—— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەن سەپىرىنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، ياڭ يىجۈن، خەن لياڭ
21 ھۆرمەت موتوسىكلىتىنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك مۇھاپىزەت قىلىشىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئەترىتى پىڭراڭنىڭ شىمالىدىكى شۈنئەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن شەھەر مەركىزىدىكى جىنرىچېڭ مەيدانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن قارىغاندا، ئالدى بىلەن كۆزگە چېلىقىدىغىنى تۇتاش كەتكەن شال ئېتىزلىرى بولۇپ، ياپيېشىل مايسىلار مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى؛ شەھەر ئەتراپىغا يېقىن جايدا، شەكلى ھەر خىل رەت - رەت زامانىۋى بىنالار قەد كۆتۈرگەنىدى، بۇ پىڭراڭ خېشېڭ رايونىنىڭ يېڭى قىياپىتى؛ شەھەر رايونىغا كىرگەندە، كەڭ، پاكىز چوڭ كوچىدا، مۇدەن چوققىسى ئېتىكىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارى، گىرانىت تاشتىن قوپۇرۇلغان ھەيۋەتلىك زەپەر دەرۋازىسى، ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تۇلپار مىس ھەيكىلىنى كۆرگىلى بولىدۇ... تارىخ بىلەن رېئاللىق بۇ جايدا گىرەلىشىپ كەتكەنىدى.
«ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ گۈزەل پىڭراڭغا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ھەم ئىنتايىن يېقىملىق ھېس قىلدىم.» «مۇشۇ يىللاردا، پىڭراڭدا نۇرغۇن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بوپتۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.
جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كەلدى، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش ئۈچۈن كەلدى. 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىپ، تاغ - دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەتكە كەلدى.
ئىككى كۈن ۋاقىتتا، توققۇز مەيدان پائالىيەت زىچ ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىمقى سەپەردە، قىممەتلىك ئۆتمۈشنى، ئىللىقلىققا تولغان ھازىرنى ۋە پارلاق كەلگۈسىنى ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
جۇڭگولۇق ئەزىز مېھماننىڭ زىيارەتكە كېلىشى پۈتكۈل دۆلەتنىڭ كاتتا بايرىمىغا ئايلاندى.
بۇلتۇر 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى جىن جېڭئېن تيەنئەنمېن راۋىقىدا يانمۇيان تۇرغان تارىخىي سۈرەت ھېلىھەم كۆز ئالدىمىزدا ئېنىق گەۋدىلىنىپ تۇراتتى؛ بۈگۈنكى كۈندە، پىڭراڭدىكى جىن رىچېڭ مەيدانىدا جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ گۈزەل مېلودىيەسى ياڭرىدى.
جەۋلان قىلىپ تۇرغان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى «جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭى»نى ئىزاھلىدى، ھەممە جايدا كۆرگىلى بولىدىغان پىلاكات، لوزۇنكىلارغا «مۇستەھكەم دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. ئايروپورت، كوچا، مەيدان... باش شۇجى شى جىنپىڭ بارغانلىكى جايدا ئالقىش سادالىرى، تەنتەنە سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى، بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن كىشىلەر بايراق، گۈل ۋە شارلارنى پۇلاڭلاتتى، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
باش شۇجى جىن جېڭئېن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىپلا پىڭراڭغا كېلىشى «چاۋشيەن تەرەپ ئۈچۈن غايەت زور ئىلھام»؛ «ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئەزىز مېھمان»نى «بىز ئەڭ داغدۇغىلىق، ئەڭ قىزغىن قارشى ئالىمىز».
