تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى: بىر قېتىملىق چوڭقۇر ماركسىزملىق ئىدىيەۋى تەربىيە ھەرىكىتى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى\ۋاڭ پېڭ، جاڭ بىن

ياز كۈنلىرى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي يەنئەن بىر يىل ئىچىدىكى گۈزەل مەزگىلنى كۈتۈۋالدى.

زاۋيۈەن، ياڭجيالىڭ، ۋاڭجياپىڭ... بۇ ئىنقىلابىي كونا ئورۇنلار ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەر قەلبىدىكى تەلپۈنۈشلىرى بىلەن قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ھېس قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىنقىلابىي كونا ئورۇن بولغان يەنئەن پارتىيەمىزنىڭ يەنئەندىكى مەزگىلىدە جۇڭگو ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت شانلىق مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولغان، ئۇ، مەڭگۈ ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان كىتاب».

بۇ «ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان كىتاب»نى ۋاراقلىغاندا، يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر قىسىم.

پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلاتى ئىنتايىن زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسكىن ئىمتىھان سوئاللىرى ئوخشاشلا ياش كوممۇنىستلارنىڭ ئالدىغا قويۇلدى.

«پارتىيە ئىچىدە ئىدىيە بىر مەزگىل پەقەتلا بىرلىككە كەلمىدى. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنى مۇقەددەسلەشتۈرۈۋېتىش، ماركسىزمنى دوگمىلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ئەينى چاغدىكى يەنئەندە خېلى بازىرى بار ئىدى.» شەنشى يەنئەن كادىرلار شۆيۈەنى پارتىيە تارىخى - پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن شۆۋېن مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز تېخى ماركسىزمنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن ياخشى بىرلەشتۈرۈپ بولالمىغانىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەيدان ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەش ۋە ئۆز - ئۆزىنى ئاقارتىش ئېلىپ بېرىپ، نېمىنىڭ ھەقىقىي ماركسىزم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى.

1938 - يىلى 10 - ئايدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ پارتىيەنىڭ كېڭەيتىلگەن 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا، «ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش» چاقىرىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى؛ شۇنىڭدىن كېيىن، ئارقا - ئارقىدىن «جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى» «يېڭى دېموكراتىزم توغرىسىدا» قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيەۋى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئىدىيە جەھەتتىن قوراللاندۇردى.

20 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەنئەننى مەركەز قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە دائىرىسىدە بىر قېتىملىق چوڭقۇر ماركسىزملىق ئىدىيەۋى تەربىيە ھەرىكىتى − يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.

يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى سۇبيېكتىۋىزم، گۇرۇھۋازلىق، پارتىيە باگۇسىغا قارشى تۇرۇپ، ماركسىزملىق ئىستىل تىكلەش ئىدى. ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى «ئىلگىرىكىدىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەم ئىدىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەم يولداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتتى. يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئۆگىنىشىمىزنى ئۆزگەرتەيلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى ھەم «پارتىيە ئىستىلىنى تۈزىتەيلى» «پارتىيە باگۇسىغا قارشى تۇرايلى» دېگەن تېمىلاردا نۇتۇق سۆزلەپ، ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە ئومۇميۈزلۈك قانات يېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

1943 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ، مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئىستىل تۈزىتىش پارتىيەنىڭ تارىخىي مەسىلىسىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش باسقۇچىغا كىردى. تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەش ئاساسىدا، جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يەنئەندە كېڭەيتىلگەن 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، «بىرقانچە تارىخىي مەسىلە توغرىسىدىكى قارار»نى پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاپ، بىرقانچە زور تارىخىي مەسىلە ئۈستىدە يەكۈن چىقىرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىغا دائىر ئاساسىي مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈردى.

شۇنىڭ بىلەن، يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى: «يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى مەركەزلىك ھەرىكەت بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيەۋى لۇشيەن ۋە سىياسىي لۇشيەننى توغرىلاپ، سۇبيېكتىۋىزم، گۇرۇھۋازلىق، پارتىيە باگۇسىنى تۈگىتىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.»

بۇ، پارتىيەمىز تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئىدىيەۋى لۇشيەننى پۈتۈن پارتىيە دائىرىسىدە قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.

يەنئەن ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيە جەھەتتە تاۋلىنىشىدىن ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى چوڭ مۇھاكىمە ئېلىپ كەلگەن ئىدىيەدە زور دەرىجىدە ئازاد بولۇشقىچە، يەنە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ ئىزدىنىشىگىچە... پارتىيەمىزنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق كۈرەش تارىخى پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، پارتىيەنى نەزەرىيە بىلەن قۇدرەت تاپتۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەش تارىخى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىدىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش - تەربىيەسىگىچە، يەنە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگىچە... پارتىيە ئىچىدىكى ھەر قېتىملىق مەركەزلىك تەربىيەنىڭ ھەممىسىدە ئىدىيەۋى تەربىيە باشلامچى قىلىنىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش قاتلاممۇقاتلام تەدرىجىي سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىدىيەۋى نەزەرىيە ئاساسى پۇختىلىنىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرغىسى ياڭرىتىلدى.

باۋتا مۇنارىنىڭ شانلىق نۇرى كەلگۈسىنى يورۇتتى.

چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق ھالدا پارتىيەنى ھەممە جەڭدە غەلىبە قىلىدىغان، يېڭىلمەس بىر پارچە قاتتىق پولات قىلىپ تاۋلاپ چىقىپ، شان - شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەرگە ئۈزلۈكسىز ئاتلاندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.