تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭنىڭ داۋالاش ساھەسى پات ئارىدا «ئاقىل يېڭى ھالەت»نى كۈتۈۋالىدۇ

ئاساسىي قاتلامدا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا «AI مەسلىھەتچى» بولىدۇ، سوزۇلما كېسەللىكلەرنى «بۇلۇت باشقۇرغۇچى» باشقۇرىدۇ​

شىنجاڭنىڭ داۋالاش ساھەسى پات ئارىدا «ئاقىل يېڭى ھالەت»نى كۈتۈۋالىدۇ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، رەقەملەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسىدىن ئىبارەت تۆت تارماق بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ <سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + داۋالاش - ساقلىق ساقلاش> قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىي قوللىنىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىش، تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى(2026 - يىلىدىن 2028 - يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭدىكى مەقسەت، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشىغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.

«لايىھە»دە قايسى نۇقتىلىق مەزمۇنلار بار؟ ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى يىرىك پىلان - تەرەققىيات ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لياڭ شياۋجۇ بۇنى يېشىپ چۈشەندۈردى.

نېمە ئۈچۈن «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + داۋالاش» زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىدۇ

شىنجاڭدا يەر كەڭ، ئاھالە شالاڭ، چوڭ دوختۇرخانىلار شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تارقىلىشى تەكشى ئەمەس، يېتەرلىك ئەمەس، بۇ، رېئال قىيىن مەسىلە. AI گەرچە دوختۇرنىڭ ئورنىنى ئالالمىسىمۇ، لېكىن ئاساسىي قاتلام دوختۇرلىرىنىڭ دىياگنوزى تولۇق بولماسلىق، خاتا ھۆكۈم قىلىش خەۋپىنى ئازايتىشتا ياردەمچى بولالايدۇ.

سوزۇلما كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس. يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، بىر ئائىلە دوختۇرى كوللېكتىپى نەچچە يۈز ئاغرىققا مەسئۇل بولۇشقا توغرا كېلىدۇ، ئادەم كۈچى ئارقىلىق تېلېفوندا ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش ئەندىزىسىنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك بولۇپ، ھەربىر بىمارغا ۋاقتىدا ئەسكەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەس. AI ئارقىلىق ئاپتوماتىك ئەسكەرتىش ۋە خەۋپ - خەتەرنى باھالاشنى كىرگۈزسە، دوختۇرلارنى تەكرار ئەمگەكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى زېھنى كۈچىنى تېخىمۇ كەسپىي بولغان دىياگنوز قويۇش، داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىشتا «ئاغزاكى ئۆگىتىپ، قەلبكە ئورنىتىش»قا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، بۇ ئەندىزىگە چوڭقۇر ئىلمىي ئەنئەنە مۇجەسسەملەنگەن، لېكىن زامانىۋىلاشتۇرۇش جەريانىدا، تەجرىبىلەرنى مىقدارلاشتۇرۇش قىيىن بولۇش، ۋارىسلىق قىلىش ئۈنۈمى چەكلىك بولۇش قاتارلىق ئوبيېكتىپ مەسىلىلەر تەدرىجىي گەۋدىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭيى دورىسى دورا تەييارلاشتىن قاينىتىشقىچە بولغان نۇرغۇن قول ھۈنەر ھالقىلىرىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، سۈپەتنى كونترول قىلىشتا خىرىسقا دۇچ كەلدى. «لايىھە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ «كۆرۈش، ئاڭلاش، سوراش، تومۇر تۇتۇش»نى قۇرۇلمىلىق سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئادەم سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان خاتالىق پەرقىنى ئازايتىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ ئۆلچەملەشكەن تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

«ئۇنىڭدىكى نىشان تېخنىكا ئارقىلىق كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش» دېدى لياڭ شياۋجۇ.