مۇنداق بەزى ئىنچىكە تەپسىلاتلار كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى −
تۇنجى كۈنى، جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىدىكى سۆھبەتنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن، مۇلەن سارىيىدىكى كەچلىك زىياپەتكىچە، زور تۈركۈمدىكى شەھەر ئاھالىلىرى ئاممىسى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قىزغىن قارشى ئالدى، كەچلىك زىياپەت ئاخىرلاشقاندا گۇگۇم چۈشكەن بولۇپ، رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پىڭراڭ تەنتەربىيە سارىيىغا بېرىپ ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى، تەنتەربىيە سارىيىنىڭ سىرتىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئوخشاشلا بۇ جايدا ساقلاپ تۇرغان زور تۈركۈم شەھەر ئاھالىلىرى ئاممىسى بىلەن لىق تولغانىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كادىرلار مەكتىپىدە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئاستا - ئاستا مەكتەپ ئىچىگە كىردى، نەچچە يۈز ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قارشى ئالدى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى گۈل تەقدىم قىلدى. ئوقۇتۇش بىنالىرى ئارىسىدىكى ئورمانلىقتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى جىن جېڭئېن بىرلىكتە قولىغا گۈرجەك ئېلىپ توپا يۆلەپ، سۇ ئەكىلىپ سۇغىرىپ، تۆت پەسىل كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر تۈپ ئاق شەمشاد دەرىخى تىكتى، كۆچەت تىكىش بەلگە ئابىدىسىگە جۇڭگو تىل - يېزىقى ۋە چاۋشيەن تىل - يېزىقىدا «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنايدۇ» دېگەن خەتلەر ئويۇلغانىدى.
زىيارەتكە بارغان كۈنى، چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ باش بېتىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى، ماقالىدە مۇنداق يېزىلدى: «شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشى سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مۇقەررەر ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، مەڭگۈ ياشنايدۇ.»
ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئورتاق تاۋلاندۇق، ھەقىقىي ئالتۇن كۈچلۈك ئوتتا بىلىنىدۇ. بۇ دوستلۇق سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش، مىللەت مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى داۋامىدا بارلىققا كەلدى، يۇرت ۋە ۋەتەننى قوغداش، تىنچلىقنى قەتئىي قوغداش ئۇرۇش ئوتىدا تاۋلاندى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش داۋامىدا سىجىل مۇستەھكەملەندى ھەم راۋاجلاندى.
6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى زىيارەت قىلدى.
18 يىل ئىلگىرى، 2008 - يىلى 6 - ئايدا، ئەينى چاغدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەندە زىيارەتتە بولدى، بۇ، «مەركەزدە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندىكى بىرىنچى بېكەت» بولۇپ، دوستلۇق مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلغانىدى.
يەتتە يىل ئىلگىرى، ئاشۇ قېتىم چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇپ دوستلۇق مۇنارىنى زىيارەت قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېغىشلىما دەپتىرىگە: «قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتەيلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەنىدى. بۇ بېغىشلىما ئۆزگەرتىلىپ يېڭىلانغاندىن كېيىنكى دوستلۇق مۇنارى خاتىرە زالىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا قويۇلغانىدى.
يېشىل تاغلار جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئابىدە سۈكۈتكە چۆمگەنىدى، قەھرىمانلىق ئۇلۇغۋار روھى يىللار ۋە تاغ - دەريالار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنىدى.
خاتىرە زالىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەغەزلىرى سارغىيىپ كەتكەن پىدائىي قىسىمدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىسىملىكىنى قولىغا ئېلىپ، ئەستايىدىل ۋاراقلاپ كۆردى، باش شۇجى جىن جېڭئېنغا پىدائىي قىسىمدىكى قۇربان بولغان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئىلگىرىكى كۈنلەرنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش بىز ئاشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك تارىخىي ئەسلىمىسى، ھازىر يەنە جۇڭگو ئەۋلادلىرىغىمۇ تارقالدى» «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش، ئۇلۇغ جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش كېرەك».
بۇ يىل «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى نامايان بولماقتا.
بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ «ئۆزگەرمەيدۇ» ئارقىلىق جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى؛ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئەمەلىي ھەمكارلىق، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تۆت نۇقتىلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ھەم كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئىتتىپاقلىقى يەنىمۇ كۈچەيدى، چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلدى.
تارىخ يۈكلىگەن بۇرچقا ۋارىسلىق قىلىندى، دەۋر بېكىتكەن يېپيېڭى كوردىنات نىشانلاندى.
«ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە پۇرسەتنى ئىگىلەش كېرەك»، «سوتسىيالىزمنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىش كېرەك»... بۇنىڭدىن كىشىلەر ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىكنى ئېنىق ھېس قىلالايدۇ.
جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش»، شۇنداقلا «سوتسىيالىزم يولىدىكى سەپەرداشلار».
چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كادىرلار مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەندە، ئوقۇتۇش بىناسىدىكى ماركس، لېنىننىڭ چوڭ رەسىمىنى كۆرگىلى بولىدۇ، پەلەمپەيسىمان سىنىپنىڭ كارىدور تېمىدا «پۈتۈن پارتىيە ئۆگىنەيلى» دېگەن شوئار كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى جىن جېڭئېن كەلگەندە، كۇرسانتلار «چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ تاشقى سىياسىتى» دەرسىدىكى «سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى» توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىۋاتاتتى.
بۇ يىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە قەدەم قويدى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 9 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەزگىلىنى ئاچتى.
ئورتاق ئىش، ئورتاق غايە ئورتاق ئەسلىي مەقسەتتىن كەلگەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ ئۆز پارتىيەمىز ۋە ئۆز دۆلىتىمىز ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتسەكلا، مۇقەررەر ھالدا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم بولۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى ۋە پارلاق ئىستىقبالىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلالايمىز.»
دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا دىپلوماتىيەسى يەنە بىر قېتىم «جۇڭگو پەيتى»گە كىردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى پىڭراڭ سەپىرىدە، مەۋقە ئىككى تەرەپكە قويۇلغان، دۇنياغا نەزەر سېلىنغان بولۇپ، بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بەس - بەستە «شەرققە قاراۋاتقان»، ئامېرىكا، رۇسىيە رەھبەرلىرى يېقىندا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېيجىڭغا زىيارەتكە كەلگەن ئارقا كۆرۈنۈشتە ئېلىپ بېرىلدى.
چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ زىچ كۈنتەرتىپى دۇنيا ئەندىزىسىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈردى. دۇنيانىڭ نەزەرى مەركەزلەشكەن ھەربىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى ھازىرقى كۆپ ئۆزگىرىپ داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، يەنە دەۋرنىڭ ئېقىمى، تارىخنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈردى.
«چاۋشيەن تەرەپ يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسكەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردى.» «باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى.» باش شۇجى جىن جېڭئېننىڭ تەسىراتى چاۋشيەن تەرەپنىڭ چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىشىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى يەتكۈزدى.
تاغلار دەريا سۈيىنى توسۇپ قالالمايدۇ، دەريا سۈيى ھامان شەرققە قاراپ ئاقىدۇ. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاھاننى قەلبىگە پۈكۈشتەك بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى: «جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ جۇلالىق دەۋر نۇرىنى چاقنىتىپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى - گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز» «شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقەررەر ھالدا تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت جاھاندىكى توغرا يولدا ئورتاق ياخشى ماڭىدۇ».
6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، پىڭراڭ تەنتەربىيە سارىيى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى.
«مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» «يەسىمەنگۈلى» «قىزىل بايراق جەۋلان قىلماقتا»... ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر چاۋشيەن خەلقى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ناخشىلارنى قالتىس ئورۇنلىدى. چاۋشيەنلىك سەنئەتكارلار يەنە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى مەدھىيەلەيدىغان «يېڭى مەنزىل» «ئالقىشلايمىز يېڭى دەۋرنى» ناملىق ئىككى ناخشىنى ئالاھىدە ئورۇنلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن چىن قەلبىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
جۇشقۇن ھېسسىياتقا تولغان «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنىسۇن» ناملىق ناخشا ئويۇننى ئەۋجىگە كۆتۈردى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، تېز ۋە كۈچلۈك رىتىم شەكىللەندۈردى −
«يالۇجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى سۈپسۈزۈك، مەڭگۈ توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ. چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مەڭگۈ ياشنايدۇ؛ سوتسىيالىزم يولىدا مەھكەم قول تۇتۇشۇپ ماڭساقلا، مۇقەررەر ھالدا ئۇلۇغ تارىخ، يېڭى سەھىپە يارىتالايمىز!»
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)






