، چېگرا تېشى ئۆيۈمنىڭ كەينىدە، چېگرادىكى دەريا بويىدا زىرائەت تېرىدىم، چېگرا لىنىيەسىدە كالا - قوي باقتىم» بۇ، ۋېي دېيوۋ بىلەن خوتۇنى ليۇ جىڭخاۋنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئايلاندى.

ساربۇلاق يايلىقى ئەمەلىيەتتە بىر پارچە چۆل - جەزىرە بولۇپ، قىش پەسلىدە قار يېغىپ قەھرىتان سوغۇق بولىدۇ، ياز پەسلىدە پاشا - ھاشاراتلار يامراپ كېتىدۇ، ئەتراپتىكى نەچچە ئون كىلومېتىر دائىرىدە ئاھالىلەر ناھايىتى ئاز ئىدى. ئىلگىرى شارائىت جاپالىق چاغلاردا، دائىم قېلىن قار يېغىپ يوللار توسۇلۇپ قالاتتى، پەقەت قىرتاق، شورلۇق سۇ ئىچىشكە، گەمىلەردە تۇرۇشقا، سوغۇق موما يېيىشكە توغرا كېلەتتى.

ۋېي دېيوۋ خوتۇنىنىڭ ھەمراھلىقىدا چېگرا لىنىيەسىنى قوغداپ، ھەر كۈنى «چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى تۆت گۆھەر» − بىر كونا سۇدان، بىر رادىيو، بىر دۇربۇن، بىر قامچىنى ئېلىپ، ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى ئەمەلىي تەكشۈردى. 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، چېگرانى چارلاش ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، چېگراغا يېقىنلاشقان 10 مىڭدىن ئارتۇق چارۋىنى توسۇپ، چېگراغا يېقىنلاشقانلاردىن 1000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇۋەتتى ۋە توستى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ۋېي دېيوۋ چېگرا لىنىيەسىدىكى «تىرىك چېگرا تېشى»غا، يۇرتداشلارنىڭ قەلبىدىكى «لاۋۋېي تاغا»غا ئايلاندى.

2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان - شەرەپنى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا بەردى، ۋېي دېيوۋ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئەينى يىلى ئوردېن بېرىش سەھنىسىگە چىققان كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، ۋېي دېيوۋ ھېلىھەم ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ: «باش شۇجى ئۆزى ماڭا ئوردېن بەردى ھەم ماڭا: سىلەر قەھرىمان، دېدى.»

ئاتا - بوۋىسىنىڭ ساداقەتمەنلىكى پەرزەنتىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. 2017 - يىلى، ۋېي دېيوۋنىڭ 2 - قىزى ۋېي پىڭ شەندۇڭدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ساربۇلاق يايلىقىغا قايتىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، دادىسىدىن كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، چېگرا قوغدىغۇچى بولۇپ، چېگرانى چارلاپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھېكايىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، قىزىل ھېكايىلەرنى خالىس چۈشەندۈرۈپ، قۇم - بوراندا تاۋلىنىپ ئۆسۈپ يېتىلدى. «دادام ئۆمۈر بويى بىرلا ئىشنى قىلدى، يەنى ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغدىدى، مەن ئۇنىڭ ئەسلىي مەقسىتى بويىچە چېگرانى داۋاملىق قوغدايمەن» دېدى ۋېي پىڭ.

پېشقەدەم ئەسكەرنىڭ چىڭ تۇرۇشى يەنە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى ياش خەلق ساقچىسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى جۇلالاندۇردى. 2019 - يىلى، جېجياڭ يىۋۇلۇق ياش چېن يۈنسۇڭ ساربۇلاق يايلىقىغا كېلىپ، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى تارباغاتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ جىيەك چېگرا ساقچىخانىسى ساربۇلاق چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا تۇرۇشلۇق خەلق ساقچىسى بولۇپ، ۋېي دېيوۋ بىلەن قوشنا بولدى.

جياڭنەندىكى سۇ ماكانىدىن غەربىي شىمال چېگراسىغىچە، چۆللۈكتىكى غېرىبسىنىش، يۇرتىنى سېغىنىش ئازابى ئىلگىرى چېن يۈنسۇڭدا تەۋرىنىش پەيدا قىلغانىدى. ۋېي دېيوۋنىڭ سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىشى بىلەن، ھەر قېتىملىق ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، تىنچ - ئامانلىقنى قوغداش ئەمەلىيىتى داۋامىدا، چېن يۈنسۇڭ چېگرانى قوغداش ئېتىقادىنى چىڭىتتى، ياشلىق باھارىنى چېگرا چارلاش يولىغا سىڭدۈردى، ئەسلىي مەقسىتىنى چېگرا تېشىنىڭ يېنىغا نەقىشلىدى، «لاۋۋېي تاغامنىڭ چىڭ تۇرۇشى ماڭا چېگرانى قوغداشنىڭ جاپا ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى، تاللاش ئەمەس، بەلكى زىممىگە ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

«چېگرانى چارلاش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئېگىز - پەس يوللار تۈپتۈز ئاسفالت يولغا ئايلاندى، چارلاش ئاپتوموبىلىمىز بار بولدى، يەنە ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلىتىدىغان بولدۇق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلمايدۇ، ئىتتىپاق - ئىناق ئۆتىدۇ!» ئۆتكەن 60 يىللىق چېگرا چارلاش يولىنى ئەسلىگىنىدە، ۋېي دېيوۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى، بارغانسېرى كۆپلىگەن ياش شىنجاڭغا كېلىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنى خالايدىغان بولدى.»

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.