ئامما داۋالىنىشتا قانداق كونكرېت ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىدۇ

ئاساسىي قاتلامدا دىياگنوز قويۇش - داۋالاشتا، AI «مەسلىھەتچى» بولىدۇ. 2028 - يىلىغا بارغاندا، ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ياردىمىدە دىياگنوز قويۇش ۋە سۈرەتنى پەرقلەندۈرۈشنى يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدە دائىملىق قوللىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. سۈرەتكە ئېلىپ تەكشۈرگەندە، AI گۇمانلىق كېسەللىك تۈگۈنىنى ئەسكەرتىدۇ؛ رېتسېپ يازغاندا، سىستېما چەكلىنىدىغان ئىشلارنى ئاپتوماتىك تاسقاپ تەكشۈرۈپ رەتلەپ چىقىدۇ ھەم رېتسېپنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا يوللاپ بېرىدۇ، دورىگەر يىراقتىن قايتا تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ.

ئوپېراتسىيە قىلىش، دورا ئىشلىتىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردا بىردەك AI ياردەمچىسى بار بولۇپ، ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادىمى، ئاقىل دورىخانا، يىراق مۇساپىلىك دورا ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش ھەم سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ماشىنا ئادىمى قاتارلىقلارنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېسەلخانىدا ياتقان مەزگىلدە، كارىۋات يېنىدىكى ئۈسكۈنىلەر كېسەللىك ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچەپ تۇرىدۇ؛ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، رەقەملىك ئادەم قەرەللىك ھالدا ئىزلاپ زىيارەت قىلىپ ئەسكەرتىش بېرىدۇ.

«ئاممىۋى سەھىيە ھالقىسىدا، سوزۇلما كېسەللىكلەر ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەرگە دەل جايىدا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ» دېدى لياڭ شياۋجۇ.

سوزۇلما كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇشتا، AI «باشقۇرغۇچى» رولىنى ئوينايدۇ. شىنجاڭ ساغلاملىق باشقۇرۇش چوڭ مودېلى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا سوزۇلما كېسىلى بار ئاغرىقلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى قوللاش مەركىزىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى AIدىن كەلگەن ۋاقتىدا دورا ئىچىشنى ئەسكەرتىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. كەيمە ئۈسكۈنىلەردە سانلىق مەلۇماتلارنى ئاپتوماتىك يوللىغىلى بولىدۇ، سىستېما نورمالسىز ئەھۋاللارنى ئاپتوماتىك تاللايدۇ ھەم نۇقتىلىق باشقۇرىدۇ.

ئانا - بالىلار ۋە ياشانغانلارغا قارىتا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش بار. «بۇلۇتتىكى ئانا - بالىلار» سۇپىسىغا تايىنىپ بالىلارنىڭ يېتىلىشىنى توردا باھالاش قانات يايدۇرۇلىدۇ، يۇقىرى خەۋپ كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ھامىلىدارلار - تۇغۇتلۇق ئاياللارنى تەكشۈرۈشتە 5G ۋە كەيمە ئۈسكۈنە ئىشلىتىلىدۇ. ياشانغانلار ئارىسىدا AI ئارقىلىق ساغلاملىقنى تەكشۈرۈش نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، مەھەللە، دوختۇرخانا، ئائىلە پۈتۈن زەنجىرلىك مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. ۋاكسىنا باشقۇرۇش سۇپىسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالدىن كېلىشىش ۋە ۋاكسىنا ئەملەشنى ئەسكەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىگەندە بىرمۇ بالىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

«جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ھالقىسىدا، كېسەلنى ئېنىقلاپ رېتسېپ يېزىش تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ، داڭلىق، پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىگە رەقەملەشتۈرۈپ ۋارىسلىق قىلىنىدۇ» دېدى لياڭ شياۋجۇ تونۇشتۇرۇپ.

