«مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى»
شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار 200 مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەت ئۆتكۈزىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مېي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى»، 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە، شىنجاڭدا 2026 - يىللىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» ھەم 14 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانى پائالىيىتى باشلىنىدۇ، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خەلققە مەنسۇپ بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ»دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار 200 مەيداندىن ئارتۇق باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى مول نەتىجىلەرنى مەركەزلىك نامايان قىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، قومۇل شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئاساسىي يىغىن مەيدانى قومۇل شەھىرىدە تەسىس قىلىنىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە، قومۇل شەھەرلىك مۇزېي ۋە شەھەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزى مەيدانى ئالدىدا بەش چوڭ باش تېمىلىق كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىدۇ: «يىپەك يولىدا يىلتىزنى ئىزدەش . مەدەنىيەتنى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈشنى ھېس قىلىش كۆرگەزمىسى»دە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ؛ «بارماق ئۇچىدىكى ھۈنەرۋەن روھى . غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر - سەنئىتى بويىچە ھۈنەرۋەن روھى كۆرگەزمىسى»دە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر - سەنئىتى توپلىنىدۇ؛ «قومۇلدا مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش . غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملار بازىرى»غا ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆزگىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەززىلىك تائاملىرى توپلىنىدۇ؛ «يىپەك يولىدا ياڭرىغان مېلودىيە . غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ناخشا - ئۇسسۇل كۆرىكى رايونى»دا كىلاسسىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىياتىرلىرى قويۇلىدۇ؛ «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كاتتا يىغىلىشى . غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىش رايونى»دا تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى ۋە قولدا ياسالغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بۇيۇملىرى توپلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇزىكا - ئۇسسۇل كۆرىكى، قاپاق نەي مەخسۇس مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى، مەشرەپ ئويۇنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كەشتىچىلىك يۇغۇرما كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىنىدۇ.
ھەرقايسى جايلاردىكى شۆبە مەيدان پائالىيەتلىرىمۇ ئوخشاشلا قالتىس نامايان قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قالتىس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى ئۆتكۈزىدۇ ھەم مەززىلىك تائاملار، ئويۇن، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، ھېس قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى بەرپا قىلىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئايلىنىش، ئويناش، مال سېتىۋېلىش، ھېس قىلىش جەريانىدا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ؛ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئېسىل بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ھەم ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئېكسكۇرسىيەچىلەر نەق مەيداندا نەچچە ئون غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى ئويۇنىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى شىنجاڭ خۇائېر، قازاق مىللىتىنىڭ ئايتىس، شىنجاڭ چۈزى تىياتىرى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرى كۆرىكىنى تەشكىللەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەشتە، قاپاق ئويمىسى، گۈل چىقىرىلغان موما، تۇخۇم ئويمىچىلىقى، قەغەز قىيما، قۇم سىزما، سىچۇەن كەشتىچىلىكى قاتارلىقلار بويىچە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر - سەنئىتى ۋارىسلىرىنى نەق مەيداندا كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
قەشقەر ۋىلايىتى ئون ئىككى مۇقام، دولان مەشرىپى قاتارلىق كىلاسسىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇزىكا - ئۇسسۇللىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىدۇ؛ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ساپال بۇيۇملار كەنتىدە ئەسلىي ئىجادىيەتلىك چۆكۈش شەكلىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىياتىرى «يىپەك يولىدىكى ساپال بۇيۇملار مېلودىيەسى» ئورۇنلىنىدۇ ھەم كۆپلىگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورنى ئارقىلىق، ساپال بۇيۇم، گۈللۈك رەخت قاتارلىقلارنى ئىشلەش ھۈنەر - سەنئىتىنى ھېس قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش . ھۈنەرۋەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىش» فۇجيەن - سەنشى - سانجى كەشتىچىلىك كۆرگەزمىسى ۋە «تىڭجوۋدىكى ھۆسنخەت . كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىش» تەقلىدىي ھۆسنخەت كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كۆرگەزمىنى ئۆتكۈزىدۇ. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى نەق مەيداندا يەنە كەشتە، گۈل چىقىرىلغان موما، قەغەز قىيما، چاي سەنئىتى قاتارلىقلارنى ئۆگىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.
قاراماي شەھىرى «پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش . غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈش»نى باش تېما قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مۇزىكا، ئۇسسۇللىرىنى كۆرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن خۇشال ھۇزۇرلىنىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بۇيۇملىرىنى خۇشال سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆزگىچە پائالىيەتنى قانات يايدۇرىدۇ ھەم «پەن - تېخنىكا ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كۈچ قوشۇش سۆھبەت يىغىنى»نى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
مەدەنىيەت مىراسلىرى شىنجاڭنىڭ ئۆتمۈشىنى خاتىرىلەپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى ئوزۇقلاندۇرماقتا. ھەربىر مەيدان جانلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، ھەربىر قېتىملىق چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان مەدەنىيەت سۆھبىتى قەدىمىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچى ۋە رەڭدارلىقىنى ئۇرغۇتماقتا.