جۇڭيى تېبابىتى بويىچە دىياگنوز قويۇش - داۋالاشتا، AI «كۆرۈش، ئاڭلاش، سوراش، تومۇر تۇتۇش»تا ياردەمچى بولىدۇ. جۇڭيى دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچى دىياگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، تىل گېزى، تومۇر سوقۇشى قاتارلىق ئۇچۇرلار سانلىق مەلۇماتقا ئايلاندۇرۇلۇپ، AI تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، كېسەللىكنى ئېنىقلاش ھەم رېتسېپ يېزىش تەكلىپى بېرىدۇ. داڭلىق، پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ ئىلمىي ئىدىيەسى رەقەملەشتۈرۈپ ساقلىنىدۇ، ياش دوختۇرلار خالىغان ۋاقىتتا ئۆگىنەلەيدۇ.

جۇڭيى دورىلىرىنى ئىشلىتىش ھالقىسىدا، AI سۈپەتنى تىزگىنلەشتە ياردەمچى بولىدۇ. پۈتۈن جەريانلىق ئۇچۇرلاشقان ئاقىل جۇڭيى دورىخانىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇششاق توغرالغان دورىلارنى سېتىۋېلىش، ساقلاش، تەڭشەشنى رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دورا تەڭشەشتىكى سەۋەنلىك ئازايتىلىدۇ. جۇڭيى دورىسىنى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا يەنە رەقەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە سۈپەتنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

«ئاۋۋال نۇقتىدا سىناق قىلىپ، كېيىن كېڭەيتىمىز.» لياڭ شياۋجۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەرقايسى جايلارنىڭ «ئىجارە ئېلىشنى قۇرۇشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش» ئۇسۇلىنى ئاۋۋال سىناق قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، بۇنىڭدا باشلىنىشىدىلا ئۆزى مۇلازىمېتىر سېتىۋالمىسىمۇ، ئاپپارات ئۆيى قۇرمىسىمۇ بولىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يەنە «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش بويىچە ئۈلگىلىك داۋالاش ئاپپاراتى» باھالاپ چىقىلىدۇ ھەم مەبلەغ جەھەتتە مەدەت بېرىلىدۇ. كىلىنىكىلىق بۆلۈملەر بۇ ئىشنى ياخشى قىلالىسا، دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈملىرىنى ئىلتىماس قىلىشتا ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

«لايىھە»دە ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى «بىرتۇتاش پىلانلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بىرتۇتاش پىلانلاش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئاممىۋى سۇپا ۋە ئوچۇق كودلۇق مەھەللىلەردە ئالدىن قوللىنىپ، تۆۋەن سەۋىيەدە تەكرار قۇرۇلۇش قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ھېسابلاش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ئىككى خىل يول ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلار ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي ئىشلار بۇلۇت سۇپىسىغا بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ يۇقىرى ھېسابلاش ئىقتىدارى سەرپىياتى كەسپىدە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش ئىقتىدارىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئەقلىي ھېسابلاش بايلىقىنىڭ ئايلىنىشىغا تايىنىپ، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېھتىياجغا ئاساسەن تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بايلىق ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، «لايىھە»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تېببىي پەن، ئۇچۇر تېخنىكىسى، سانلىق مەلۇمات ئىلمى، ئەقلىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ پەنلەر گىرەلەشمە يۇغۇرۇلغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ. تېببىي پەن بىلەن قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى گىرەلەشمە ئىگىلىگەن ئالاھىدە ئىختىساسلىقلار ئۇنۋان باھالاش - تەكلىپ قىلىنىش، تۈر ئىلتىماس قىلىش جەھەتتە ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. «ئادەتتىن تاشقىرى» يېتەكلەش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، AI سىستېمىسىنى مەخسۇس ئادەم ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىدىمۇ قىزىل سىزىق سىزىلىپ، «كىم ھوقۇق بەرسە شۇ مەسئۇل بولۇش» «كىم تىجارەت قىلسا شۇ مەسئۇل بولۇش» ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى، تېخنىكا بىخەتەرلىكى، ئېتىكا بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەم بويىچە رامكا ئورنىتىلىپ، خەۋپ - خەتەر قەرەللىك بىرمۇبىر تەكشۈرۈلۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى تەشكىللىنىپ، ئىشتىن بۇرۇنقى، ئىش جەريانىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى پۈتكۈل جەرياننى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ خاتىرجەم ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.